ياخشىمۇسىلەر تورداشلار،ئارىمىزدا نۇرغۇن سالون ھەۋەسكارلىرى ھەم سالون قۇرغۇچىلىرى مەۋجۇت
ھەم ھازىر ئۈندىدار سالونى ئۇيغۇر تور زىيارەتچىلىرى ئارىسىدا زىيارەت قىلىش مىقدارى جەھەتتە
خىلى يۇقىرى ئورۇن تۇتماقتا.مەنمۇ ئۈندىدار سالونى بىلەن ئۇچراشقان بىر يېرىم يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىزدىنىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ،ئۆزۈمنىڭ
سالون جەھەتتىكى تونۇشىمنى ھەم سالون ئېچش جەھەتتە بىرقەدەر چوڭقۇرلاشتۇردۇم
دېسەم بولىدۇ.2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تېڭشۈن ئۈندىدار سالون مۇلازىمىتى يولغا قويغاندىن تارتىپ،ھازىرغىچە بۇ ساھەدە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارمەۋجۇتقاچىقىۋاتىدۇ.ئىچكىرىدىكى ئاشخانا،دوختۇرخانا،بانكا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تاماق زاكاس قىلىق ،نۇمۇر ئېلىش ئىشلىرى جەھەتتە سالون نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا ھازىر ئاساسلىق مەزمۇن بىلەن تەمىنلەش ۋاستىسى بولماقتا.
يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بەزى تاماقخانىلارنىڭ ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق تاماق بۇيرۇتۇشتەك مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ......ئەمىسە مەن نىمە ئۈچۈن بۇ دەرىسلىكىنى يېزىشنى قارار قىلىپ قالدىم؟ئەلۋەتتە سالون قۇرۈش،سالوندىن تىما يوللاش دېگەن بەكمۇ تەس ئىشلار ئەمەس ،ئارىمىزدا نۇرغۇنلىرىمىز باشقىلارنىڭ سالون قۇرغۇنىغا قاراپ ئۆزىمۇ سالون قۇرۇپ باققان بولىشى مۇمكىن.ئەمما ئويلاپ باقسىڭىز بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە سالون قۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش.بۇ خۇددى بىر توربىكەتنى يۈرۈشتۈرگەنگە ئوخشايدۇ.ئەمما تور بىكەت بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى سالوننىڭ نىگىزلىك يېرى باشقىلارغا مەزمۇن يوللاش ئەمەس بەلكى مۇلازىمەت قىلىش.ھازىر ئەگەشكۈچىسى ئەللىكمىڭدىن ئاشقان سالونلار ئېلان قويسا بولىدىغان بولدى.ئەمما بۇنى ھەممە ئادەم قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇرلاردا بەزى سالونلار بىر قەدەر بالدۇر باشلىغانلىقى ۋە مەزمۇننىڭ ياخشىلىقى بىلەن ھەم بىرقەدەر چوڭ تور
بىكەتلەرنىڭ سالونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم سانى خېلى كۆپ ھالەتكە يەتتى.ئەمما ھازىر نۇرغۇنلىرىمىزدا
ئۈندىدارىمىزدىكى سالونلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سالوندىن بىزار بولۇش پىسخكىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ.چۈنكى
ھازىر سالون قۇرغۇچىلار ئادەمنى كۆپرەك توپلاپ مۇتلەق كىرىم قلىشنىلا مەقسەت قىلىپ نۇرغۇن ئىلانلارنى
قېتىپ ،بىر ىىل زېرىكتۈرۈش پىسخكىسى شەكىللىنىپ قېلىنىۋاتىدۇ.ھەتتاكى بەزى چوڭ توربىكەتلەرنىڭ سالونىدىمۇ ئىلانلار ناھايىتى كۆپ،ئىلانلار ئالمىشىپ تۇرسىغۇ مەيلى ،ئەمما كۈندە دېگۈدەك شۇ بىر ئېلان .شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئۇنداق سالونلارنى يولىغا سېلىۋېتىدىغان بولدۇم.
ئويلاپ باقساق سالون پەقەت مەزمۇن بىلەن تەمىن ئېتىش ۋاستىسى ئەمەس ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئۇ بىر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋاستىسى.ئىچكىرىدىكى بەزى ئۇنۋېرىستىتلاردا ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئۆيدىكى
چىراغلارنى،ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى ئاۋاز ئارقىلىق كونتىرول قىلغان مىساللار بارلىققا كەلدى.ھازىر بىرقەدەر ئومۇملىشىۋاتقىنى ھەرخىل نۇمۇر ئىېلىش ،تاماق بۇيرۇتۇش ،ئۆچرەتتە تۇرۇش قاتارلىك مۇلازىمەتلەرنىڭ سالون غا ئېلىپ كېرىلگىنى،دېمىسىمۇ سالۇننىڭ مەقسىتى مەزمۇن يەتكۈزۈش ئەمەس بەلكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش،ئاخىرىدا ئەقلىي شەھەر دېگەندەك ئۇقۇملارنى روياپقا چىقىرىش.يېقىندا چىققان 微信连wifiبىر ئىقتىدار بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەقسىز wifiنىڭ ناھايىتى كەڭ تارىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.بەلكىم خۇددى كومپىيوتىرنىڭ تارالغىنىدەك مەلۇم ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن نەگىلا بارساق ھەقسىز تور ئىشلىتىدىغاندەك تۇرىمىز.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدى يوللنىپ تۇرۇلىدۇ...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Anatilim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-30 04:56 PM