ئادەتتىكى ئەزا
يېقىندا يولغا قويۇلماقچى بولغان دىنىي ئىشلار نىزامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
قانۇن تەرجىمىسى
-يىلى 1-يانۋار يولغا قويۇلماقچى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى 8 باپ 66 ماددا بولۇپ،پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىتىقات ئەركىنلىگىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ھەمدە دىنىي تەشكىلات دىنىي زاتلارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاشتۇرغان. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسلەرنىڭ چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى رادىئو-تېلىۋىزىيە پىروگىراممىللىرىنى قوبۇل قىلىپ كۆرۈش-ئاڭلاش قىلمىشى چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قانۇنسىز قىلمىشىنى توختۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوبۇللىغۇچلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، توربېكىتىنى تاقايدۇ.قانۇنسىز كىرىم قىلغانلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 5000يۇەندىن 30000يۇەنگىچە جەرىمانە قويىدۇ. دىندىن پايدىلنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئەدلىيە مۇئارىپ مەدەنىيەت نىكاھ پىلانلىق تۇغۇت مىراس قاتارلىق تۈزۈملىرىگە دەخلى كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. دېندىن پايدىلنىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىگى چە مەنپەتىگە جەمىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەتىگە ۋە پۇرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەتىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ. دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن پايدىلنىپ مىللى بۆلگۈنچىلىك تېرورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تەرغىپ قىلىشقا كۈشكۈرتىش چەكلەنگەن. قانۇنسىز تەبلىغ ئۈن-سىنماتىرياللىرىنى تارقىتىش چەكلەنگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ،ئامانلىق نىزامىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا چارە كۆرۈلىدۇ،جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قانۇن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان: http://news.sohu.com/20141205/n406698532.shtml ئەسلى مەنبە: بوزقىر تورى
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ