|
|
|
|
جۇڭگودا زور كۆلەملىك مائاش ئۆسمەيدۇ
بوزقىر تەرجىمىسى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى سانائەت-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى 15-دېكابىر ئېلان قىلغان « جۇڭگونىڭ سانائەت تەرەققىياتى دوكلاتى 2014 » دە كۆرسىتىلىشىچە ، جۇڭگونىڭ مائاش سەۋىيىسى ئۆتكەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا زور كۆلەملىك ئۆسۈپ ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرچە مائاشى جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئاسىيا ئەللىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىپ ، ئەمگەك كۈچى تەنەرقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن : نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىش ھەققى جەھەتتە ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك ئېشىش بولمايدۇ.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن : ئىقتىسادنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىشى ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە ياش ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق ئۇنۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسى ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىلدا زور كۆلەملىك ئۆسكەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى ، كارخانىلارنىڭ تاپاۋىتىدىمۇ پەسلەش كۆرۈلدى ، ئىقتىساد بۇرۇلۇش تىپىدىكى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى . بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى تارايتپ ، ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازلىتىۋەتتى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : « ئۇنۋېرسال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ، كارخانىلار تىجارىتىنىڭ نەتىجىسى ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى ۋە ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىش ھەققىگە كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسىدە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك ئېشىش بولمىسىمۇ ئەمما ، يۇقۇرى ساپالىق ئەمگەك كۈچى مەنبەلىرىنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسى يەنىلا نىسبەتەن زور كۆلەملىك ئېشىشنى ساقلايدۇ » .
社科院:中国工资水平短时间内不会大涨
原标题:我国工资水平不会再大涨
社科院工业经济研究所15日发布《中国工业发展报告2014》指出,中国工资水平在过去10余年大幅增长,制造业平均工资超过大多数东南亚国家和南亚国家,劳动力成本优势已成往事。
报告还指出,当前中国工资增长放缓,工资水平在今后一段时间内不会像前几年那样大幅度增长。
报告指出,在经济高速增长、劳动力需求大幅增加、最低工资标准制度实施以及青年劳动力供给减少等因素综合作用下,中国工资水平在过去10余年大幅增长。
报告指出,近年来国内外经济形势发生变化,中国经济增长放缓,企业业绩下滑,经济面临转型升级、结构调整的压力,在这个形势下,最低工资标准上调幅度收窄,平均高工资增长幅度较之前以往明显降低。
“综合经济增长、企业经营业绩、最低工资标准和劳动力供给等因素对工资的影响,可以认为中国的工资水平在今后一段时间内不会像前几年那样大幅度增长,但高素质人力资源的工资水平仍将保持较大幅度增长。”报告称。
http://news.ifeng.com/a/20141216/42728510_0.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-19 08:45 PM
|
|
|
|
|
|