|
|
|
|
ئېسىل پۇرسەت-قارلۇق ئەپلىرى بۇ يىل ئاخىرقى قېتىم ھەقسىز
2014-يىلى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى، قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بۇ يىل ئاخىرقى قېتىم ئالما يانفون ئەپلىرىنى ھەقسىز قىلماقچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ! (apps.qarluq.com)
قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مەزگىلىدە قارلۇق شىركىتىنىڭ ھەقلىق ئەپلىرى ھەقسىز تەمىنلىنىپ، نەق مەيداندا يانفونغا ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئورنىتىپ بېرىدۇ.
ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىي كەسپلىرى كۆرگەزمىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى خۇاڭگۇاڭشەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەسئۇل كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە ئىجادىي كارتون يانفون ئويۇنى «مىڭ بىر كېچە»نى چىقارغاندىن سىرت، قارلۇق شىركىتىنىڭ كۆپلىگەن ھەقلىق ئەپلىرى ئابونتلارغا ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلاردا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى «سالام ئەلى!»، «دەستارپىچ» قاتارلىقلار، قورال تىپىدىكى ئەپلەردىن «كۆپ تىللىق قوش يۆلىنىشلىك لۇغەت» بار، مائارىپ تىپىدىكى ئەپلەردىن «ھېسابىم» ۋە «ئېلىپبە» قاتارلىقلار بار،يەنە نۇرغۇن كارتون سوۋغاتلىرى نەق مەيداندا تارقىتىلىدۇ. قارلۇق شىركىتىنىڭ ئەپ مەھسۇلاتلىرى iOS، ئانجروئىد قاتارلىق كۆپلىگەن سۇپىلارنى قوللايدۇ، پۈتكۈل يەر شارىدا 107 دۆلەتتىىكى ئابونتلار 5 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈردى، بۇنداق نەتىجە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ناھايىتى كۈچلۈك ئەمەلىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنۆۋەتلىك كۆرگەزمە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ۋە تېخنىكىنى يادرو قىلىدۇ، چۈنكى شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت بايلىقى بار، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ قىرلىق مەدەنىيىتى ھەر خىل شەكىلدە گەۋدىلىنىدۇ، يىپەك يولىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ مەركىزىي رايونىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى تىپتىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارلۇق شىركىتى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق پەن-تېخنىكا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بىر-بىرىدىن سەرخىل ئەسەرلەرنى چىقاردى. ھازىر شىركەتنىڭ 360 گىرادۇس ئايلانما ئېكرانلىق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى 3D سۈرەت بىرىكتۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، ئالاھىدە يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلىرى بار؛ 38 يۇمشاق دېتالنىڭ نەشر ھوقۇقى بار، 10 نەچچە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتى، 80 پارچە گۈزەل-سەنئەت ئەسىرى رويخەتكە ئېلىنغان، 60 نەچچە كارتون فىلىم ۋە تەشۋىقات فىلىمى، 1000 نەچچە پارچە ئۈچ ئۆلچەملىك مودىل، 5000 نەچچەرەقەملىك سۈرەت قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتە چىقارغان كارتون فىلىملىرىدىن «چۈمۈلىچاقنىڭ كەشپىياتى»، «ياغاچ گۈل»، «جاڭغىر» قاتارلىقلار بار. يانفون ئويۇنىدىن «مىڭ بىر كېچە» بار؛ يانفون ئەپلىرىدىن «خاتىرەم»، «ئوكيان خەۋەرلىرى»، «گۈدۈك»، «شەخسلەر»، «دەستارپىچ»، «سالام ئەلى» قاتارلىقلار بار.
ھۆرمەت بىلەن قارلۇق مېدىئاپەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى apps.qarluq.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 01:54 PM
|
|
|
|
|
|