مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3107|ئىنكاس: 33

[قانۇن] تاكسى توسۇپ رەت قىلىنغاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاكسى توسۇپ رەت قىلىنغاندا


u=2064674384,86697493&fm=21&gp=0.jpg


ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى


تاكسى توسسا توختىمايدىغان ياكى ئالدىدا توسقانغا توختىماي ئارقىدىكى كىشىگە توختايدىغان، مىللەت ئايرىپ توختايدىغان، ئەرگە توختىماي ئايالغا توختايدىغان ، قېرىغا توختىماي ياشقا توختايدىغان، ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ يۈكى بارغا توختىماي يوققا توختايدىغان ئەھۋاللارنى ھەممىمىز دىگىدەك ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى كۈنى بىر قېرىندىشىمىز  مۇشۇنداق بىر مەسىلىنى، ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق:" ئ‍ەسسەلامۇ ئ‍ەلەيكۇم بۇرادەرلەر،كەچۈرۈڭلار مەن سىلەردىن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز تاكسىلارنىڭ يول يۈرۈش قانۇنى ياكى نىزامىغا دائ‍ىر مەلۇمات سورىماقچى ئ‍ىدىم. بىلىدىغانلار بولسا بىر مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار…بۇنى سىلەرنى ئ‍اۋارە قىلىپ سوراشتىن مەقسەت، مەن قانچىلىغان قېتىم تاكسىغا ئ‍ولتۇرۇشتىن تاكسى شوپۇرىنىڭ سەۋەپسىز رەت قىلىشى سەۋەپلىك مەھرۇم قىلىندىم. مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم قانداق بولغاندا شوپۇرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ،بىز تاكسى توسساق ئ‍ېلىشنى رەت قىلغاندا، قايسى ئ‍ۇرۇننى ئ‍ىزدىسەك ئ‍ەرزىمىز ئ‍اقىدۇ ياكى تاكسى ئ‍ۆزىنىڭ بولغاندىكىن ئ‍ېلىش ئ‍الماسلىق ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ىشىمۇ؟ مەن بۇ ھەقتە پەقەت ساۋاتسىزكەنمەن،بىلىدىغانلار بولسا بىلىمىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئ‍ايىمىغان بولساڭلار. كەچۈرۈڭلار ۋاقتىڭلارنى ئ‍الدىم."
     بۇ كىشىلەر رادىئو قاتارلىق ۋاستىلەردە كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان ۋە يىللاردىن بىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەسىلە.كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بۇ توغرىلىق خېلى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن، بەزىلەر مەندىن بەكرەك بىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمنى دەپ ئوتتۇرىغا قويسام، بىلگەنلىرىمىزنىڭ پىكرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشسە ئەجەپ ئەمەس. ئادەتتە يولۇچى تاكسىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن، بارماقچى بولغان ئورنىنى سوراپ بولۇپ يولۇچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ياكى تاكسى شوپۇرلىرى تۆۋەندىكىدەك 5 تۈرلۈكتىن باشقا ئەھۋالدا، ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن يولۇچى ئالماسلىققا ياكى چىقىپ بولغان يولۇچىنى چۈشۈرىۋىتىشكە بولمايدۇ:
1.        يولۇچى توختاشقا بولمايدىغان يەردە تاكسى توسقان بولسا؛
2.        خەتەرلىك بۇيۇملار ياكى ماشىنىنى بۇلغايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان بولسا؛
3.        مەس ياكى روھى كىسەللەر قارىغۇچىسى يوق ھالەتتە تاكسى توسقان بولسا؛
4.        يولۇچىلار كەچلىك ۋاقىتتا شەھەر سىرتىغا ياكى باشقا شەھەرگە چىقماقچى بولۇپ، تىزىملاش ئېلىپ بارمىغان بولسا؛
5.         باشقا قائىدە-قانۇنغا خىلاپ  تەلەپلىرى بولسا؛

يۇقۇرقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەندە، مۇنداق قىلساق بولىدۇ. تاكسى ئىچىدە ئەرز-شىكايەت قىلىش تېلېفونى ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى بولغان بولىدۇ. شۇم نۇمۇرغا تېلىفون قىلىش ياكى تاكسى توسسا توختىمىسا يەرلىك تاكسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلساق بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسىگە  تېلېفون قىلساقمۇ، مەخسۇس خادىم ئىشنىڭ تەرەقىياتىغا مەسئۇل بولىدۇ.
تاكسىچىلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى خارەكتىرىدىكى كەسىپ بولغاچقا، تاكسىنىڭ يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىشى مۇلازىمەت قىلىش كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. تاكسى شىركىتى شىركەت نىزامىدا،يولۇچىنى ئېلىشنى رەت قىلسا،ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان سوممىلىق جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە، بۇ تېلېفون ئۇرۇپ قويۇش بىلەنلا بولىدىغان ئىش   ئەمەس، يولۇچى مۇناسىپ ئىسپاتلار ياكى گۇۋاچىلار بىلەن تەمىنلىشى كىرەك بولغان بولىدۇ. بەزى يولۇچىلار ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلمايدۇ، بەزى گۇۋاچىلارمۇ ئاۋارىچىلىق ھىس قىلىپ گۇۋالىقتىن ئۆتۈپ بەرمەيدۇ. بۇ تاكسىچىلارنىڭ قانۇن-بەلگۈلىمىنى كۆزگە ئىلماي، خالىغانچە يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يامراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  تاكسىچىلار ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، يولۇچى ئالماسلىغى كىراچىلىقنىڭ ئەسلى مۇددا-مەقسىدى بىلەن زىت كىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش،خىلاپلىق قىلغانلار چوقۇم جازالىنىشى كىرەك!
پاش قىلىش تېلېفۇنى: 96511
ئۈرۈمچىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى: 4620007
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسى: 12345


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇشۇ  قەشقەردىمۇ شۇنداق ئىشلار شۇنچە ئىغىر   

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44632
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:05:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قەشقەرنىڭ تاكسىچىلىرى شەھەر سىرتىغا ئىككى ھەسسە باھا قويۇپ كىلىشكەندىن كېيىن ماڭىدۇ . ئىككىنجى دوختۇرخاننىڭ ئالدىدىن ھېساپلىغۇچتا 8 كوي چىقىدىغان يەرگە 40 كوي دەيدۇ .
قەشقەرنىڭ پاش قىلىش نۇمۇرىنى بىر يوللاپ قويۇڭلار .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15231
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3603 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:11:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 03:05 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قەشقەرنىڭ تاكسىچىلىرى شەھەر سىرت ...

ۋوچجۇن ئالامەت ئالىدىكەنغۇ?

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110517
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا قىممەتكەن دىسە.  بۇلاڭچىمۇ نىمە.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى تاكسىچىلار ھەقىقەتەن ئەسكى.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3593
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قانۇن مەسلىھەتچىسى››ناھايىتى ياخشى بولغان تىمىنى يوللاپسىز،بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان
ياخشى مەسلەھەت بۇلۇپتۇ،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86973
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 07:16:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ تاكسىلارنى پاش قىلىش نۇمۇرى 0998-2612345

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86973
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 07:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ تاكسىلارنى پاش قىلىش نۇمۇرى 0998-2612345

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9028
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 07:27:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ! بىراق مەن ھازىرغىچە بۇيەردە بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچراتمىدىم !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش