يۇقۇرى سۇرئەتلىك يول بويىدىكى ئاممىغا بولغان قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۇچەيتىش لازىم يېقىندا قەشقەردىن-مەكىتكە قاتنايدىغان يۇقۇرى سۇرئەتلىك يولدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىپ ،مەكىت،يوپۇرغا،پەيزىۋات ناھىيەلىرى ۋە يەكەن ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى خەلىق ئاممىسىنىڭ قەشقەرگە بېرىپ كېلىشىگە زور قولايلىق ئېلىپ قەلدى. بېرىپ كېلىشىگە كېتدىغان ۋاقىت خېلى قىسقارغان بولۇپ،قەشقەردىن يولغا چىقىپ 2سائەت ئەتراپىدا مەكىت ناھىيەسى ياكى يەكەن ناھىيەسىگە بارغىلى بولىدىكەن.11-ئاينىڭ 23-كۇنى كېسەل يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرقانچە دوسىت-بۇرادەرلەر بۇ يېڭىدىن پۇتكەن يۇقۇرى سۇرئەتلىك يول بىلەن مېڭىپ يەكەنگە قاراپ يولغا چىققان ئىدۇق. يول بويى بۇ يولنىڭ ھەقىقىتەن خەلىققە قولايلىق يول بولغانلىغىنى سۆزلىشىپ پىكىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئىدۇق،يولدا ئۇچرىغان بىرقانچە خەتەرلىك ئەھۋاللار بىزنى قورقۇتۇپ كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى.بىزنىڭ ماشىنىمىز يوپۇرغا ناھىيەسى تەۋەسىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا ،بىزنىڭ يولىمىزدا بىزگە قارشى يولۇنۇشتە تېز سۇرئەتتە كېلىۋاتقان بىر ئاپتوۋۇزنى كۆرۇپ شۇنداق قورقۇپ كەتتۇق،تېزلىكتە ماشىنىنى يولنىڭ چېتىگىرەك تارتىپ ئۆتۇپ كەتتۇق.يەنە بىرقانچە كىلومىتىر ماڭغاندىن كېيىن يەنە قارشى يولۇنۇشتە كېلىۋاتقان 2-3دانە3چاقلىق توكىسكىلىت ئۇچراشتى.
چۇشتىن كېيىن يەكەندىن قەشقەرگە قايتىشتا يەنە شۇ يول بىلەن ماڭدۇق،يەنە شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ ۋەقە كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن ،گەرچە بۇ يولنىڭ يۇقۇرى سۇرئىتى 120كىلومىتىر بەلگۇلەنگەن بولسىمۇ،90- 100ئەتراپىدا ماڭدۇق.
يەكەن ناھىيەسىنڭ ئېلىشقۇ بازىرى ئەتراپىغا كەلگەندە يەنە قارشى يۆلۇنۇش يولىغا كىرىۋالغان بىر موتىسكىلىتغا 3بالا مىنىۋاپتۇ ،شۇنداق تېزكېلۋاتىدۇ،قورقۇپ ئۆزىمىزنى چەتكە تارتتۇق،يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە 2مىتىر ئىگىزلىكتە يۇك بېسىۋالغان تەتۇر يۆلۇنۇشتە مېڭىۋاتغان 2توكىسكىلىت ئۇچراشتى.يوپۇرغا ناھىيەسى تەۋەسىگە كىرگەندە يەنە ھېلىقى ئەتتىگەن ئۇچراشقان ئاپتوۋۇز شۇ بولىشى مۇمكىن ،يەنە تەتۇر يولۇنۇشتە كېلىۋاتىدۇ.
شۇ بىر كۇن ئىچىدە بۇ تېز سۇرئەتلىك يولدا ئۇچرىغان قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ بولغان بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئشلار بىزنى ئويغا سېلىپ قويدى.بۇنداق قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ بولغان ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن يوقمىدۇ؟ ئاشۇ يولغا تەتۇر يۆلۇنۇشتە كىرىۋالغان كىشىلەرگە جان لازىم ئەمەسمىدۇ؟ ياكى بۇنداق قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ دىگەنگە ئوخشاش سوئاللار بىزنى ئويغا سالدى.
شۇڭلاشغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە تەكلىپنى بەرمەكچى:
1.مۇناسىۋەتلىك ج.خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ يېڭىدىن سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىغان يوللارغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۇچەيتىش بىلەن بىرگە كەڭ خەلىق ئاممىسىغا قاتناش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى تەشۋىقاتىنى كۇچەيتىش كېرەك.
2.بو يول بويىدىكى كەڭ خەلىق ئاممىسى،ئۆزىنىڭ شۇنداقلا باشقىلرنىڭ بىخەتەر يول يۇرۇشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن ، ئاڭلىق ھالدا قاتناش قائىدىسىگە رۇئايە قىلىشى لازىم.
3.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ يولنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىنى توسۇپ،بۇنداق قارشى يۆلۇنۇشتە ماڭىدىغانلارغا يوچۇق قالدۇرماسلىغى لازىم.
يولنىڭ سۇپىتى ئۆستى،قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى،شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شوپۇرلار ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىمۇ ماس ھالدا يۇقۇرى كۆتۇلۇشى كېرەك ،ھايات ئادەمگە بىر قېتىم كېلىدۇ، ھاياتنى قەدىرلەيلى!
2014-11-26 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tokqi123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 10:20 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. J8 {- s2 z& y% @5 V7 }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; N; m" `# A& d