Abdul يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 06:31 PM
تارىختىن خەۋىرى يوق كىشىلەر بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىچە ...
.پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاجىز قەۋم ۋە مىللەتلەر كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن شۇنداق «سۆزلىيەلەيدىغان ئەمگەك قورالى »دەپلا قارىلىپ خالىغانچە دەپسەندە قىلنىشى «كۈچلۈكلەر تاللىنىپ ئاجىزلار يوقلىشى كېرەك » دەيدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قارا زامانلاردا بۇ پېلانىتنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقىقىدا ھاھىيتى ئوخشاش شەكلى -نامى ھەرخىل زۇلۇم ھۆكۈم سۈرەتتى .
تېخى ئالدىنقى ئەسرنىڭ 30-40-يىللردىمۇ شىڭ شىسەيدەك قانخۇرلار «بۇخەقمۇنبەت زېمىندا ئۆسكەن ياۋا گىياھ ،يۇلۇپ تاشلاپ زېمىندىن پايدىلنىش كېرەك »دەپ جار سېلىپ تۆت مىليون نوپۇسى بار شىنجاڭدا 300مىڭدىن كۆپ (بۇ تېخى ھەرقايسى تارىخىي ماترياللاردا ئەڭ تۆۋەن مۆلچەردە سىتاتىسكا قىلغنى ) ئادەمنى ئۆلتۈردىغۇ ؟
ماجۇڭيىڭنىڭ قول ئاستدىكى ماجەنساڭ 34-يىلىڭ بېشىدا قەشقەردە ئۈچ كېچە -كۈندۈز بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ نەچچەمىڭ ئادەمنى قىرىپ ھەددى -ھېسابىسز بايلقىنى بۇلاپ كەتتى ،دەپسەندە قىلىغان ئاياللار ،مىيپ قىلىنغانلارقانچىلىك بۇنىڭغا مەلۇمات يوق ....
ماخۇسەن 34-يىلدىن 37-يىلغىچە قاغىلىقتىن چەرچەنگىچە بېسىپ ياتتى ،بۇ جەرياندا خوتەن خەلقى كۈچلۈك نەچچەمىڭ ئۆلىمانى چار مىخ قىلىپ ئۆلتۈرگەن ،ياقۇببەگ 50مىڭ مۇسۇلماننى قىرغىن قىلغاندىن كېيىن بىزبىلەن «دىنيى قېرىنداش »تۇڭگاننىڭ زۇلمىدا، ھېچ بىر زاماندا كۆرۈلمىگەن يەنە بىر مۇدھىش زاماننى باشتى كەچۈردى . باج -سېلىق تۆلىيەلمەي ئېغىر جازادا ئۆلتۈرۈلگەن ،مېيىپ قىلىنغانلارنىڭ سانى نامەلۇم ،ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىللالمايدىغان مەشىق ئۇسۇللىرىغا (ئەمىليەتتە مەشىق ئەمەس بەلكى قارشىلىق كۆرسىتەلىگۈدەك ئۇيغۇرئەكەكلىرنى قەستەن نابۇت قلىش )يېتەلمەي مەشىق جەريانىدا ئۆلگەن ،كاللسى ئېلىنغان ،ئۇرۇپ مېيىپ قىلنغانلارنىڭ سانى يوق ،سىتاتسكىسىمۇ يوق .
پەقەت بىر «تەۋەككۇل ۋەقەسى»دە تۇڭگان ئەسكەرلەرنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئىككى ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ،قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خوتەن تەۋەككۇل يېزسدىكى خەلقنىڭ 15تىن يۇقىرى ئەرلىرى ئىككى تۇڭگاننىڭ قان قىساسى ئۈچۈن ئازغىنا جاننى ئېلىپ ياقايۇرتقا قاچقانلاردىن باشقسى قاتار تۇرغۇزۇلۇپ كاللىسى ئېلىنغان .(تەپسىللاتىنى بىلمەكچى بولغانلار «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»دىگەن كىتابىنىڭ 1-قىسمىدكى «ماخۇسەننىڭ خوتەندىكى ھۆكۈمرانلقى »دىگەن بابنى ئوقىسا بولىدۇ ).
بىزپەقەت تارىخنىڭ قەغەزگە ئېلىنغان قسمىنىلا بىلىمىز .