مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3135|ئىنكاس: 29

[قانۇن] نىكاھ توغرىلىق مەسلىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 01:00:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0(318).jpeg

نىكاھ توغرىلىق مەسلىھەت سورايمەن



ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم بارتى:
مەن توي قىلغىلى بىر يىل بولغان، 3 ئايلىق قىزىم بار. ھازىر تازا كىلىشەلمەي ئاجرىشىدىغان بولۇپ،ئايالىم مەندىن بالىنى تالىشىۋاتىدۇ. ئۇ بالىنى ئىمىتىپ باقمىغان ،شۇنداقتىمۇ مەن بالىنى بىرەي دىدىم. لىكىن،"بىريىل خوتۇن بولدۇم بۇنىڭغا تۆلەم ئالىمەن،بالام ئەينەكتە تۇرغاندا پۇلىنى تەڭ تولىگەن قالغان يېرىمىنى بىرىسەن،بالىغا ھەرئايدا بېقىش ھەققى ئالىمەن."دەپ مىنى سەل بۆزەك قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئايالىم بۇرۇن  بۆرەك ئوپېراتسىيىسى قىپتىكەن،شۇنىڭ تەسىرىمۇ ھامىلدار بولۇپ ئازغىنە ۋاقىتتىن كىيىن، قان بېسىمى ئۆرلەپ بالىنىمۇ بالدۇر ئېلىۋەتكەن. كىيىن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەن،" دوختۇر ئەمدى تۇغساڭ بولمايدۇ" دىگەن ئوخشايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆلەم بىرىسەن دەۋاتىدۇ. مەسلىھەت بەرسىڭىز، قانداق  قىلسام بولا؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىندىشىم!
تۈنۈگۈن ئاخشام سورىغان سۇئاللىرىڭىزنى بىر ئاخشام ئويلىنىپ،ئەتىگەندىلا سىزگە جاۋاپ يېزىۋاتىمەن. سىزنىڭ سورىغان مەسىللىرىڭىز، يەنە  بىرتەرەپتىن جەمىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىغىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۇرۇتۇپ بىرىدۇ.ئەسلى «ئاللاھ ئايال كىشىنى ئەركىشىنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن ياراتقان» دىگەننىڭ مەنىسىى ئانچە ئاددى  بولماسلىغى كىرەك ئىدى! ئەر-ئايال راھەت-پاراغەتتىلا ئەمەس ،جاپا-مۇشەققەت بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغاندىن،ئۆلۈمدىن باشقا ھىچ نەرسە ئايرىۋىتەلمەيدىغانلىقتىن دىرەك بىرەتتى.ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نوقۇل پۇل-مال بىلەنلا چەكلەنسە، دۇنيانىڭ ئىللىقلىغى تامامەن تۈگىگەن بولىدۇ خالاس.ئەلەكمۇللا ، بىز جەمىيەتنىڭ يۆلىنىشىنى بىكىتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسمىز،ئىجتىمائى مەسىلىنى بىرئىككى ئادەمنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا،ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك:
نىكاھ ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا قانداق ئادەمنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز،ئاۋال ئەپلەشتۈرۈشنىڭ گېپىنى قىلىۋىتىپ،ئىككى تەرەپ پىكرىدە چىڭ تۇراۋالسا ئاندىن ئايرىيدىغان سۆزنى قىلىدۇ.چۇنكى ئەقلى-ھۇشى بار ھەرقانداق ئادەم، بىر ئوبدان ئائىلىنى بۇزۇلۇپ كەتسۇن دىمەيدۇ.شۇڭا،نىكاھ مەسلىڭىزنى يەنە بىرقېتىم باشقىلارغا مەسلىھەت سالماي، ئۆزىڭىز يالغۇز ئولتۇرۇپ مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى يۈرىگىڭىزنى تىڭشاپ بېقىپ ئوبدان بىر ئويلىنىڭ!
ئەگەر پەقەت بولمىدى دىسىڭىز،قانۇن سىزگە مۇنداق جاۋاپ قىلىدۇ:
نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشتا، مۇرەسسە يەنى كىلىشتۈرۈش ئاساس. كىلىشىپ بىرتەرەپ قىلىنغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىدىن ئازار يىمەيدۇ.نىمىشقا ئەر دەيمىز؟ ئايالىنى ھەر جەھەتتىن قوغدىغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئەر بولىدۇ.ئاجرىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھالەتتىمۇ، بىر ئەر كىشى ئايالىنى قوغدايدۇ،كەڭ قوساقلىق بىلەن يول قويىدۇ(بولۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئالىمەن دىگىنى بىرىدۇ).دىمەكچىمەنكى، چىرايلىق كىلىشەلىسەڭلار، خەلق ئىشلار ئىدارىسدا 9 يۇەن بىلەن، بىرسائەتكە قالماي ئاجرىشىپ كىتەلەيسىز.
ياق، كىلىشەلمىدۇق دىسىڭىز! دەۋاتەرتىۋى بويىچە، سوت مەھكىمىسىدە دەۋالىشىپ بىرتەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.دەۋا دىگەن كالا ھارۋىسىدا ئۆلتۇرغاندەك دىمىسەكمۇ، رېلىستىن چىقماي ماڭىدىغان ئاستا سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرغاندەك بىرئىش.بىر-ئىككى يىلغا سۆرىلىش دىگەن نۇرمال ئىش، نەچچە ئون يىلغىچە دەۋا بىلەنلا ئۆتىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز  ئەمەس. بۇ پاتقاققا پېتىپ قالغان كىشى، قىمارۋاز تاۋكادىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەندەك بولدى قىلغىسى كەلمەي قالامدىكىن دەيمەن.
خوش،سوت دەۋا تەرتىۋىدىن ئىبارەت ئاستا پويىزغا چۈشىۋالدۇق.
1. ئاۋال ئەر-ئايالنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقەتەن بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىغى بىرىنجى تەكشۈرىدىغان ئىش. بۇزۇلغانلىغى ئېنىق بولسا، ئاجرىشىشقا يول قويىدۇ.بولمىسا، ئۆي تۇتۇشقا ھۆكۈم قىلىپ 6 ئاي قاراپ باقىمىز.6ئايدىن كىيىن يەنە ئاجرىشىشقا كەلسە، گەپ سۆز-يوق ئاجراشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
2.   3 ئايلىق قىزىڭىزنىڭ مەسىلىسىدە، قۇچاقتىكى بالىلارنى ئومۇمەن ئانىسى تەربىلىگىنى تەبىئەت قانۇنى ۋە ئىجتىمائى قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن! ئانىسى روھى كىسەل ۋە ياكى باشقا ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولمىسىلا،2 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئانىسى تەربىلەيدۇ.
        3.بالىنىڭ بېقىش راسخوتى مەسىلىسىدە، بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش راسخوتلىرىنى بالىنى باققۇچى تەرەپكە تەمىنلەپ بىرىمىز.مۇقىم كىرىمى بولسا،20-30پىرسەنتىگىچە ھىساپلىنىدۇ. مۇقىم كىرمى بولمىسا،شۇجاينىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال ئۆلچىمى بويىچە بەرسە بولىدۇ.
        4.ئايالىڭىزنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىسا ئىش تېپىۋالغىچە، تۇرىدىغان يېرى بولمىسا ئۆي تېپىۋالغىچە،ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز كىرەك.
        5.باشقا تەلەپلىرىڭلارنىڭ قانۇنى ئاساسى بولمىغانلىرى رەت قىلىنىدۇ.ئايالىڭىزنىڭ بىر يىل خوتۇن بولدۇم، تۆلەم بىرىسەن دىگىنى يولسىزلىق بولىدۇ. ئەرگە تىگىش مەدىكارلىق ياكى ئىشلەمچىلىك ئەمەس،ئۇنىڭغا ئىشلىگەن ۋاختىغا قاراپ ھەق بىرىلمەيدۇ. پەقەت، قىلغان ئىشىنىڭ ئۈنىمىگە قارايمىز! توي قىلىپ ئەرنى باي قىلىۋەتكەن بولسا، بايلىقنى تەڭ ئالىمەن دىسە تامامەن بولىدۇ. ئەرنى قەرزدار قىلىۋەتسە، قەرزىنى تەڭ تۆلەپ بىرىپ ئاجراشسا بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرىدا قالغان يول يوق!

قانۇن بىلەن ئويناشما !

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13718
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1979 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 02:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تىمىنى كۆرۈپ مەنمۇ  مەسلىھەت سوراپ بىقىش نىيتىگە  كەلدىم

مەن توي قىلغىلى 11  يىلدىن ئاشتى  2  ئوغلۇم بار  چوڭى 10  ياشتىن ئاشتى كىچىكى  6  گە كىرىپ 1 ئايلىق ئاشتى  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا  قىينى ئانام تولا ئارلىشىۋىلىپ   تۇرمۇشىمىز  تازا  ئەپلەشمەيۋاتىدۇ.
ئايالىمنىڭمۇ ئۆي تۇتقىسى بار  بىراق شۇنداق ۋاقىرشىپ قالساقمۇ  .ياكى  ئۇرشۇپ قالساقمۇ قىينى ئانام  كىلىپ  ئۆيىگە  ئەپكىتىدۇ . مۇشۇنداق قىلسا  توغرا بولامدۇ .
مەن قانۇن ئارقىلىق  ئۆزۈمنى قوغدىسام بولامدۇ؟  بولامدۇ قانداق قوغدىسام بولىدۇ .
ھازىرمۇ مانا   16  كۈن بولدى  2  بالامنى ماڭا  تاشلاپ بىرىپ  قىينى ئانام  قىزىنى  سىنى  نىمىشقا  ئۇردىكەن دەپ  ئەكەتكىلى  ئايالىم  ئۇرمىدى  ۋاقىرشىپ قالدۇق دىسىمۇ  ئۇنىماي ئەكەتتى . مەن قانداق قىلسام بولىدۇ .
مەسلىھەت  بەرگەن بولسىڭىز .!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirikbuya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 02:31 PM  


كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13718
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1979 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 02:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش تالاش قىلماي  سىلى ئۆزلىرى بىلەن ئۆتكىلى بولمىغان ya بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirikbuya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 02:33 PM  


كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 05:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ ئاخردىكى گەپكە كۇلگۇم كەپ قالدى توغرا دەيدۇ توي قىلىش مەدىكارلىق ئەمەس قىلغان ئىشقا قاراپ ھەق ئالدىغان بىر گەپ قىلاي دىسەم  سەت تۇرغۇدەك. 3 ئايلىق بالغا ئۇۋال بوپتۇ بوۋاق تۇرۇپلا يىتىم بوپ مىنىڭ بالام 2 يىشدىلا يىتىم بولغان. توي قىلىشتىن بۇرۇن تازا ئويلايدىغان گەپكەن بالىنى يىتىم قىلىپ،،،،،،

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 07:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ بەرگەن بولسا، بالىغا قاراتا  ئايال كىشى ئىرىدىن پۇل تەلەپ قىلسا  ئەر كىشى بولغان ئادەم  بىخىللىق قىلماي بەرگىنى ياخشى....  چۈنكى ئاجىرشىپ كەتسىمۇ ئۇ بالا ھامان ئۆزىنىڭ پۇچتى.......  



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3072 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 07:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirikbuya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 02:28 PM
ما تىمىنى كۆرۈپ مەنمۇ  مەسلىھەت سوراپ بىقىش نىيتىگە  كە ...

  ئەر-خۇتۇن ئىككىسى ئىككى يەردە چوڭ بولغاندىكىن ئانچە-مۇنچە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان گەپ، قىيىن ئانىڭىزنى بەك ھۈرمەت قىلىۋەتكەن بولسىڭىز شۇنداق قىلىدىغاندۇ...
  ئانچە-مۇنچە تىللاپ قويسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىدۇ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 08:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 07:00 PM
ئەر-خۇتۇن ئىككىسى ئىككى يەردە چوڭ بولغاندىكىن ئانچە- ...

ئىشقىلىپ بۇجاھاندا ھەممىلا ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ دىگەن گەپنى بەك مۇتلەقلەشتۈرۋېتشكە بولمايدىكەن زادى ،باللىرى بىر ئوبدان ئۆي تۇتۇپ قالسا ئىچى ئادايدىغان .ھەتتا كۈنلەيدىغانلامۇ باركەن .
بۇئاغىنىنىڭ قېينانىسىمۇ شۇنداقراق مەزلۇم چېغى ،بىر بولسا ياشلا تۇل قالغان بولۇش ئېھتىماللقى بار .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 08:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىلونىڭ تەپسىلاتىنىغۇ بىز تولۇق بىلمەيمىز ،ئەر بولغۇچىدىمۇ گۇناھ بولماسلقى ناتايىن ،چاۋاك دىگەن ئىككى قولدىن چىققاندىن كېيىن ئەمدى ...
بىراق بىريىل خوتۇن بولغىنىمغا تۆلەم بېرىسەن دىگەن گەپنىڭ ...نىڭ ھەققىمنى بەر دىگېنى بىلەن نىمە پەرقى ؟ ئالامەت ئايالكەن جۇما

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 10:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirikbuya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 02:28 PM
ما تىمىنى كۆرۈپ مەنمۇ  مەسلىھەت سوراپ بىقىش نىيتىگە  كە ...




ھەي ئاداش ھەي ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئون بىر يىل توقۇغان تۇرمۇش ئارغامچىسنى مۇشۇنداقلا ئۈزىمەن دەمسىلەر ؟

   كۆڭلىڭلەرگە كەلسىمۇ دەي يولدىشى ياخشى بولۇپ تۇرسىمۇ . ئانىسنىڭ گىپىگە كىرگەن ئايال مىنىڭ نەزىرىمدە بىشىدا  كەپتەر تۇخۇمچىلىك دەردسى بار ئايال دەپ ئويلايمەن . سىللىدىمۇ  چوڭ-چوڭ يىتەرسىزلىكلەردىن ئاز-تولا بارمۇ يا ؟

  ئاجايىپكەنغۇ  سىللىنىڭ ئايالىڭلار  !  يىڭى توي قىلىپ بىر-ئىككى يىلغىچە تەنتەكلىكتە ئانىسنىڭ گىپىگە كىرىپ قالسۇن مەيلى . بىر-ئىككىنى تۇغۇپ جۇۋان بوي بولغاندا  ياشلىق قىلىپ يەنە ئانىسڭ گىپگە كىرىپ قالسىمۇ مەيلى دەيلى . ئەمدىلىكتە ئون نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ يەنە ئانام ئانام ، ئانام دەپلا گىپىگە كىرىۋەرسە مۇشۇمۇ گەپمۇ ئەمدى ؟ يا بولمىسا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپچۇ ئايالىڭلار ئانىسنىڭ ئۆيگە كەتسە سىلىمۇ ئاناڭلارنىڭ ئاناڭلارنىڭ ئۆيگە  كىتىڭلار بولمىسا .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 10:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 10:07 PM
ھەي ئاداش ھەي ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئون بىر يىل توقۇغا ...

مىسرانىم زىندانىدىن يېڭى ئازاد بولغان چغىڭلا ،مۇبارەك بولسۇن لېكىن بۇندىن كېيىن گەپ -سۆزگە دىققەت قىشىڭلىنى تەسىيەقىلىمەن .مەزلۇم كىشى بىلەن گەپ تالىشىپ يەڭگىلى بولماس .
ئىت تالاشتۇرغاننى كۆرمىگەنمۇ ؟ ھەرقانداق يامان ئەركىكمۇ قانجۇقىنى كۆرسە قۇيرۇقىنى قىسىپلا قاچىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 10:15 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش