مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 0

تاشلىتىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:28:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشلىۋىتىش جىنايىتى بويىچە بىرتەرەپ قىلىڭ!

ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 12-ئاينىڭ4-كۈنى

بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق بىر مەسىلىنى ئۇچۇر قىپتىكەن، كەڭ جامەئەت بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ،  بۇنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى بىرگە يوللىدىم:
تىنچلىقمۇ ؟ سىزدىن بىر سوئال سوراي مەلۇم بىرسىنىڭ قاتناش ھادىسىدە بەرگەن تۆلەم پۇلىنى ئائىلىسىدىكىلىرى  ئىگەللەپ، ھەتتا ئوقۇتقە قىتىپ تىجارەت قىلىپ نۇرغۇن مال -مۈلۈك تېپىپ ، كېيىنچە مىيىپ بولۇپ قالغان پەرزەنتىنى خارلاپ ئۆيدىن ھايداپ چىقىپ، باشقىلار ھىلىقى مال- مۈلۈكلەرنى ئىگەلىۋالسا سوتقا دەۋا قىلسا ئاقامدۇ؟
ئۇ مىيىپ ئادەمنىڭ سۈنئى پۇت سېلىش پۇلىمۇ شۇ پۇلنىڭ ئىچىدە ئىكەنتۇق. ھازىر سۈنئى پۇت قول ئالماشۇردىغانىمۇ پۇل يوق.  سوتقا ئەرز قىلغانغا 4ئاي بوپتۇ جاۋاپ يوق ئىكەن.
قاتناش ۋەقەسى بولغانغا 25يىل بولۇپتۇ.
   سوت سۈرۈك ئۆتۈپ كەتتى دەپ قوبۇل قىلمايۋاتقان بولسا كېرەك.
ئاۋۇ مىيىپ ئادامنىڭ خىزمىتى بار ئىكەن. لېكىن ئاجرىشىپ كىتىپتۇ. يالغۇز باقىدىغان بالىسى بار ئىكەن. ئائىلىسىىكىلەر مائاشى بار، دەپ قارىمايدىكەن. سۈنئى پۇت قولنىڭ باھاسى بەك قىممەتلەپ كېتىپتۇ. مائاشىدىن يىغىپ ئالماشتۇراي دىسە ئۆينىڭ قەرزى بارئىكەن. بالا بىقىش، يەپ ئىچىش بىلەن پەقەت پۇل ئىشىنالمايدىكەن.
لېكىن باشقا ئاكا سىڭىللىرى ئىگەللىۋالغان ئۆينىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ نامىدا ئىكەن. ئۆز ۋاقتىدا قاتناش تۆلەم پۇلىنى دادىسى قول قويۇپ ئالغان ئىكەن. ئوقەتكىمۇ دادىسى قوشقان ئىكەن. نەچچە مىليون پۇل تىپىپتىكەن. بىر كىشلىكى مۇشۇ ئادەمنىڭ دەپتىكەن، لىكىن يازما ھىچنىم يوق. ھايات ئادەملەر ئوقەتكە قاتقانلىقىنى  ئىسپاتلايدىكەن.
ئىچى زەھەر مۇناپىق ئاپىسى ھازىر بۇ مال- مۈلۈكلەرنى مىراس قاتارىدا ئاۋۇ ساغلام باللىرىغا بىرۋەتمەكچى بولىۋىتىپتۇ. داداىسى ئۆلگەندىن بۇيانقى 10يىلدىن بۇيان  بۇ مىيىپ بالىسىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئۇلار بىرلىشىۋىلىپ گەپ قىلمايدىكەن. چەتكە قاقىدىكەن. ھىيت بايراملاردىمۇ بىرىش كىلىش قىلمايدىكەن..
بەك ئىچىنىشلىق... مۈمكىن بولسا ئوبدانراق ماتىريال كۆرۈپ ماشۇ ئادەمگە ياردەم قىلساق
       ياخشىمۇ سىز؟ سىز دىگەن مەسىلىنى قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىللىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. قانۇن بويىچە جاۋابىم مۇنداق  بولدى:
بۇدىلونى  قاتناش ۋەقەسى بويىچە قىلغىلى بولمايدۇ،  سەۋەبى قاتناش تۆلەم ئىشى ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان. تۈگەپ بولغان ئىشنى سۆرەپ چىققىلى بولمايدۇ.بۇنى پەقەت باشقىچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇمكىن!
ئالدى بىلەن ئىشنى چىرايلىق باشلىغان ياخشى يەنى مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئارقىلىق ھەلقىلىش ئىمكانىيىتى بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاۋال شۇيەرلەرگە بېرىپ ئەۋالنى ئىنكاس قىلىپ قويسىڭىز كىيىنكى قەدەملەرگە ئاساس سالىدۇ.
كىيىنكى قەدەمدە يۇمشاق ئۇسۇل كار قىلمىغاندا، سوتقا مىراس دەۋاسى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مىراس مەجراسى دەۋا سۈرۈك ۋاختى 2 يىل بولۇپ، مىراسخور ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تىگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. بىراق مىراس باشلىنىپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ.
دەۋا سۈرۈك جەريانىدا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەپ بىلەن دەۋا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلالمىغان بولسا، دەۋا سۈرۈك ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن ھىساپلانمايدۇ.
ئۈچىنجى قەدەمدە، ئوتتۇرا يول ئاقمىغاندا قىلىدىغان قاتتىق ۋاستە.يەنى تاشلىۋىتىش جىنايىتى بويىچە، بىۋاستە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش.چۈنكى قانۇندا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئائىلە ئەزالىرى ياشانغان、 قۇرامىغا يەتمىگەن、 كىسەلچان-مېيىپ ۋە باشقا مۇستەقىل تۇرمۇش قابىلىيىتى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنى خارلاش تاشلىۋىتىش قانۇن بويىچە جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قىلمىشىنىڭ ئېغىر يىنىكلىگىگە قاراپ، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رىجىم جازاسى بىرىلىدۇ.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 01:22 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش