ئادەتتىكى ئەزا
ئەمگەك توختامى مۇشۇنداق بولسا بولامدۇ؟
ئىسراپىل ئەمەت 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! توختامغا ئائىت ماۋۇ مەسىلىدىن بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، بۇ مەسىلنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كەتتى. قىسقىچە مەزمۇنى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن بىر شەخسى دوختۇرخانا، دوختۇرخانا ئىشلەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ دىپلومنىڭ ئەسلى نۇسىخىسىنى تاپشۇرۇش شەرت دەيدۇ. (ئەسلى نۇسخسى ئىگىسىدە قىلىپ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بولسا بۇلاتتى، نىمە ئۈچۈن ئەسلى نۇسخىسى ئىلىپ قېلىنغىننى بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ). يەنە ئۇندىن باشقا 1000 يۈەن زاكالەت پۇلى تۆلەيدىغان، ھەم ئىشلىگۈچى تەرەپ ئىشلىمەيدىغان بۇلۇپ قالسا بەرگەن مۇكاپات پۇلى دەمدۇ ئەيتاۋۇر بىرەر پۇلنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇنغا ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان، شەنبە، يەكشەنبە، ھېيىت-بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىش بىرىدىغان( ئەمەلىيەتتە بەزىدە بار بەزىدە يوقنىڭ ئورنىدا.) مۇشۇنداق بولغان ئەھۋالدا، توختام تۈزۈشكە قىستىسا قانداق قىلىش كىرەك؟ قانۇندا بۇ تۇغۇرۇق قانداق بەلگىلمىلەر بار؟ بولسا مۇشۇ تۇغۇرلۇق تەپسىلى چۈشەنچە بەرسىڭىز . رەھمەت!
ئەھۋالنى تەپسىلى ئوتتۇغا قويمىغانلىغىڭىز ئۈچۈن، بەك ئېنىق چۈشەنچە بىرىپ كەتكىلى بولمايدۇ،لىكىن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. 1. مۇئاش ۋە خىزمەت ئورنى توغرىسىدىكى ماددىلارغا رازى بولساڭلار، توختام تۈزسىڭىز بولىدۇ.مۇبادابۇ ئىككى تۈرگە قايىل بولمىسىڭىز، توختام تۈزمىسىڭىز تامامەن بولىۋىرىدۇ. 2. قانۇنغا خىلاپ توختام ئىناۋەتسىز ،ئۇنى قانۇن قوغدىمايدۇ، سىزگە نىسپەتەن چەكلەش كۈچى يوق.«ئەمگەك قانۇنى» ۋە «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا: "كارخانا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىنىڭ ئىشتىن ئىستىپا سورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋاپكارلىغى كارخانىدا تەرەپتە بولىدۇ".دەپ بەلگىلەنگەن.مۇشۇ ماددىدىن ياخشى پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. 3. «ئەمگەك توختام قانۇنى» ئەمگەكچىلەرنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىكار قىلىۋەتتى، شۇڭا كارخانىنىڭ ئەمگەكچىدىن رەنە-زاكالەت پۇلى ئېلىشى توغرا ئەمەس. 4. كارخانىنىڭ 8 سائەتتىن ئارتۇق بىكىتكەن خىزمەت ۋاختى ۋە ھېيت-بايرامدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توغرىسىكى توختام ماددىللىرى قانۇنسىز ھەم ئىناۋەتسىز. 5. ئەگەر كارخانا قانۇنسىز توختام بويىچە سىزنى چۈشەپ قويماقچى بولسا، سىزنىڭ ھەر ۋاقىت ئىستىپا سوراش ھوقۇقىڭىز بار، توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم سىزگە تۆلەم تۆلەيدۇ. 6. قارىغاندا بۇ دوختۇرخانا بەك قالايمىقان بولسا كىرەك، سىز ئىسپاتلىرىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ.مەسىلەن : توختام مۇئاش، قەغىزى قاتارلىقلارنى. 7. بۇنىڭدىن باشقا دىپلوم، كىملىك ۋە باشقا ئىناۋەتلىك كىنىشكە رەسمىيەتلىرىڭىزنى تۇتۇپ قالىمەن دىگەنلىرىمۇ ئوخشاشلا قانۇنسىز، بۇ كارخانىنىڭ ئەمگەكچىنى چۈشەيدىغان بويۇنتۇرۇقلىرى شۇڭا ئالدىراپ تاپشۇرۇپ قويماڭ! مۇشۇنداق قىلىپ ياكى كىتەلمەيدىغان ياكى ئۇنلۈكرەك توۋلىيالمايدىغان قۇللارنى، ئۈن-تۈنسىز ئۆزلىرىنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرىدىغان ماشىنا-سايمان قىلىۋېلىشنىڭ تەييارلىغى،دىققەت قىلىڭ!
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز
قاراخان
مەستانە ئـــەزا
يىـڭى ئــەزا
armanim120@hotmail.com
دائىملىق ئــەزا
Ay_Henim يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:47 AM لىكىن ئۇقۇش پۇتتۇرۇش دىپلومىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىن ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ