ۋاھ ،ھەممىڭلار يۇمۇرغا چۈشۈپ كىتىپسىلەر ، مەنمۇ كۈلۈپ بۇلۇپ ، قولۇمنى سېلىپلا چىقىپ كىتىشتىن خىجىل بۇلۇپ قالدىم ، مەنمۇ قىزىمنىڭ قىزىق گەپلىرىدىن دەپ بىرىپ چىقىپ كىتەي ، بىر كۈنى تۆت يېرىم ياشلىق قىزىمدىن سىناق ئېلىپ باقاي دەپ «ئومىقىم ، دەپ بېقىڭا , بىرگە بىرنى قوشسا نەچچە بولىدۇ ؟» دەپ سورىسام ، قىزىم ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ «بىرگە بىرنى قوشسا بىر قېتىم ئىككى بولىدۇ ، يەنە بىرقېتىم 11 بولىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى ، بۇنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى كەينىمگە تاشلاپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن ، «نەدىن تاپتىڭ بۇ گەپنى ؟» دىسەم « كاللامدا قوشسام ، ئاشۇنداق جاۋاپ چىقتى ، ئاپا » دەپ كۈلۈپ ئولتۇرىدۇ ....ئىچىمدە «سەن چوڭ بولساڭ يا ئۇستا سودىگەر بولىسەن ، يا مۇتەپەككۈر بولىسەن » دەپ قالدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 11:17 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 E0 Z8 U6 V& a* w# U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 A; u6 [) I) G- r