سىز قانداق دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىسىز؟ مەن جاۋابىڭىزنى ئويلاپ باقاي.
سىز چۇقۇم بىخەتەر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىز.سىزنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىڭز ۋە مال-مۈلۈكىڭىز ھۈكۈمەتنىڭ دەخلى-تەرۈزىگە ئۇچۇرىمايلا قالماستىن،
بەلكى يەنە سىز باشقىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچۇرىغاندا ھۈكۈمەتنىڭ سىزنى قوغدىشغا ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.ھۇكۇمەت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ شۇ ئالقاندەك يىرىڭىزنى ئىگەللىۋېلىپ بىرتوپ تەلۋىلەرنى ئېلىپ كىلىپ قالايمىقان چاقمايدۇ.
سىز بىر ساغلام دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىز،سىزنىڭ يەۋاتقان ئاشلىقىڭىزدا زەھەر بۇلىشىدىن يىگەن قوي گۈشۈڭىزگە سەمىرتىش سۇيۇقلىقى ئۈرۈلغانلىقىدىن،يەۋاتقان كۆكتاتلىرىڭزدا خىمىيىلىك دورىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەنسىرىشىڭزنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر ئېغىر كىسەل بۇلۇپ قالسىڭز داۋالاش پۇلىنىڭ يۇقىرلىقىدىن ئەنسىرمەيسىز،چۇنكى ھۇكۇمەت سىزنى داۋالاش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سىز چۇقۇم باراۋەر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىسىز ، ھۈكۈمەتتنىڭ قانۇن نىزاملىرى سىزنىڭ نۇپۇسىڭزغا،مىللىتىڭىزگە،جىنىس،ياش،بوي ئىگىزلىك،سىياسى قىياپەت،تەقىتۇرقىڭىز ياكى مۇناسىۋەتسىز ساغلاملىق مەسىلىسى تۈپەيلى سىزنى كەمسىتمەيدۇ،ھەم باشقىلارنىڭ ،شىركەت كارخانىلارنىڭمۇ سىزنى كەمسىتىشىگە يول قويمايدۇ،سىز يىزلاردىمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئاساسى مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھىر ئالالايسىز،ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىڭىز ۋە نەتىجىڭزگە قاراپ سىزنى قۇبۇل قىلىدۇ،بەلكى سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىزنىڭ نۇپۇسىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ ئەمەس.
سزچوقۇم تۈزۈلمىسى مۇكەممەل قانۇن بىلەن ئدارە قىلىدىغان دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىسز،قانداقلا ئش بولسۇن ئوچۇق-ئاشكارە ئىلان قىلىنىپ،ئش بىجىرىشتە باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراشنىڭ ھاجىتى يوق.پەرزەنتلىرىڭز مەكتەپتە ئوقۇسا باشقىلارغا يالۇرۇپ ئارقا ئشىك مېڭشىڭزنىڭ ھاجىتى يوق،ناۋادا ھۈكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن دەتالاش بولۇپ قالسا سوت مەيدانىدا پۈتۈنلەي ئادىللىق بىللەن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىىشەلەيسز،ھەرگىزمۇ بىنادىن سەكرەپ ئۇزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ، ھەممە يەرنى قىزىل قانغا بوياش بەدىلىگە ئاممنىڭ دىقتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىپ ئاخىرىدا پارخور ئەمەلدارلار جازالىنپ ئادىل ھۆكۈمگە ئىرىشمەيسىز.
سىز بىر ئەركىن دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلۋاتسىز، سىز باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئۈزۈڭىزنىڭ بەختى ۋە ئارزۇسىنى قوغلىشالايسىز،نىمە دىگۈڭىز كەلسە دەپ،نىمە قىلغۇڭىز كەلسە قىلالايسىز،نەگە بارغۇڭىز كەلسە بارالايسىز،يول ئۇستۇدە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان تەكشۈرۈشلە،قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان،ئادەمگە جىنايەتچىگە قارغاندەك قارايدىغان تەكشۈرگۈچىلەر يوق،كۈزۈڭىزگە سىغمىغان ئەمەلدارلارنى توردا تەنقىتلىيەلەيسىز،مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇرۇنسىز ئاۋارچىلىققا ،ھەتتا شەھەر،ئۆلكە ھەتتا دۆلەت ئاتلاپ تۇتۇشقا ئۇچۇرىمايسىز.
ئەگەر سىز مۇشۇنداق جاۋاپ بەرسىڭىز سىزنىڭ تەلەپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن.ئەمما بۇلارنى كوڭلىمىزنى توختىتىپ تۇرۇپ ئويلاپ باقىدىغان بولساق ھەرگىزمۇ ئېشىپ كەتكەنلىك ھىساپلانمايدۇ.تىگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،بىز ھەمىمىز ھۆرمەتلىنىپ ياشاشنى ئويلايمىز.پەقەت ئىززەت-ئابرويىمىز بولسىلا ئاندىن قەدىمىزنى تىك تۇتۇپ ھەقىقى ياشىيالايمىز.بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئارتۇقچە ئەمەس.لىكىن پەقەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەنلا بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن كۇڭىزى بىلەن ئارىستوتىل ئادەملەر توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان دىگەن. توپلىشىشنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئىقتىدارى ئىنسانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ھەم ئىنسانلارنى ھالەك قىلىدۇ.كۈپۈنچە ئەھۋاللاردا بىزنىڭ ھال ئەھۋالىمىز ،مال مۈلۈكىمىز،تۇرمۇش شارائىتىمىزھەم كىشلىك قەدىر-قىمىتىمىز ھەركەت يۇنۇلۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ.سىز گۈزەل،ساغلام مۇھىتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىسىز. باشقىلار زور بىرتۇركۈم سانائەت ئەخلەتلىرىنى سىزنىڭ ئىشىك ئالدىڭىزدىن ئۇتۇدىغان دەرياغا تۆكسە ،زاۋۇتلارنىڭ تۇرخۇنىدىن چىققان غايەت زور قارا ئىسلار سىز نەپەس ئالىدىغان ھاۋانى بۇلغىسا سىز يەنە ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالامسىز ؟ سىز يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى يىيىشنى خالايسىز ،ئەمما دېھقانلار مەسھۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۇن زىرائەتلەرگە كۆپ مىقداردا دورا چاچىدۇ، سىرتىدىن قارىغاندا ناھايىتى چىرايلىق كۈرۈنىدۇ، ئەمما سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر زىيان يىتىدۇ. سىز يەنە ساغلام بۇلالامسىز ؟ ئەگەر قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بازار ئىگىلىكى تۇزۇلمىسى بولمىسا ،ئادەملەر بىر-بىرىنى ئالدىشىپ ،ساختا مەسھۇلاتلار ھەممە يەرنى بىر ئالىدۇ.بۇنداق جەمىئەتتە يەنە قانچىلىك قەدىر-قىممەت بولماقچى؟
ئەمەلىيەتتە ئادەملەر ئۆز ئارا سەمىمىي ھەمكارلاشمىسا بازار بىلەن جەمىيەتنىڭ ئش تەقسىماتى مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئۆزىمىز تېپىپ يەيدىغان ئاچارچىلىق دەۋرىگە بېرىپ قالىمىز. بۇنداق جەمئىيەتتە سىز ھەتتا يالغۇز يول ماڭسىڭىزمۇ بىخەتەر ئەمەس ،ئەگەر بىر كۈنى ئىنسانلار خوبىس ئېيتقان : يالغۇزلۇق ، ئاچارچىلىق ، ياۋايىلىق ۋە ئۈلۈم ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەن دەۋىرگە بېرىپ قالسا ، ئادەملەر ئۆز ئارا جەڭگى -جىدەل بىلەن بىخەتەرلىك ئەمەس، بەلكى ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالمىقى تەس .بۇنداق ئەھۋالدا يەنە قەدىر قىممەتنى تىلغا ئېلىش مومكىنمۇ؟
ھەر بىر ئادەمنىڭ بىخەتەر ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن بىز ھۈكۈمەتكە مۇھتاج .
ھۈكۈمەت دېگىنىمىز بىزنىڭ ھۇقۇق بېرىشىمىز بىلەن كۆپچىلىككە ئىش قىلىپ بىرىدىغان ئورگان ياكى تەشكىلات . بىز ھەر بىرىمىز باج تاپشۇرۇش يولى بىلەن بۇ مىخانىكىغا ئېنىرگىيە تۇلۇقلاپ ، ئۇلارنىڭ كۈچ توپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىمىز . مەقسەت ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ،ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى چەكلەش ۋە جازالاش . ئەلۋەتتە بۇ تەشكىلات ئۆزى خالىغاننى قىلسا بولمايدۇ . ئەكسىچە بىزنىڭ كونتۇرول قىلىشىمىزغا بويسۇنۇدۇ . قايسى ئىشلارنى قىلىش ،قايسى ئىشلارنى قىلماسلىق قانۇندا ئىنىق بەللگىلەنگەن. مۇشۇنداق بولغاندا زوراۋانلار خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە پېتىنالمايدۇ، بولمىسا جىنايى ئىشلار قانۇنى بۇيىچە جازالاشقا ئۇچرايدۇ، زوراۋانلار قالايمىقان ئىس تۈتەكلەرنى قۇيۇپ بېرىپ بۇلغىيالمايدۇ، چۈنكى، ھۈكۈمەت مۇھىت ئاسراش قانۇنى بويىچە ئۇلاردىن جەرىمانە ئالىدۇ ، دېھقانلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چاچمايدۇ، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى بۇيىچە قانۇني مەسىئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يالغان ، ساختا مەھسۇلات -تاۋارلارنى ساتقان قىزىل كۆز سودىگەرلەر يايمىلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولىدۇ ، بولمىسا ئستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى ئۇلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىيدۇ، مانا مۇشۇنداق سەمىمىيلىككە تولغان بازار تۈزىمى قۇرلۇپ جەمىيەتنىڭ بىخەتەر ، خاتىرجەملىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ .
ئەمدى ھەقىقى قەدىر قىممەتكە ئىگە بولغاندەك ھىس قىلغانسىز، ئالدىرماڭ ، بىز پەخىرلىنىدىغان بۇ تۇرمۇش ھۈكۈمەت ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، لىكىن، ھۈكۈمەت زادى كىم ؟ ئۇھەقىقەتەن شۇنداق ياخشىمۇ؟ ئۇ نىمىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ؟ ئەگەر بۇ مەسىلىلەر سورالسا بەلكىم بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن . ئامېرىكىلىق جىم مىدىسون:ئادەمنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ تەس مەسىلە ئادەم ئارقىلىق ئادەمنى باشقۇرۇش ،دېگەن. ئەمەلىيەتتە ھۈكۈمەت ئۇنداق سىرلىق نەرسە ئەمەس ، پەقەت سىز بىلەن ماڭا ئوخشاش ئاددىي ئادەملەر دىن تەشكىل تاپقان بىر ئورگان خالاس . دۆلەتنىڭ رەھبىرىمۇ سىز ۋە ماڭا ئوخشاش ئاددىي ئادەم ،ئۇلار بىزگە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ، بىزدىن ئالغان باج ئارقىلىق جېنىنى باقىدۇ، لېكىن بىز ئوت قۇيۇپ ئادەم ئۆلتۈرسەك ، ساختا مال ساتساق، مۇھىيتنى بۇلغىساق ،ئۇلار نىمە ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت بىز ئويلىغاندەك پەقەت ياخشى ئشلارنى قىلىپ ، يامان ئىشلارنى قىلمايلىغانلاردىن بۇلىشى ناتايىن ، بىز بۇ ھۆكۈمەتنى قۇردۇق ھەم بېقىۋاتىمىز، ھەم ئۇلارغا چوڭ ھۇقۇق بەردۇق ، ئەسلىدە ھۆكۈمەت دەپ ئاتالغان بۇ بىر توپ كىشىلەر بىز ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما ، ئۇلار بۇ ھۇقۇق ئارقىلىق پۈتۈنلەي يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ، ساقچىلار ئەسلىدە يامان ئادەملەرنى تۇتۇپ جازلاش ئېلىپ باراتتى ، لىكىن، ئۇلار يۇقىردىكىلەر تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ساختا ئىسپات بىلەن ياخشى ئادەملەرنى تۇتۇپ ئۇلارنى قىيناپ سۇاراق قىلىپ ، يالغان ئىقرار قىلدۇرۇپ ،خاتا ھالدا ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىپ ،بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇۋاتىدۇ .
ئەسلىدە ھۈكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەلقىنىڭ ھاياتى ، مال مۈلۈككىنى قوغداش ، ئەمما ئۇلار قولىدىكى ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ خەلقىنىڭ مال -مۈلۈككىنى تارتىۋالسا بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئەگەر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا، ئۆيلىرىنى زورلۇق بىلەن چېقىپ كۆچۈرسە بېرىدىغان تۇلۇقلىما ناھايىتى توۋەن ، لېكىن ئۆي مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ يەر - زىمىن سېتىش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى . مۇشۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىلا ھۈكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ ھۈكۈمەت ئەسلىدە مۇھىيت بۇلغىغان، ناچار تاۋار ساتقان ،يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىشى كىرەك ئىدى ،لىكىن ئىش چىقىرىپ قويغانلار قانۇن ئىجرا قىغۇچىلارنىڭ چۆنتىكىگە تۇتاملاپ پۇل تىقىپ ،يەنىلا داۋاملىق قىلىدىغان قانۇنسىز ئىشلىرىنى قىلىۋىرىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلارمۇ قانۇننى قۇربان قىلىش بەدىلىگە (تەڭرى بىلىدۇ، يەر بىلىدۇ، سەن بىلىسەن، مەن بىلىمەن ) دەپ قوش پايدىغا ئېرىشىدۇ .
سىز بىلەن مىنىڭ ئويلاۋاتقان يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ،مۇھىت تازلىقى،مەسھۇلات سۈپىتى يەنە كاپالەتكە ئىگە بۇلالامدۇ؟ مەيلى جىنايى ئىشلار قانۇنى بولسۇن ياكى يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى،مۇھىت ئاسىراش قانۇنى ،ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى بولسۇن ئەگەر ئىجىرا قىلىنمىسا بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەز خالاس.
شۇڭا ئۈزۈمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۇچۇن بىز ياخشى فونكىسيەگە ئىگە ھۇكۇمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم.ئۇ بىز ئۇچۇن ئىش قىلىشى كىرەك،بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنىشى كىرەك. ئەگەر بىز ئۇنى باشقۇرمىساق ھامان ئۇ كىلىپ بىزنى باشقۇرىدۇ. ھۇكۇمەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىغا ئۇچۇرىمىغان مىللەت ياۋايى مىللەتتۇر. ھۇكۇمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ياۋاشلىق بىلەن بويسۇنغان مىللەت قۇلدۇر.مەيلى ياۋايى بولسۇن ياكى قۇل بولسۇن ،ئوخشاشلا ئىززەت-ھۆرمىتى يوق كىشلەر ھىساپلىنىدۇ.ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشىش .ئۇچۇن بىز ھۇكۇمەت قۇرۇپلا قالماي يەنە بىر يۇرۇش تۇزۇم ئورنۇتۇپ،ھۇكۇمەتنى ئۇزى ئۇچۇن ئەمەس ،بىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ھەربىرمىز پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككنە مەنپەت بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماسلىقىمىز لازىىم.يىراقنى كۇرۇپ كۆپرەك ئىش قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.ئەگەر سىز بۇزەك قىلىشقا ئۇچۇرىغاندا ئاچىقىڭزنى ئىچىڭزگە يۇتۇپ ئولتۇرسىڭىز ئەڭ ياخشىسى سىز بۇزەك قىلغۇچىغا بويسۇنۇڭ .ھۇكۇمەتنىڭ كىلىپ سىزنى قوغدىشىدىن ئۇمۇت كۇتمەڭ.چۇنكى سىز ناھايىتى ئاجىز .ياۋاشنى بۇزەك قىلىپ ياماندىن قورقۇش ئادەمنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى.ئادەمدىن تۇزۇلگەن ھۇكۇمەتمۇ ئوخشاش.ئەگەر سىز ھۇكۇمەتنىڭ سىزنى قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلشىغا يول قويسىڭىز،ئۇ نىمىگە ئاساسەن سىزنى قوغدايدۇ؟ بۇچاغدا سىز ئاللا بۇرۇن قۇلغا ئايلىنىپ قالغان بۇلىسىىز. ئۇنداقتا ھۇكۇمەت نىمىگە ئاساسەن سىزنى خۇجايىنى ئورنىدا كۇرىدۇ؟
«ئىززەت-ھۆرمەت» بۇ گەپنى دىيىش شۇنچىلىك ئاسان .ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.قۇل بۇلۇش ناھايىتى ئاسان،باش چۇكۇرۇپ ئىشلىسىلا بۇلىدۇ.لىكىن خۇجايىن بۇلۇش ئۇچۇن ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.سىز يەنە ئىززەت-ھۆرمىتى بار ئادەم بۇلۇشنى ئويلامسىز؟ئەگەر سىز «ھەئە» دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز ئۇنداقتا ئاساسى قانۇنى ئۈگۈنىڭ .چۇنكى ئاساسى قانۇن پەقەت بىر ئىشنى قىلىدۇ،يەنى قانداق قىلغاندا ھۇكۇمەتنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىشقا،قىلماسلىققا تىگىشلىك ئىشنى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز پەقەت ئاساسى قانۇنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئەگەر ئاساسى قانۇن ئىزچىللاشمىسا ھۇكۇمەت نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ.خەلىقنىڭ ھۇكۇمەتنى ئەيىپلەش ئەركىنلىكى بولمىسا،ئۇنداقتا بىزنىڭ مەنپەتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئىززەت-ئابرويلىق تۇرمۇشنى كەچۇرىشىمىز مومكىن ئەمەس.
ئاساسى قانۇن قانداق قىلىپ بىزنىڭ ھۇكۇمەتنى كونتۇرول قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ؟ئاساسن قانۇن تىگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئاساسى قائىدە بۇلۇپ،ھۇكۇمەت نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىقنى ،قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ.بىزچۇ؟ئاساسى قانۇنى بىر ياققا قايرىپ قۇيدۇق. ئەگەر ئاساسى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھۇكۇمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ،ئۇلار ياخشى قىلغاندا ماختاپ،خاتالىقىنى تەنقىتلەپ ياكى خاتالىقىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلساق ،ئۆزگەرمىسە ياكى داۋاملىق خاتالاشسا، ئورنىنى بۇشۇتىشى كىرەك ئىدى.مەسلەن ھۇكۇمەتنىڭ تۇزگەن قانۇنىنڭ كۆپچىلىككە پايدىلىق .ئىكەنلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ؟ ئادەم شەخسىيەتچى كىلىدۇ. مەن ئۇزۇمگە پايدىلىق قانۇن تۇزىمەن ،سىزمۇ ئۇزىڭىزگە پايدىلىق قانۇن تۇزىسىز.ھۇكۇمەتمۇ ئەمەلدارلارغا پايدىلىق ،بىزگە پايدىسىز قانۇن تۇزىدۇ.كۆپچىلىككە پايدىلىق قانۇننى كۆپچىلىك بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بىكىتسەك ،قانۇن تۇرغۇزۇشقا پىكىر قاتناشتۇرساق،كۆپ ئادەم قولىغان قانۇننى بىكىتسەك بۇلاتتى.لىكىن قانۇن تۇرغۇزىدىغان چاغدا باشقا ئىشىمىز چىقىپ قالىدۇ.ھەربىر چىقىرىدىغان قانۇنغا قاتنىشىپ ئاۋاز بەرگىدەك ئۇنداق كۆپ ۋاقتىمىز يوق.شۇڭا ۋەكىللەر بىزگە ياردەم قىلىپ قانۇن چىقىرىدۇ.ئۇلار بىكارغا ئىش قىلمايدۇ.ئەكىسچە بىز تاپشۇرغان باجدىن يۇقۇرى مائاش ئېلىپ بۇ ئىشنى قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ مىنىڭ مەنپەتىمگە ۋەكىلىك قىلىدىغان ۋەكىلنى تاللايمەن.ئۇمۇ ئۇزىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىلنى تاللايدۇ.كىمنىڭ مەنپەتىگە پايدىلىق ۋەكىل كۆپ بولسا ،كۆپ سانلىق قارار قىلىش ئارقىلىق شۇنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان قانۇن ئەڭ ياخشى قانۇن بۇلۇپ بىكىتىلىدۇ.شۇڭا ھەمىمىز كىم بىزنىڭ مەنپەتىمىزگە پايدىلىق سۆزلىسە شۇنى ۋەكىل قىلىشقا تىرىشىمىز.ئۇلارمۇ بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئالغاندىكىن بىز ئۇچۇن سۆزلەيدۇ.
يەنە مەسىلەن قانۇنمۇ تۇزدۇق دەيلى،قانداق قىلغاندا ھەقىقى تۇردە قانۇن ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ؟ئەگەر ئۇلار قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرمىسە بىز ئۇنىڭ باشلىقىغا ئۇنىڭ ئۇستىدىن ئەرىز قىلساق بۇلىدۇ. ئەگەر باشلىقىمۇ ئىجرا قىلمىسا،باشلىقىنىڭ باشلىقىغا ئەرىز قىلساق بۇلىدۇ.تاكى ئەڭ يۇقىرى باشلىقىغىچە.ئەگەر ئەڭ يۇقىرى باشلىقىمۇ ئۇنى قانات ئاستىغا ئالسا قانداق قىلىمىز؟بۇ ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن.بىز خەلىق ۋەكىلىرنى قالدۇرغاندەك ئۇلارنى قالدۇرۋىتىمىز.ئۇمۇملاشتۇرغاندا بىز قانداق قائىدە ئۇنۇملىك بولسا شۇنداق بىكىتىمىز.ئەگەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا بىز ئۇنى سوتقا ئەرىز قىلساق بۇلىدۇ.بىراق بۇنداق قىلساق مەسلە بەك مۇرەككەپلىشىپ كىتىدۇ.سوتنىڭ قانۇن بۇيىچە ھۇكۇم قىلىدىغانلىقىغا ،ئۇنىڭ سېتىلىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنمىغانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟سوتنىڭ قانۇن بۇيىچە ھۇكۇم قىلىشى ئۇچۇن سوتچى چۇقۇم مۇستەقىل بۇلۇشى لازىم.ئەگەر بۇگۇن سىزنى سوتتا يېڭلدى دەپ ھۇكۇم قىلسا ،سىز ئەتىسى ئۇنى ئىشتىن بۇشىتىسىز.بۇنداق بولسا مەن يەنە قانداقمۇ قانۇن بۇيىچە ھۇكۇم قىلماي تۇرالايمەن.شۇڭا ئادىل ھۇكۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن سوت ۋە ئەدىليە ئورگانلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھۇقۇقنى ئايرىش كىرەك.بولمىسا بارلىق ھۇقۇق بىر ئورگاننىڭ ھەتتا بىر ئادەمنىڭ قۇلىغا چۇشۇپ قالىدۇ.بۇنداق بولسا ھۇقۇققا ئىرىشكۇچى ئۇزى بىلگىنىنى قىلىپ ھەمىنى ئاستىن-ئۇستۇن قىلۋىتىدۇ.بۇ چاغدا ھەممسى تۇگۇشۇدۇ.سىز بەلكىم دىيىشىڭز مومكىن،‹بۇنداق چۇڭقۇر،بۇنداق مۇرەككەپ،بۇنداق باشنى ئاغرىتىدىغان ئىشنى قىلغاندىن كۇرە يەنىلا ئىززەت-ھۆرمەتنى ئىشلەتمەيلا قۇياي. ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇش ئۇچۇن مەن تىرىشىپ خىزمەتلا قىلماستىن،يەنە سايلامغا قاتنىشىشىم،دەۋا قىلىشىم كىرەك.ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى رەھبەرلەرنىڭ تەنقىتىگە ئۇچۇرايدۇ.مەن بۇلارنى ئۇگۇنۇپ ،كىتاپ بۇيىچە قىلسام ،مەن بىر ئادەمنىڭ نىمىگە پايدىسى.مەن تاشلىغان بىرتال بىلەت بىلەنلا بىر ۋەكىلنى بىكار قىلغىلى بۇلامتى؟مەن بىرنەچچە ئېغىز تەنقىت قىلغانغا پارخور ئەمەلدارلار يۇقىلاتتىمۇ؟مەن كانىيىمنى يىرتىپ ۋارقىرىسام،ئەدىلليە ئىسلاھاتى كىچىككىنە بولسىمۇ ئالغا سىلجىيتىمۇ؟ئۇلارغا نىسبەتەن بىر ئادەمنىڭ كۇچى ھەقىقەتەن ئاجىز.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندىن كۇرە يەنىلا ۋاز كەچكىنىم تۇزۇك›.شۇنداق،ئادەم بۇلۇش ئاسان ئەمەس.ئىززە-ئابرويلۇق ئادەم بۇلۇش تېخىمۇ تەس.ئىززەت-ئابرويلۇق ئادەمنى موزىچىلار بۇرۇن ‹بەگ› دەيتتى.ئەلۋەتتە،ئۇزىنىلا ئويلايدىغان ،شەخسىيەتچى،پەسكەش بولغانغا قارىغاندا بۇ ھەقىقەتەن تەس ئىش.بەگدە ئەخلاق-پەزىلەت،يىراقنى كۇرەرلىك،جەمىيەت ۋە ئائىلىنى،يىراق قەدىمىقى دەۋىرلەرنىڭ تۇزۇمى بىلەن ئۇزۇنۇڭ مۇناسىۋىتىنى چۇشۇنۇش ئىقتىدارى بۇلۇپلا قالماي،بەلكى يەنە باتۇرلۇق،مەسئۇلىيەتچانلىق بار ئىدى.ئەلۋەتتە ھەقىقەتكە سادىق بۇلۇش ياكى ئاسمانغا تۇرۇك بۇلۇش ھاجەتسىز.ئەمما ئاز دىگەندىممۇ ئائىلىدىكى خۇتۇن-بالا،يىمەك-ئىچمەكنى ئويلايدىغاندىن باشقا جەمىئەتكە كىچىكىنىمۇ بولسا ئىش قىلىپ بىرەلەيتى.ھەرگىزمۇ قۇساقنىڭلا غېمىدە يۇرمەيتى.ئاساسى قانۇن ھەربىر ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمەىتكە ئىگە بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئەمما بىز ئۇزىمىزنىڭ ئالدى بىلەن قەدىر قىمىتى بولسا ئاندىن ئاساسى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.بىر تۇركۇم شەخسىيەتچى مەنپەتپەرىس كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى چىۋىن قانىتى چوڭلىقىدىكى مەنپەتنى دەپ ئاساسى قانۇندىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ئىمارەتنى كۆزگە ئىلمايدۇ.ئاخىرىدا ئاساسى قانۇن بەرگەن ھۇقۇقتىن قۇرۇق قالىدۇ.ئۇنداقتا يەنە ئىززەت-ھۆرمەتتىن ھۆز ئېچىش مومكىنمۇ؟
قىيىن تۇيۇلغانلار قىلالمايدۇ،قىلالىغانلارغا قىين تۇيۇلمايدۇ.ئەگەر ئاساسى قانۇنلىق تۇزۇم كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتسە،بۇ ناھايىتى تىزلا تۇرمۇشتىكى ئاددى ساۋاتقا ئايلانغان بۇلاتتى.بىز شۇنداق كاپالەتلىك قىلالايمىزكى،پەقەت سىزدە ئالى مەكتەپكە ئۆتكۇدەك ئەقىل-بىلىم بۇلىدىكەن،بۇ مەزمۇنلارنى ئىگىلىۋېلىشىڭز سىز ئۇچۇن ھېچقانچە تەس تۇيۇلمايدۇ.پەقەت سىزدە قانۇنسىز نەشىريات سودىگىرى بىلەن باھا تالاشقىدەك جۇرەت ۋە سەۋرىچانلىق بولسىلا،بىردانە كىتاپ سېتۋېلىپ ئۇگۇنۇپ،جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىك پۇخرالىردىن بۇلالىشىڭىزا گەپ يوق.ئەلۋەتتە سىز بىر ئادەم نۇرغۇن تۇسالغۇلارغا ئۇچرايسىز، لىكىن ئەگەر بىز ھەممىمىز ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئاساسىي قانۇننىنڭ تەلىپى بۇيىچە ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلساق ، سىز چۇقۇم خەلىقنىڭ كۈچىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز . ئەكسىچە ئەگەر سىزنىڭ ئاساسىي قانۇن بىلەن كارىڭىز بولمىسا ،ئەمەلدارلار خوشلۇقتىن دوپپىسنى ئاسمانغا ئاتىدۇ.
-ئۇچاغدا بىزنىڭ كۈنىمز تەس بولىدۇ،بىز سىزنىڭ ئوزىڭىزگە بولغان ئشەنچىڭىزنى يوقاتماسلىقڭىزنى ،ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىنغا بولغان ئشەنچىڭزنى يوقاتماسلىقڭىزنى ئۈمۈدقىلىلمز .بىز يەنە ئەگەر قايتىدىن سىزنىڭ قانداق دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقڭىزنى سورىغاندا ،سزنىڭ ئززەت -ھۆرمەتلىك تۇرمۇشنى پەقەت سز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چەتكە چىققاندا ئاندىن ئرىشەلەيمىز دەپ قاراپ يۈرمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.پەقەت ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇن قوغدايدىغان ھوقۇلىرىنى ئزچىللاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ئاز ئازدىن ئش قىلسا ،سىز ناھايىتى تىزلا تۇرمۇشىڭىىزدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىيالايسىز ،ئەگەرسىز ئۆزىڭىزنڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇقىڭىزنىڭ باشىقلار تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغانلىقىنى بۇ ئۆزىڭىزنىڭ يوللۇق تەلىپىنىڭ باشقىلار تەرىپىدن مەنسىتمەسلككە ئۇچۇرماسلىىقىنى ،ئززەت-ھۆرمىتىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلنماسلىقىنى ئارزۇ قىلسڭىز ،ئەگەر سىز تەنقىتنى، نازارەتتى ،باشقۇرۇشنى قوبۇل قلمايدىغان ھۆكۈمەتنىڭ تاپىنى ئاستىدا چەيلەنمەسلىكنى ئارزۇ قىلسىڭىز ،ئەگەر سىز ئۆيىڭىزنىڭ خالىغانچە چېقىلىپ ،قارىغۇلارچە تەرەققىياتنىڭ مۇھىيتىڭىزنى بۇلغىماسلىقىنى ياكى مائاش تۆۋەن ئىستىمال يۇقىرى ھالەتتە قەرىزدارلار چە ياشىماسلىقنى ئارزۇ قىلسىڭىز ئۇنداقتا ئاساسي قانۇننى ئۆگۈنۈڭ . ئاساسي قانۇن پەقەت پۇقرالار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ ،ئۇ سىزگە قانۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمەتلىك تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.شۇڭا بىز ئاساسي قانۇنغا بولغان تۇنۇشىمىزنى ئۆستۈرشىمىىز لازىم .
مەنبە: قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسى
ئەسكەرتىش: كۈندىلىك تۇرمۇش قانۇن ساۋاتلىرغا ئىرىشىپ ،ئۈزۇڭىزنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداشنى ئويلىسىڭىز قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسىنى قۇشۋېلىڭ.
‹ھەرىپنىڭ چوڭ يېزىلىشىغا دىققەت قىلىڭ› KANUN: قۇشۋېلىش ئۇسۇلى
ياكى تۈۋەندىكى ئىككىلىك كوت نۇمۇرىنى سىكانىرلاڭ
قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسى