مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 825|ئىنكاس: 5

[قانۇن[بالىنى كىم باقىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 05:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاجراشقاندا بالىنى زادى قايسى تەربىيلەيدۇ ؟

  

ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى

بۇ ئىككى تەرەپ كۆپرەك تالاش –تارتىش قىلىدىغان مەسىلە، بەزى ۋاقىتلاردا ئىككىسى تەڭلا بالىنى تەربىيلەشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىدە ئىككىسى تەڭلا بالىنى تەربىيلەشنى خالىمايدۇ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بار.نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى قايسى تەرەپ بىقىپ تەربىيلەش مەسىلىسى،نىكاھ قانۇنىنىڭ 36ـ ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1)نىكاھتىن ئاجراشقاندا ،ئىمىۋاتقان بالىنى ئانىنىڭ بىقىشى پىرىنسىپ قىلىنغان ، بۇ بالىنىڭ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى 1993-يىلى 11-ئايدا ئىلان قىلغان «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلولىرىنى سوت قىلغاندا بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە كونكىرىت پىكىر» دە بالىنى ئېمىتىش مەزگىلى ئىككى يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. لىكىن، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئاتىسى باقسىمۇ بولىدۇ . مەسلەن: ئانىسى ئېغىر كېسەل ياكى يۇقۇملۇق كېسەل بولسا، بالىنى ئىمىتىۋاتقان ئانىنىڭ بېقىشى ھەم ھوقۇق ھەم مەجبۇرىيەت. ئانا بوۋاقنى بېقىش مەسۇلىيتىدىن باش تارتسا بولمايدۇ.
ئوخشاشلا ، ئانىنىڭ بوۋاقنى بېقىش ئەپسىز ياكى ئۇ بوۋاقنى باقالمايدىغان بولسا ، ئاتىمۇ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتسا بولمايدۇ.
(2) ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىنى بېقىش مەسلىسىدە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ پۈتىشىدۇ. پۈتۈشەلمىسە خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بالىنى بىقىش مەسىلىسىدە مەيلى ئىككى تەرەپ پۈتۈشسۇن ياكى سوت ھۆكۈم چىقارسۇن، ئوخشاشلا بالىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئاتا –ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىۋى پەزىلىتى، ئائىلە مۇھىتى، ئىقسادى ئەھۋالى ۋە بالا بىلەن بولغان ھىسىيات ئالاقىسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىش كىرەك . 10ياشتىن ئاشقان، پەرق ئىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بالا بولسا، كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش مەسىلىدە بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش لازىم. بىقىپ تەربىلەش مەسىلىسىدە ھەم بالىنڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەكىتلەش ھەم ئاتا –ئانىنڭ مۇۋاپىق تەلىپىنىمۇ نەزەرگە ئىلىش كىرەك. مەسىلەن: بىر تەرەپ ياشىنىپ قالغان  كىسەلچان  پەرزەنت كۆرەلمەس ، قايتا نىكاھلىنشى تەسراق بولسا ،كونكىرىت ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭ بالىنى بىقىش تەلىپىگە ئىتىبار قىلىش لازىم .


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10417
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 11:04:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
با لا   دىگەن ئائىلە تەربىيسى كۆرمىسە قانداقمۇ ياخشى بولا بولالايدۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11441
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 07:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تويدىن كىيىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توي قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك ، شۇڭا ئەسلىدە ھىچكىمنىڭ ئاجراشقۇسى يوق  ، لېكىن بەزىدە ئاجراشمايمۇ بولمايدۇ ، شۇڭا ‹ ئاجراشماڭلار ئاتا - ئانىلار › دەپ شۇئار توۋلاش خۇددى نان يېسەڭلار قورسىقىڭلار تويىدۇ دېگەن بىلەن ئوخشاش .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 751
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 07:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،،،، مەن ئاجرشىمەن دەپ تۇرۇپ توي قىلغانلارنى نىمە دىسەك بولار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Abdul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 07:00 PM
توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تويدىن كىيىن ئاجرىشىپ كېتى ...

جىڭ گەپ  قىپسىز  بەك سۆيۈندۈم

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ01 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 07:26 PM
ھەي،،،، مەن ئاجرشىمەن دەپ تۇرۇپ توي قىلغانلارنى نىمە د ...

ئۇنداقلارنى «ئادەم »دەيلى ،ھايۋان دېسەك ھايۋانلارغا ئۇۋال بولىدۇ

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش