مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1959|ئىنكاس: 7

[قانۇن] كىنىشكە چىقمىسا قانداق قىلىمەن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 12:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىنىشكە چىقمىسا قانداق قىلىمەن


u=3749598420,23091797&fm=21&gp=0.jpg


ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۈنى



ئالدىنقى كۈنى ئۇندىداردا، بىر قېرىندىشىمىز ئۆي-مۈلۈك توغرىلىق مۇنداق بىر سۇئال سوراپتىكەن. بۇ ھازىر كۆپ يۈز بىرىۋاتقان  مەسىلە بولغانلىغى ئۈچۈن،جاۋاپ بىرىش ۋە جاۋاپ ئىزدەش كەڭ ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم مەسىلە بولغاچقا جاۋاپ بىرىش زۆرۈر دەپ قارىدىم. سۇئال ناھايىتى قىسقا پەقەت ئىككى قۇرلا:"ئۆي سېتىۋېلىپ پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغىلى بىر يېرىم يىل بولغان،ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسىنى قولغا ئالالمىدىم. بۇنىڭغا مەسلىھەت سورايمەن،قانداق قىلسام بولىدۇ؟"
بۇ تومتاق سورالغان قىسقا سۇئالغا، قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قاپتىمەن.ئاخىرى بۇ قىسقا سۇئالغا ئاددى بولسىمۇ، جاۋاپ بىرىشنى لايىق كۆردۈم!  ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى ۋاختىدا چىقماسلىقنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئۇنۋېرسال باھالاشتا لاياقەتسىز بولغان بولسا؛ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى چىقمىغان بولسا؛يەر گۇۋانامىسى ۋە باشقا بەش خىل كىنىشكە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان  بولسا؛ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى سېتىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئۆيلەرنى سېتىۋەتكەن دىگەندەك مەسىلىلەر بولسا،سىز دىگەندەك ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسىنى قولغا ئېلىش ئارقىغا سۆرىلىپ كىتىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ چوڭ مۈلۈك كىنىشكىسى چىقمىسا، ئۆي ئىگىللىرىنىڭ كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ.يەنە بەزى ئەھۋالدا، ئىدارە- ئورۇن تارقىتىلغاندىن كىيىن مەسئۇل كىشى بولمىغانلىقتىن، ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى بىجىرىلمەي قالغان.
شۇڭا، ئوي سېتىۋالغاندا ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى تولۇقمۇ-يوق تەكشۈرۈپ بېقىپ سېتىۋېلىش كىرەك.
ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى ۋاختىدا قولغا چىقمىسا،تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆي خېتى ۋاختىدا قولغا تەگمىگەن بولسا، ئۆي-مۈلۈك شىركىتى توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىغىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادەتتە ئۆي سېتىۋېلىش توختامىدا«  مانچىلىك ۋاقىتقىچە ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى قولغا تىگىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، دىگەن مۆھلەتتە ئۆي خېتىنى قولغا ئالالمىسىڭىز توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلەم نىسپىتى بويىچە ھىساپلاپ تۆلەم ئالسىڭىز بولىدۇ. شىركەت بىلەن سۆزلىشىپ، كىلىشەلىسىڭىز بۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كىلىشەلمىسىڭىز، ئاشقان ۋاقىتقا قارىتا تۆلەم تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. كىيىن يەنە بىجىرمىسە،كىيىنكى ۋاقىتقا يەنە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش توختامىدا، ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى قولغا چىقمىسا، بىرىلىدىغان تۆلەم ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. شۇڭا، باشقا چىقمىغانلار بىلەن بىرلىشىپ ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1325 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 01:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى شىنجاڭ ئىچىدە تاۋار ئۆي ساتقان ۋاڭلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى ئىلىۋاپ بوسا يوقاپ كىتىدىغان بولاپ قالدى...................................................
نامدا شىركەت بار، لىكىن مەسئۇل كىشى يوق....................

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 06:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15231
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3603 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 07:13:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزدىن سورايدىغان مەسىلە بار ئىدى،  ئۈندىدار ياكى چ چ نومرىڭىزنى ئۇچۇر  قىلىپ ئىۋەتىپ بەتسىڭىز. رەھمەت !ىز

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15638
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6167 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 08:12:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر  ئىشلىتىش  گۇۋاھنامىسى  چىقمىسا  قانداق قىلىمىز ؟  مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىگايسىز

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15638
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6167 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 08:12:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر  ئىشلىتىش  گۇۋاھنامىسى  چىقمىسا  قانداق قىلىمىز ؟  مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىگايسىز

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 12:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nawkeran يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 08:12 PM
يەر  ئىشلىتىش  گۇۋاھنامىسى  چىقمىسا  قانداق قىلىمىز ؟  م ...

تاۋار بىنا ئۆي بولسا يەر گۇۋاھنامىسىنىڭ ئانچە رۇلى قالمىغان ئوخشايدۇ،يوق بولسا ئەنسىراشنىڭ ھاجىتى يوق .لېكىن بىجىرپ قويغانغا يەتمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2024
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 04:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىپ ئۆي سىتىۋالغۇچىلار ئىھتىيات قىلمىسا چاتاق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش