مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1172|ئىنكاس: 3

ئويۇن كومپىيۇتېرىنى قانداق سەپلەش كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

www.oYunchi.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13007
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9420
تۆھپە نۇمۇرى: 961
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

143358at7ii1zuadsi7ews.jpg


ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تەلىپى بولغاندەك، ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئويۇن كومپىيۇتېرىنى سەپلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى، بىردانە ياخشى كومپىيۇتېرنى سەپلەش، ئوينىغۇچىغا ياخشى بولغان ئويۇن مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، بىرقانچە يىلغىچە ئەڭ نادىر ئويۇنلاردىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. ئويۇن كومپىيۇتېرى تاللىغاندا باھانى قوغلىشىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۈنكى باھاسى قىممەت قاتتىق دېتاللارنىڭمۇ ياخشى ۋە ناچىرى بولىدۇ. ھەم سۈرئىتىنى قوغلىشىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم بىرقانچە دېتالنى تاللىغاندا ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم. ئۇنداقتا ئويۇن كومپىيۇتېرى تاللىغاندا ئويۇننىڭ سۈرئىتىگە قايسى قاتتىق دېتال ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئو بولسىمۇ: مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دېسكا. مانا بۇ قاتتىق دېتاللار كومپىيۇتېرنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

143626akmzyimjenzmsndm.jpg


مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: كۆپلىگەن تورداشلار CPU (مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ) تاللىغاندا ئۇنىڭ يادىرو سانىغا ۋە چاستوتىسىغا قارايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بەك مۇھىم، بىراق بىر نۇقتا ئايدىڭ بولسۇن، يادىرو سانىنىڭ كۆپ ياكى ئاستىلىقى CPU نىڭ ياخشى يامانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. قىسقىچە مىسال قىلساق، بىردانە Intel I74770K تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ يادىرو سانى 4، بىراق مەركۇز CPU نىڭ ھەر بىر يادىروسى قوش لېنىيە بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، مۇنداقچە قىلغاندا ھەر بىر يادىروسى، ئىككى يادىرو قىلغان ئىشنى قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا 8 يادرولۇق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ قىلغانچىلىك ئىشلارنى قىلالايدۇ دىگەن گەپ، يەنە مەسبىلەن AMD FX8320 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ يادىرو سانى8، ئەمما ھەر بىر يادىروسى تاق لېنىيەلىك خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بۇ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ياخشى ئەمەس دىگەنلىك بولمايدۇ. ھەممەيلەنگە ئايان، AMD تۈرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ سۈرئىتى تېز،ئەمما تۇراقلىقلىغى INTEL غا يەتمەيدۇ. چاستوتىسىغا كەلسەك چاستوتىسى گېگاگىرتىس. GHz بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى تىتىرەش چاستوتىسى، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە چاستوتىسى قانچە چوڭ بولسا، سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ دېگەن گەپ، ئاندىن قالسا ئەڭ مۇھىم يەنە بىر بىرلىكى بار، بۇ بولسىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇففىر (二级缓存) بۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئىچكى ساقلىغۇچتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ، تورداشلارغا ئايدىڭ بولسا كېرەك، سانلىق مەلۇمات قاتتىق دېسكا ياكى باشقا ساقلىغۇچلاردىن ئىچكى ساقلىغۇچقا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقا يوللىنىپ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ، دېمەك مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئاۋۋال شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىجىرا بولىۋاتقان پروگراممىنى ئىچكى ساقلىغۇچ ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىدۇ، ئاندىن مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچتىن قوبۇل قىلىپ، بىرتەرەپ قىلىدۇ، بۇ جەرىياندىكى ئۇچۇرلارنىڭ يوللاش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئەلۋەتتە ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇففىرمۇ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ تاللاشتا ئەڭ دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
ئەمدىكى گەپ CPU قانداق تاللاشتا، باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى ياخشىراق بولغان CPU نى تاللاش ھەرقانداق كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈمۈت قىلىدىغىنى، ئۇنداق قايسى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك؟ ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى ھاجىتىدىن چىقالايدىغىننى تاللىسىڭىزلا بولدى، ئەڭ ياخشىسىنىڭ سىزنى رازى قىلالىشى ناتايىن، كۆپلىگەن تورداشلار سەپلىمەم شۇنداق ياخشى تۇرسىمۇ كومپىيۇتېرىم يەنىلا قېتىۋالىدۇ دەپ گۇمان قىلىشىدۇ، شۇنى بىلىپ قىلىڭ، كومپىيۇتېرنىڭ قېتىۋىلىشى ئەسلىدىنلا نورمال ئەھۋال، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سەپلىمىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. قاتتىق دېتالغا ياخشىسىنى سەپلىگەنگىلا ھېساب ئەمەس، ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم. ئۆزىڭىز ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى بولمىغان يۇمشاق دېتاللارنى كۆپ قاچىلىماڭ، ھۆججەتلىرىڭىزنى رەتلىك ، ياخشى ساقلاڭ، لازىمى بولمايدىغا قىستۇرما، قوراللارنى تازلاڭ، ۋاقتىدا ئەخلەتلەرنى تازلاپ تۇرۇڭ، يەنە بىر مەسىلە دۆلىتىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقىقىغا قاراپ تۇرتۇپ ئېغىر ھالدا دەخلى تەرۇز قىلىدۇ، سىز رۇخسەت قىلمىسڭىزمۇ ئارقا سۇپىدا توختىماستىن ئىجىرا بولۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ مەنبەسىنى خورىتىدۇ، قالايمىقان ئېلانلار سەكرەپ چىقىپ، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى قالايمىقان توربىكەتلەرگە چىقماي، ئەدەبسىز دېتاللارنى قالايمىقان قاچىلىماڭ، ھەدىسىلا گۇناھنى قاتتىق دېتالدا قويماڭ، سىز قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجىرا قىلماي ئامالى يوق...
گەپنى ئۇزاتىۋىتىپتىمەن، ئەسلى گەپكە كىلەيلى، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ تاللىغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يۇقارقىدەك، ئەمدى قايسى خىل مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنى تاللىساق ياخشى بولىدۇ دېگەندەك سۇئاللار پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن، ئاۋۋال دەپ قويىدىغىنم ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ۋە ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاڭ، دىيارىمىزدا Intel ئائىلىسىدىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنى ئىشلىتىش ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى، بۇ تۈردە بىرقەدەر تاللاشقا ئەرزىيدىغانلىرى I3,I5,I7 قاتارلىق بىر ئائىلە تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار. تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. باھاسىدىمۇ پەرق چوڭ بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئوخشاش تىپلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭمۇ يەنە ئىچىدىن بىرقانچە تۈرلىرى بولىدۇ، بىرىنچى ئەۋلاد، ئىككىنچى ئەۋلاد دىگەندەك، ئىقتىدارىدىمۇ ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا مەلۇم نىسبەتتە ئىلگىرلەش بولىدۇ. I3 تۈرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ باھاسى ئەرزان بىر قەدەر تۆۋەن كىرىملىقلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەمما ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس، تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ. i5 بولسا كومپىيۇتېر سەپلەشتىكى ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى، بۇ تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلاردا ئوتتۇرا، يۇقىرى تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ.(ھەرقانداق ئويۇننى سۆرىيەلەيدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ) ئۇندىن باشقا ئىشخانىدا خىزمەت كومپىيۇتېرلىرىغىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدۇ. i7 تۈردىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇ تۈردىكى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ. تىپى يۇقىرى بولغاندىكىن ئىقتىدارىمۇ ئەلۋەتتە ئالدىنقىللىرىغا قارىغاندا ياخشى چىقىدۇ، لېكىن باھاسىمۇ خېلى ئۆرە، ھازىر كومپىيۇتېر بازىرىدا باھاسىمۇ2100-2600 گىچە بولىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىستىمال سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. ئويۇننى سۆرىيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. AMD  تۈرىدىكىللىرىنى دەپ كەلسەك، بۇ تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، سۈرەت جەھەتتە ھەقىقەتەن بولىدۇ. تېمىنىڭ مەزمۇنى ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ھازىر بۇ توغۇرلۇق كۆپ توختالمايمەن، كېيىنچە Intel ۋە Amd تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىپ قىلىشىم مۇمكىن.

144111em2i5ay6y1yx2y8j.jpg


ئىچكى ساقلىغۇچ: ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشىRandom Access Memory، قىسقاتىلمىسى Ram بولۇپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، يەنى SRAM: (تېنچ ساقلىغۇچ) ۋە DRAM (ھەركەتچان ساقلىغۇچ) بىز ئادەتتە كومپيۇتېرىمىزغا سەپلەيدىغىنى DRAM بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ رولى توغۇرلۇق ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتىم. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچ ئۈچنچى ئەۋلاد ئىچكى ساقلىغۇچلار بولۇپ يەنى DDR3 دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭمۇ چاستوتىسى بولىدۇ، چاستوتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھازىرقى ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ DDR3 800،DDR3 1066،DDR3 1333 ،DDR3 1600 قاتارلىق تۈرلىرى بار. سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6400MB/s،8500MB/s،10664MB/s،19455MB/s بولىدۇ. بازارلاردە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقىنى ھازىر 1333 بىلەن 1066 تىپلىقلىرى، يېقىندا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى تىپلىقلىرى بازارغاكىرىپ بولدى، باھاسىمۇ بىرقەدەر ئۆرە.  ئويۇنچىلار ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچ تاللىغاندا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى windows7 دىن باشلاپ 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى. چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرىلاپ كەتتى. بۇرۇن 32 بىتلىق سىستېمىلاردا gb4 دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللىمايتتى، بىراق 64 بىتلىق سىستېمىلاردا ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ئەڭ تۆۋەن دىگەندىمۇ 4Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

144135inbn23o80nn88b8z.jpg


كۆرسىتىش كارتىسى: كۆرسىتىش كارتىسى ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قاتتىق دېتاللارنىڭ بىرى، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ياخشى ناچارلىقى ئويۇننىڭ سۈپىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندىمۇ چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھازىر بازاردا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ھەتتا تاغتۇرا كۆرسىتىش كارتىللىرىمۇ بازارغا كىرىپ بولدى، دېققەت قىلمىغاندا ناچار، سۈپەتسىز كارتىلارنى تاللاپ قىلىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا كارتا تاللىغاندا چوقۇم ئىشەنچىلىك دۇكانلاردىن، ماركىسى داڭلىق بولغان كارتىلارنى تاللاش كېرەك. نۆۋەتتە 七彩虹 双敏 影驰 铭瑄 蓝宝石 昂达 微星 丽台 迪兰恒进 华硕 翔升 قاتارلىقلار دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ماركىلار بولۇپ قالدى. مەنچە مۇشۇ ماركىلار ئارىسىدىن مۇۋاپىق تىپتىكى كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندا ئانچە زىيان تارتمايسىز. ئۇنداقتا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە ئەڭ ئالدىدا قارايدىغىنىمىز باھاسى. ھې ھې... بىراق مۇھىمى ئەڭ قىممىتىنى ئېلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغىنىنى تاللاش.
كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندا چوقۇم دېققەت قىلىدىغان ئۇچۇرلىرىدىن ئېقىم بىرتەرەپ قىلغۇچ(流处理器)، يارىرو چاستوتىسى (核心频率)، كۆرسىتىش بىت سانى (显存位宽) ۋە كۆرسىتىش چاستوتىسى (显存频率)  قاتارلىقلار كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرقانچە كۆرسىتىش كارتىسىدىن ياخشىسىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە مۇشۇ ئۇچۇرلىرىغا دېققەت قىلسىڭىز ھەرگىز زىيان تارتمايسىز. بۇندىن كېيىن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمىغا قاراپلا تاللايدىغان مىجەزىڭىزنى تاشلاڭ، ياراشمايدۇ سىزگە ھې ھې ...

144151h3xkoxbos339o9n2.jpg


قاتتىق دىسكا: بۇنى كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولار، پەقەت ھۆججەتلىرىمىزنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ، بىراق قاتتىق دېتاللارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى سەۋەپلىك ھازىر ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئوقۇپ ئېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېزلىشىپ كەتتى، بىراق ھازىرقى فىزىكىلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتى ئۇ دېتاللارغا يىتىشەلمەيۋاتىدۇ، نەتىجىدە كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ناۋادا كومپىيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتى تېز بولسىكەن دەپ ئويلىسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزغا بىر دانە تۇراقلىق قاتتىق دىسكا سەپلىسىڭىز ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ. كومپىيۇتېر سۈرئىتىنىڭ نەچچە ھەسسە تېزلەشكىنىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.

ئاساسىي تاختا، ئاساسىي ئاپارات قېپى، توك مەنبەسى توغۇرۇلق كۆپ توختالمايمەن، پەقەت ھاۋا ئۆتكۈزىشى ياخشى ئاساسىي ئاپارات قېپى ۋە ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك ئاساسىي تاختا ۋە توك مەنبەسى تاللىسڭىز بولدى، ناۋادا ۋاقىت بولسا بۇ توغۇرلۇقمۇ تەپسىلىي توختىلىمەن.

تىخىمۇ كۆپ ئويۇن توغۇرلۇق بىلمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز: http://www.oyunchi.com/
ئويۇنچىلار كۇلۇبى: http://oyunchi.com/

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10883
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2212 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 02:18:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AMD  نىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى بولسا... ئەگەر كومپىيوتېر قېتىۋالسا سەل تۇرۇپ ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ... ئەمما intel  قېتىۋالسا كومپىيوتېرنىڭ قايتا قوزغىتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قايتا قوزغاتمىسىڭىز ئامال يوق..........   يوقارقى تېمىدا دىيىلگەندەك ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئارتۇقچىلىقى بار..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 01:23:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amdمەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار تازا ياخشى ئەمەسمۇ قاندا ؟ مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېرنى 2011يىلى 4500يۈەنگە ئىكران بىلەن بىللە قۇراشتۇرغانىدىم، ئويۇن ئويناپ تورغا چىقىمەن دېسەم سودىگەر amdنى تەۋسىيە قىلغانىدى. سىنكارتىنىڭمۇ خېلى ياخشىسىنى سېتىۋالغان، سېتىۋېلىپ ھەپتە بولغاندا تور كېتىپتى ئىككى سائەت 古墓丽影نى ئوينىسام ئۆچۈپ قېلىپلا قوزغالمىدى، ئاپارسام مەنبە توك يېتىشتۈرۈپ بولالماي سىنكارتىنى كۆيدۈرىۋېتىپتۇ دەيدۇ. پەقەت شۇ مەنبەنىڭلا ئەرزىنىنى ئاپتىكەنمەن، يەنە 300يۈەن قوشۇپ ياخشىراقىغا ئالماشتۇردۇم،كۆيۈپ كەتكەن سىنكارتامنى ئۈچ ئايغىچىمۇ ئەكىلىپ بەرمىدى، كېيىن يېرىم باھادا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپتى، باشقىنى سېتىۋالدىم، ھازىر 64بىتلىق ۋىندوۋس8سىستىمىسىنى ئىشلىتىمەن، تورغا چىقسام تىز، سۈزۈك كىنو كۆرسەم قېتىۋالمايدۇ، بىراق ئۇيۇن ئوينىساملا قېتىۋېلىپ پەقەت ياخشى سۆرىمەيدۇ.  توردىن ماتىرىيال كۆرۈپ ھېلى سىنكارتا ئالماشتۇرىمەن، ھېلى ئىچكى ساقلىغۇچ قۇشىمەن، ھېلى تۇراقلىق قاتتىق دىسكا 固态硬盘سەپلەيمەن، ئويۇن ئوينىسام زادى قېتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ بىر كومپىيوتېرنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتسە بولمايدىكەن دەپ ئويلىدىم،
ماڭا مۇۋاپىق سەپلىمىدىكى كومپىيوتېر تەۋسىيە قىلساڭلار بولاتتى، باھاسى 4000-5000ئارىلىقىدا بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھانى قۇبۇل قىلالمايمەن.  ئاساسلىقى يانفۇنلارغا سىستىما قاچىلايمەن كۆپىنچە ۋاقىتتا بىرلا ۋاقىتتا بەش ئالتە خىل يۇمشاق دېتالنى بەزىدە ئوننەچچە يۇمشاق دىتالنى بىراقلا ئىشلىتىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە بىكار بولۇپ قالسام  ئۇيۇن ئوينايمەن. ئاندىن usbئېغىزى قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشىتى .
مۇمكىن بولسا تەۋسىيە قىلىنغان زاپچاسلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق قالدۇرۇپ قويساڭلار كۆپ مىننەتدار بولاتتىم.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 01:27:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمدا ئادەت خاراكتېرلىك توك كېتىدىغان كېسەل بار. ھەپتىدە يوق دېگەندە ئۈچ تۆت قېتىم  بەزىدە تېخى كۈندە نەچچە قېتىم توك كېتىدۇ. مۇشۇنداق تۇراقسىز توك كومپىيوتېرغا بەك زىيانلىق دەپ ئاڭلىدىم، شۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك كومپىيوتېر بولسا بولىتى.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش