|
|
|
|
دىققەت بۇ رەسىمنى يۇركى ئاجىزلار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كۆرمەڭ!
بۇ رەسىم 1865يىلى ئافرىقىدىكى كونگودا تارتىلغان بولۇپ،بۇ يىللاردا ئامىركا جەنۇپ شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ،ئامىركا قىتئەسىدە قۇللۇق تۈزۈم ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان، لىكىن ئافرىقىدا بولسا مۇستەملىكچىلەر خەلقنى دەھشەت قۇل قىلىپ ئېزىۋاتقان دەۋىرلەر ئىدى، بۇنداق ئىزىش تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر داۋاملاشتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئافرhقىدا قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنغان بولسىمۇ لىكىن ئافرىقا خەلىقى غەرىپ مۇستەملىكچىلىرنىڭ ئىزىشىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىدى.پەقەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنلا ئافرىقا خەلىقى ئۆز ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۇرۇپ ئازاتلىققا چىققان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى نامىراتلىق ئاچارچىلىق، ئىچكى ئۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق كىسەل يەنىلا تۈگىگىنى يوق.
1865-يىلى بىلگىيەلىك مۇستەبىت ئاۋ لىپودى ئۆزنىڭ مۇستەملىكى كونگودا دەھشەتلىك ھاكىميەت يۇرگۇزدى،ئۇ ھاكىميەت يۇرگۇزگەن دەۋىردە بىر مىليون 500مىڭ كونگولۇق ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى مىيىپ قىلىندى.
ئازىراقلا قارشىلىق قىلغان قۇللارنىڭ قولىرى كىسىلىپ،ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،باشقا قۇللارغا ئىبرەت قىلىناتتى.
ئاچ قالغان قۇللار
جازالىنىۋاتقان قۇل
قۇللار ئىشقا مۇشۇنداق كىشەنلىنىپ ئاپىرىلاتتى
قولى ۋە پۇتىدىن ئايرىلغان ئۆسمۇر
بۇلارنىڭ قولىدىكى ئەمدىلا كىسىۋىلىنغان قوللار
بەزى كۇچلۇك قۇللارنى كونتۇرۇل قىلىش ئۇچۇن،قۇللار ياخشى ئىشلىمىسە ياكى خاتالىق ئۆتكۇزسە ئۇلارنىڭ ئايالى ۋە بالسىمىنى جازالاپ ئۇ قۇللارنى ياخشى ئىشلەشكە مەجبۇرلايتى.
بۇ قۇل بالسىنىڭ كىسىۋىلىنغان قولغا قاراپ كۆز يىشى قىلىپ ھەسرەتلەنمەكتە.....
مەجروھ قىلىنغان قۇللار،ئۇلارنىڭ قولى گەرچە كىسىلمىگەن بولسىمۇ لىكىن مانا مۇشۇنداق قەستەن ناكا قىلىنغان.
قىرىپ ھالدىن كەتكەن قۇللارنى دالىغا تاشلىۋىتىدۇ.
بۇلار كاندا ئىشلەيدىغان قۇللا ئۇلار سۆۋەتنى بوينىغا ئىسىپ كاندىن تاكى ئۆلگۇچە رودا توشۇيدۇ.
ئافىرقا خەلقى150 يىل بۇرۇن مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن مانا مۇشۇنداق ئىچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۇردى.
مەنبە http://pic.daqi.com/slide/3658775_19.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-30 08:31 PM
|
|
|
|
|
|