مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1337|ئىنكاس: 21

[قانۇن] قايسى قاراش توغرا ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 10:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0(5).jpeg

قايسى خىل قاراش توغرا؟


ئىسراپىل ئەمەت

-2014يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى

تۈنۈگۈن بىردوستىمىز مەسلىھەت سورىغاندا،تېلېفوندا  ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بۈگۈن ماتىرياللارنى ئەكەلگەندە قارىسام، ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەن:"2013-يىلى8-ئاينىڭ17-كۈنى تەرەپلەر 570مىڭ يۇەنگە ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈپ ئالدىن 70مىڭ يۇەننى رەنە بەرگەن،قالغان پۇلنى ئىككى ئاي ئىچىدە  ئىككىگە بۆلۈپ  تاپشۇرىدىغان، ئەگەر تاپشۇرالمىسا70مىڭ يۇەن قايتۇرالمايدىغان. "بولۇپ توختام تۈزۈشكەن ئىكەن. كىيىن ئىككى ئايمۇ توشۇپتۇ، بۇكىشى خوتەندىن كەلگەن بولۇپ:"ياتاقتا ياتساممۇ ياتىدىكەنمەن،ئاچقۇچنى بەرسىلە ئۆي قۇرۇق تۇرسىمۇ تۇرىدۇ،مەن ياتقاچ تۇراي."دەپ چىرايلىق گەپ قىلسا،ئۆي ئىگىسى ئاچقۇچنى بىرىپ قويىدۇ.ئاچقۇچنى قولىغا ئېلىپلا تاش پۇلىغا باشقىلارغا بىرىدىغان قەرزىگە ھىساپلاپ ئۆينى تۇتۇپ بىرىدۇ.ھازىرمانا بىريىلدىن 3ئاي ئېشىپتۇ، ئۆينى بوشىتىپ بەر دەپ بارسا:" مانا مەن خەقتىن سېتىۋالدىم"دەپ،سېتىۋالغان ھۆججەتنى چىقىرىدىكەن.بۇنىڭغا خېلى يامان قانۇن كىشىللىرىمۇ ئامال قىلالماي،ئۆيدە باشقىلار خاتىرجەم ئولتۇرۇۋاتقىدەك.بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆي ئىگىسى قانداق قىلىش كىرەك؟
جاھاننىڭ ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشچان بولىدىكەن، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ ياشاش كىرەكتە! يېڭى ئەھۋالغا يەنە يېڭىچە بىرنىمە دىمەي بولمايتى،بۇ مەسىلىنى خىزمەتداشلىرىمغا مۇزاكىرە قىلغۇزۇش نەتىجىسىدە مۇنداق ئىككى خىل كۆز-قاراش شەكىللەندى:
بىر خىل قاراشتىكىلەر توختام ئالدامچىلىغى دەپ جىنايى ئىشلار بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئاساسى:« پۈتكۈل ئۆي ئېلىم-سېتىم  ئىشىدا، ئۆي ئىگىسنى ئىككىسى تىل بىرىكتۈرۈپ ئالداش خارەكتىرى مەۋجۇت. يەنى 70مىڭ يۇەن رەنە پۇلىنى چىقارغۇچى،ئۆي كۆرۈپ سۆزلەشكۈچى، توختام تۈزگەن نەق مەيداندا بار بولغان كىشى دەل  ئۆينى ھازىر ئىگەللەپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئىككىسى بىرلىشىپ ئالداش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن.شۇڭا،جىنايى ئىشلار بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش كىرەك.»دەپ قارىدى.
يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بولسا، ھەق تەلەپ بويىچە سوت مەھكىمىسىگە دىلو تۇرغۇزۇش كىرەك دەپ قارىدى. بۇلارنىڭ ئاساسى: "70مىڭ يۇەننى رەنىگە قويۇپ ئوي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئېلىم-سېتىم ئىشىدا توختام ھۆججەت بار  ئەھۋالدا، ساقچىنى «ئالدامچىلىققا» ئىشەندۈرۈش تەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچى ئارلاشسا «مەن ئۆينى باشقىلاردىن سېتىۋالدىم» دەپ ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ساقچى" سوتقا ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىڭلار" دەپ ھىچنىمە قىلالمايدۇ." دىگەندىن ئىبارەت بولدى.
بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئورۇنلۇق تەرىپى باردەك قىلىدۇ. قېنى سىز قايسى خىل كۆزقاراشنى ياقلايسىز؟  




قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110235
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:33:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق تەلەپ بولامدۇ، ئالدامچىلىق بولامدۇ ئىشقىلىپ قايسىسى ئۆينى تىزراق ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ياخشى بولسا شۇ بويىچە قىلسا بولمىدىمۇ، بۇنى تۈرگە ئايرىپ ئا توغرىمۇما توغرىمۇ دەپ توغىسىنى ئايرىپ بولغۇچە ئۆي ئىگىسى يەنە كۈتىدىكەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110376
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2014-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:34:36 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىندا چۈشىنىكسىز، كىم ئۆي ساتماقچى ، تەرەپدار دىگەن كىم ؟ ئا  ب  س      دەپ  ئىسىم قۇيۇپ  ئاندىن  يازسىڭز بولمامدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:36:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ دىلودا ئۆيگە ئەسلى ئىگدارلىق قىلغۇچى بىلەن رەنە پۇلى قويۇپ ئۆي كۆرگۈچىنىڭ مەسئۇليىتى بار ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۋاتقان كىشى بىلەن ئالاقىسىز چۇنكى بۇ كىشى بۇ ئۆينى باشقىلاردىن قەرىزگە ھىساپلاپ ئالغان
ئۆيگە ئەسلى ئىگىدارلىق قىلغۇچى باشقىلارغا ئىشىنىپ رەنە پۇلى قويغۇچىغا ئولتۇرۇشقا بەرگەن بىراق رەنە پۇلى قويغۇچى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ توختام ئالدامچىلىقى كەلتۇرۇپ چىقارغان

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!
alsoy705 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:55:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:58:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مىنىڭچە ھەق - تەلەپ دەۋاسى قىلىشى كىرەك . توختام بۇيىچە ھوقوق-مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنىشى ، بولمىسا توختام جاۋابكارلىقى بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈلۈشى كىرەك . ( جۇڭگۇچىلىقتا قانداق بۇلار ھە ؟)

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 11:09:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا جاھان نىمە بوپكەتتى ، كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورقمايدىكىنە بۇ كىشىلەر.

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94202
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 11:22:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس سامان ئارلاشمىسا لاي
ھارامدىن قوقمىغان ئادەم خۇدادىنمۇ قوقمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار سۇتقا چىقسا پاكىتلار تولۇق ئەمەسمىكەن ؟ نىمىشقا سوتقا چىقمايدۇ ؟ بۇ باياندىن قارىسا پاكىتلار خېلى تولۇقكەنغۇ ؟ توختام باركەن ، پۇل بەرمىگىنى ۋە ئۆينى ساتقىنى راسكەن ، ھەقتەلەپ داۋاسى قىلىپ پۇلىنى ياكى ئۈيىنى ئالسىلا بولىدىكەن غۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈينى قانداق ساتقاندۇ ؟ ئۈينى ساتتى دىگەنلىك ئۈي نامىنى سېتىلغۇچىغا يۈتكىدى دىگەنلىك بولىدۇ ، يۈتكىمىگەن بولسا ئۈينىڭ نامى ھازىرغىچە دەسلەپكى ساتقۇچىنىڭ نامىدا دىگەنلىك ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش