مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 774|ئىنكاس: 4

ئىجرا قىلىش نىمىشقا تەس؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 10:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىجرا قىلىش نىمىشقا تەس؟!

ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 12-ئاينىڭ1-كۈنى

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم! سىزدىن بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراپ باقاي دىگەن. بۇ بىر ھەق تەلەپ داۋاسى ئىدى.
  مىنىڭ تاغام بىر دېھقان ئىدى، 1997- يىلى بىر خەنزۇنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى ھەيدەپ ( ئاغدۇرۇپ ) بەرگەن ئىدى، ئۇ خەنزۇدا 1000 يۈەن ئېلىشى بار ئىدى، ئەمما خەنزۇ ئەتە بىرەي، ئۆگۈن بىرەي بىلەن پۇلنى بەرگىلى ئۇنماي 3 يىل سۆرەپ 2000- يىلغا كەلگەندە ئۇ خەنزۇ يېرىنى باشقىلارغا سېتىۋىتىپ شەھەرگە كىرىپ كىتىپتۇ، ئۇ تاغام خەنزۇنى ئىزدەپ تاپالماي بىر كۈنى يەنى 2007- يىلى شەھەرگە دېھقانچىلىق دورىلىرى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ تاساددىبى ئۇچۇرتۇپ قاپتۇ، ھەمدە ئۇنى تۇتۇپ سوت مەھكىمىسىگە ئاپىرىپ ئەرز قىپتۇ، سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قۇبۇل قىلىپ، تاغامغا ئۇ خەنزۇنى ئەمدى كۆرگەنلا يەردە تۇتۇپ سۆرەشتۈرۈپ يۈرسەڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭمۇ باشقىلاردا ئېلىشى بار، ئۇمۇ ئەرز سۇنغان، ئۇ پۇلنى ئالسىلا ساڭا بىرىدۇ، بىز ئېپ بىرىمىز دەپ يولغا ساپتۇ، ئەمما ئارلىقتىن بىر يىل ئۆتۈپتۇ، تاغامنى يا چاقىرتماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاغام سوت مەھكىمىسىگە بارسا بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ ئاندىن بىزنى ئىزدە، بىز ئاندىن ئېپ بىرىمىز دەپ قايتۇرۇپتۇ،،، ئۇ ئاددى دېھقان تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ تاپالىسۇن...  شۇنىڭ بىلەن بولدى قىپتۇ، ئەمما 2013- يىلى يوقارقى ئىشنى ماڭا دىگەندىن كېيىن مەن يەنە بىر بېرىپ بېقىشنى ئېيىتتىم ھەمدە بىللە باردىم، بىر كۈن يول مېڭىپ ئۇ ئەرزنىڭ ئاللىبۇرۇن بۇسۇرلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۇق، يەنە ئەرز پۇلى تۆلۈپ ئۇ ئەرزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردۇق، مەجبۇرى ئىجرا قىلىش توغۇرسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بەردى ھەمدە ئۇنى بىر كىشىگە ئىجرا قىلىشىغا بۇيرۇپ بەردى، ئۇ ئادەم بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنىلا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيسىلە دەپ تۇرۋالدى، ئارلىقتىن يەنە بىر يىل ئۆتتى، قايسى كۈنى بارساق يەنە شۇ گەپ..... ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيسىلە ..... بىز ماقۇل ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيلى دەپ شەھەرلىق ساقچىخانىغا بېرىپ ئۇ خەنزۇنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسقىسىنى كۆرسۈتۈپ بۇ خەنزۇنىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئورنىنى سۈرۈشتۈرمەكچى ئىدۇق دەپ سوت چىقىرىپ بەرگەن مەجبۇرى ئىجرا قىلىش قەغىزىنى كۆرسەتتۇق، ئەمما ئۇلار شەخىسنىڭ ئادىرسىنى سىلەرگە چىقىرىپ بىرەلمەيمىز، ھەم بۇ خەنزۇ ئىچكىرى ئۆلكىلىك ئىكەن دەپ قايتۇرۋەتتى.  دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كىملىكى ئىچكىرنىڭ ئىدى... ئەمما ئۇ مۇشۇ شەھەردە بار.... بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىمۇ بار ئىدى، لىكىن ھازىر چېقىلىپ كېتىپ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيمىز.
دىمەكچى بولغۇنۇم، مەجبۇرى ئىجراغا چىقىپ بولغان ئەرزنى سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بۇلۇپ ئۇنى ئۆزى ئىزدەپ تاپامدۇ ياكى ئەرز قىلغۇچى ئۆزى تېپىپ ئاندىن سوتقا ئاپىرامدۇ؟  مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
     ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىز سورىغان بۇ مەسىلە نۇرغۇن  ئادەملەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە ئىجرادا دايىم كۆرۈلىۋاتقان مەسىلە. ئىجرا قىلىش مەسىلىسى يىللاردىن بىرى تەس بولۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش سوت خىزمىتىدىكى بىر بوشلۇق. بۇنداق بوشلۇقنىڭ كىلىپ چىقىشىدا، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە ئامىل تەسىر كۆرسەتكەن.
     بىرىنجىدىن،ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىجراغا دائىر قانۇنلار تازا مۇكەممەل ئەمەس. پەقەت ھەق تەلەپ داۋا قانۇنىدا بىرنەچچە ماددا بار بولۇپ، بەكمۇ تومتاق بولغاچقا ئىجرا خىزمىتىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ. مەخسۇس ئىجرا قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرى تولۇق بىكىتىلمىگەچكە، ھازىرقى ئەمىلى ئىجرا خىزمىتىنىڭ تەلىۋىنى  قاندۇرالمايۋاتىدۇ.
يەنە بىرسى،ئىجرا خىزمىتى سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش، قاتناش ۋاستىللىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ، ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يىتەرلىك ئەمەس. بانكا، يۇقۇرى ئىستمال قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىجرا قىلىنغۇچىنى چەكلەش ئېلىپ بېرىش، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىش ئارقىلىق سوت ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلماسلىقنى ئەخلاقى ۋە سودا ئىناۋەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئومۇمى يۈزلۈك چەكلىگەندە، سوت ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا بولۇش نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولاتتى.بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر يىتەرلىك بولمىغاچقا، سوت ئىجرا خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمەيۋاتىدۇ.
سىز سورىغان كونكىرت دىلو مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەسلى جاۋاپكارنى ئىزدەش سوت ئىجرا خادىملىرىنىڭ خىزمىتى بولسىمۇ، دىلوكۆپ خادىم ئاز ياكى ھۇرۇنلۇق قىلىش سەۋەبى بىلەن، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ئالۋاڭ سالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت. شۇڭا،ھازىر كىشىلەر بۇنىڭغا كۆنۈپمۇ كەتكەن. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىجراغا ئىلتىماس قىلغۇچىدىن، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال بار. ساقچى ئورۇنلىرىدا ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى تىزىمغا ئېلىنماي قالىدۇ،مەسىلەن ياقا يۇرتلۇق بولسا، ھازىر شۇ تەۋەلىكتىكى تۇرۇشلۇق ئادرىسى تىزىملانمىغان بولسا، تەكشۈرگەن بىلەنمۇ چىقماي قېلىشى مۇمكىن. بۇ دىلورىڭىزنىڭ ئىجرا قىلىنماي قېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى. ئىجرا قىلىنغۇچىنى تېپىش باشقا ئۇسۇللار بىلەن مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ بىر ئۇسۇلىنى دەپ بىرەي .سىز سوت ئىجرا خادىملىرى ئارقىلىق ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانا ياكى ئاساسى قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن، خەت-چەك تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى تولۇق ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياكى بىۋاستە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز ئۈنىمى كۆرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئامال بولمىغاندا قىلىدىغان ئامال خالاس!

مەنبە: بوزقىر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 12:08 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:30:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار، كىتابخانىمىز پائالىيەت قىلغان ئىدى، قىزىقساڭلار ئىشتىراك قىلغايسىلەر
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا
http://suo.im/a7gl6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:30:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار، كىتابخانىمىز پائالىيەت قىلغان ئىدى، قىزىقساڭلار ئىشتىراك قىلغايسىلەر
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا
http://suo.im/a7gl6

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15235
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 12:04:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاخشام تىلىېۋىزوردا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلارنى توردىن كۆرىۋىلىڭلار دەپ ئۇختۇردى، قايسى تور ئادىرسىدىن ئىزلەيمىز? رەھمەت. 

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33406
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4517
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن رەھمەت.

سىز ئالدىرماڭ سىزگە كىلۇر،ئاستا ئالدىرماڭ تىز كىلۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش