مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2540|ئىنكاس: 24

ئۆزىڭىزنى نەس باسقان ئادەمدەك ھېس قىلامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالى باشقۇرغۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 02:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۈگۈن بىرەر ئىشنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن ئۆزىڭىزنى نەس باسقان ئادەمدەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمما ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس.

ئامېرىكا «كالفورنىيە تەكشۈرۈش گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كالفورنىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى بىر قېتىملىق ئورمانلىققا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، بىر جەسەتنى بايقاپ قالغان. جەسەت ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان يېرىدە بايقالغان. ئۆلگۈچى ئەر بولۇپ، يۈزىگە نىقاب، ئۇچىسىغا سۇغا چۆكۈش كىيىمى، پۇتىغا رېزىنكە پالاقچە كىيىۋالغان بولۇپ، دۈمبىسىگە سۇدا نەپەسلىنىش ئەسۋابى ئېسىۋالغان ئىكەن. جەسەتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ كىشى كۆيۈپ ئەمەس، بەلكى ئىچكى زەخىم سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

بەدىنىدە سۇغا شۇڭغۇش ئەسۋابلىرى بار ئادەم قانداق بولۇپ ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟ تەكشۈرگۈچىلەر بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان.

ئۇلار ئاخىرى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئورماندا ئوت ئاپىتى بولغان كۈنى ئۆلگۈچى ئورمانلىقتىن 20 مىل يىراقلىقتىكى دېڭىزدا سۇغا شۇڭغۇپ، دەم ئېلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىكەن. ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئېغىر بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى ئىشقا سېلىپ، سۇنى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايونغا تۆكمەكچى بولغان.تىك ئۇچار ئايرۇپىلان چوڭ سۇ قاچىلاش ئەسۋابى بىلەن دېڭىزدىن سۇنى ئېلىپ، ئورمانلىققا ئاپىرىپ تۆككەن... شۇنداق، دېمىسەممۇ بىلىپ بولدىڭىز، بۇ نەس باسقان كىشى، ئەسلىدە تىنچ ئوكياندا سۇغا شۇڭغۇپ ئويناۋاتقان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن جاننى ئالىدىغان 300 فۇت ئېگىزلىكتىن ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر يەرگە پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈپ چۈشۈپ كەتكەن.

ھە؟ ئۆزىڭىزنى يەنىلا نەس باسقان دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ بولىدۇ، بىز يەنە «فلورىدا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قاراپ باقايلى:

بىر ئەر ئۆز ھويلىسىدا موتوسىكلىتىنى رىمونت قىلىۋاتقان ئىدى، ئايالى بولسا ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتاتتى. ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن موتوسىكلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ، تېخى ماي تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىۋېتىپتۇ، بەختكە قارشى قولى تۇتقۇچتا بولغاچقا، موتوسىكلىت ئۇنى سورەپ ئۆينىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ ئاخىرىدا پول ئۈستىگە يىقىلىپتۇ.

ئايالى تاشقىرقى ئۆيدىكى چېقىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، ئۆيدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلار ئۆرۈلگەن، يولدىشىنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتقان ئىكەن. ئايال دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرتقان. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئېرىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيدە قېلىپ چېقىلغان بۇزۇلغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرغان.ئۇ ئالدى بىلەن موتوسىكلىتنى ھويلىغا ئىتتىرىپ چىقارغاندىن كېيىن، قەغەز بىلەن پولدىكى ماي قالدۇقلىرىنى سۈرتۈپ، ئاندىن قەغەزنى تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان.

ئەر دوختۇرخانىدا بېشىنى تاڭدۇرۇپ، يارىسى ئېغىر بولمىغاچقا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. بىر ئازدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ھاجەت قىلماقچى بولغان ۋە كەيپىياتى ناچار بولغاچقا تاماكىدىن بىر تال چەككەن، ئاندىن تاماكا قالدۇقىنى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان. ئەمدىكى ئىشنى سىزمۇ بىلدىڭىز، ئايال ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ پارتلىغان ۋە يولدىشىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان. يۈگۈرۈپ تازىلىق ئۆيگە كىرسە يولدىشى ئىڭرىغىنىچە يەردە ياتقان، ئىشتانلىرى تىتىلىپ، ساغرىسىمۇ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى يەنە بىر قېتىم چاقىرتقان.دوختۇرخانا ئالدىنقى قېتىمقى ماشىنىنى يەنە ئەۋەتكەن بولغاچقا، قۇتقۇزغۇچى خادىم ناسولكىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ جەريانىنى سورىغان، ئەھۋالنى ئۇققان بىر خادىم كۈلكىسىنى تۇتالماي قالغان، بۇ دەل پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان چاغ بولغاچقا، پۇتى سىيرىلىپ كېتىپ ناسولكا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، نەس باسقان ئەرنىڭ بىر بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن.

نېمە؟ يەنە ئۆزىڭىزنى نەس باسقان دەپ يۈرۈۋاتامسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئەڭ نەس باسقان ئەمەس، سىزدىنمۇ ئۆتەر نەس باسقان ئادەم تېخى نۇرغۇن.

1. ئالياسكىدا بىر ماي پاراخوتىدىن ماي ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر دېڭىز يىلپىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن. ئەڭ كۆپ خىراجەت كەتكەن ئىككى دېڭىز يىلپىزىنى تەنتەنىلىك بىلەن بىلەن دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر مىنوت بولماي، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئوركا كىتىنىڭ قۇرسىقىغا كىرىپ كەتكىنىگە قاراپلا قالغان.

2. بىر ئايال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا يولدىشى ئاشخانا ئۆيدە غال-غال تىترىگەن ھالدا ئۆرە تۇرغان. ئەرنىڭ بېلىدە بىر تال توك سىمى توك چەينەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. يولدىشىنى توك تېپىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئايال، دەرھال ئىشىك كەينىدىكى كالتەكنى ئېلىپ، يولدىشىنى توكتىن ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرغان، نەتىجىدە ئەرنىڭ بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇنى توك سوقمىغان بولۇپ، بېلىگە تاقىۋالغان ھەردەم تىڭشىغۇچتىكى مۇزىكىغا مەست بولۇپ تولغىنىپ ئويناۋاتقان ئىكەن.

3. كاي ۋالاجىت ئىسىملىك ئىراقلىق تېرورچى بومبا سېلىنغان پاسولكىنى بىرەيلەنگە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەمما پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن، پوچتىخانا «پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن پاسولكا ئىگىسىگە قايتۇرۇلسۇن» دېگەن تامغىنى ئۇرۇپ قايتۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە، ئۇ بومبىنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ پاسولكىنى ئېچىپ ئۆزى پارتلاپ يارىلانغان.

شۇنداق، تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق پېشكەللىلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. شۇ ئىشلار ئۈچۈن، پەرىشان بولغان، بېشىمىز قاتقان، خۇرسىنغان چېغىمىزدا، ئەتراپىمىزدا بىزدىنمۇ بەك قىيىنچىلىقتا يۈرۈۋاتقانلارنى ئويلاپ قويۇش كېرەك.بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ سىزچىلىك ئامىتى كەلگەن بولسا تەڭرىگە رەھمەت ئېيتقان بولاتتى. شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس. خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 04:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا   جۇمەدىن  يىنىپلا  تازا كۈلۋالدىم  

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئالدىراش ئىشلەپ،كىرىپ باقاي دەپ كىرسەم،مۇشۇ تىما پۈتۈن ھاردۇقۇمنى چىقاردى.
بەك كۈلۈپتىمەن..رەخمەت جۇمۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ ھىلىقى دېڭىزدا سۇ ئۈزىۋاتقان ئادەمگە،يەنە ھېلىقى ھاجەتخانىدا تاماكا چەككەن ئادەمگە بەك كۈلدۈم.نەس باسا مۇشۇنداق با سا ھە؟

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نەس باسقانلارنى زاڭلىق قىلىپ تازا كۈلۈپسىلەردە ؟ مىنىڭمۇ كۈلگۈم كەلگەن بىراق ئىچىم ئاغرىپ ئامال بار كۈلمىدىم . ئەمما بۇ يازمىدىن خېلى تەسەللى تاپتىم .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:33:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلمەي دىسىەممۇ كۈلۈپ سالدىم ،ئاللاھ ھەممىمىزگە سەۋېر بەرسۇن   ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھىچقاچان ئۇزۇمنى  نەس باسقان دەپ ئويلاپ باقمىدىم .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:34:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا !
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ،  بىر قارىسا كۈلكىلىك ،  يەنە بىر قارىسا ئادەمنىڭ ھېسداشىلىقىنى قوزغايدىكەن.

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:40:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:50:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئادەم قانچە ئېھتىيات قىلغانسىرى شۇنچە پالاكەت باسىدىكەن....شۇڭا....بىز ئىنسانلار ئۈزىمىزنىڭ بىر تىنىقىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايمىز....ياراتقۇچى ئىگىمىز نىمىنى پۈتىۋەتكەن بولسا شۇ ئىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز....راس...مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم...ئاجايىپ كۈلكىلىك ئىشلار بوپتۇ....

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 05:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلمەسلىككە تىرىشقان بولساممۇ لېكىن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش