martam يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 11:53 AM
قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن ھھازىر. مېنىڭ ئالدىمغا ...
مىنىڭ بىرىنجى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىم ھەر قانداق ئەر زاتى ئۆزىنىڭ خاتۇنىنى سىنىماسلىق كىرەك . سىنايمەن دىسە %98 ئايال سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ . مەنچە بولسا ھىلىقى ئايالنىڭ كىملكىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن مىھماخانا خادىمى توڭگۇز ئىكەن . دۆلەتنىڭ قانۇنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى خالىغانچە ئاشكارلىغان ياكى ئاشكارلاشقا ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەپ كۆرگەندەك قىلغانمەن .
... قوساقتىكى ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى ئىنىقلاپ بىرىش . بوۋاقنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىسى شۇمۇ-ئەمەسمۇ دىگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈپ بىرىشنى ئۆتۈنگەندە بالىنىڭ قىننى تەكشۈرۈپ بىرىش ۋە ئەرلگە ئايالنىڭ ، ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ شەخسى ئۇچۇرلىرىدىن خەۋاردار قىلىپ بىرىش ، باشقىلارنىڭ تېلېفۇن خاتىرسىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغانلار كىشىلەرنىڭ مۇشۇ قىلمشىنىڭ ئۆزىلا ئادىميلىكتىن چىققانلىق . بۇنداق ئىشلارنى بىجىرىشتە تېخى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭمۇ ھوقۇقى يەتمەيدۇ . بۇلار ئۆزىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ تەستىقىنى ئىلىپ ئاندىن شەخسى ئۇچۇرغا ئىرىشەلەيدۇ .
تەلەيلىرى بار ئىكەن سىلە ئوخشاش نوچىلار ئوقۇيدىغان زاماندا ئىشلەتكەن ئەسكى كىملىكنى سىرچى ئۇستام سىرنىڭ ئۈستىگە چىڭچى يالاتقاندەك كىملىكنى ماشىنغا مۇنداقلا يالىتىپ قويسا ، ئىسمى ئاي زۆھرە . ...شەھەر ...رايۇن ، ...ئولتۇراق قورۇ ... قەۋەت ....ئۆي . دادىسنىڭ ئىسمى ... ، ئىغىرلىقى بويى 1 مىتىر 70 ، چىچى قارا كۆزى بوز ، كىندىگىنىڭ ئاستىدە تۆت سانتىمىز تارتۇقى بار ، ئون بارمىقىدا ئون ئۈزۈك قوسقىدا سۈنئىي سۇلىياۋ ئۇزۇك ، ئاۋازى تۆۋەن ئاۋاز تۈسىگە ئىگە . كۈندە ئۈچ ۋاق تاق يەيدۇ . كەچلىرى دىبامۇ-دىبامۇ ئويناپ كەچتە ئاق چەۋەندازلا ئالى مىھمانساريىدا غەيرى ئەرلەر بىلەن ئۇخلايدۇ ...... دادىسى ئانىسى نەگە باردىڭ دىسە توشقاننىڭ قىنىدەك قىپقىزىل يالغان سۆزلەيدۇ ....دىگەنلەردىن تارتىپ تاكى ئانىسىدىن تۇغۇلۇپ ئىشلەتكەن زاكا قەغىزى . يىگەن-چىچقىنى . ئاغرىپ قالغاندا ئىشلەتكەن دورا-ئۇكۇللىرى ، كۆرۈشكەن-سۆيۈشكەن .....دىگەندەك ھەممە شەخسى ئىشلىرىنى دەپ بىردىغان ھازىرقىدەك ئىلغار ئاپاراتلار يوق ئىدى شۇڭا سىلى ۋە سىلىگە ئوخشاشلار يوغان-يوغان جار-جار سۆزلىيەلەيلا . لىكىن گەپلىرىگە قارساق ھازىرقى يىڭى كىملكىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەگە تەس بوپتۇ . گەپنىڭ ئوچۇقىنى دىسەم بۇنداق قىلىپ جەمىيئەتتىكى ناچار قىلمىشلارنى تاپانچا . ئاپتىمات بىلەن تۈزگىلى بولمايدۇ . ھەممىدىن مۇھىيمى چىرايلىق تەربىيە .
سىلىغۇ گەپ چۈشەنگىلى ئۇنمايدىلا بىراق سىلىگە بولغان ‹‹ ئامراقلىقىمنىڭ ›› يۈزسىدىن بىر ھىكايە ئوقۇپ بىرەي ،
رەسۇللاھنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى رەسۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ ئى رەسۇللاھ مەن بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ خىلۋەت جايدا يامان ئىش قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم دەپ چىقىپتۇ . رەسۇللاھ بۇ كىشنىڭ سەمىمىيلىكىدىن راسىت ياكى يالغان سۆزلىگىننى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى ئىغىز سۆزگىلا ئاساسلىنىپ ئۇلارنى جازالاشنى توغرا كۆرمەي راسىت سۆزلۈك ۋە تەقۋادار ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنى سەن بىرىپ قاراپ باققىن راسىت شۇنداق ئىش بولدىمۇ-يوق دەپ ئەۋەتىپتۇ . ھەزىرتى ئەلى ھىلىقى كىشىنىڭ ئىيتىپ بەرگەن جاي نامى بويچە بىرىپ بولۇپ ناۋادا شۇ ئىش راسىت بولسا شۇ يامان ئىشنى كۆرمىسىۇن دەپ كۆزىنى يۈمۇپ شەپە چىقارماي يىنىڭ دەسەپ ماڭغىنچە ھىلىقى جايغا كىرسە كۆزى كۆرمىگەن بولسىمۇ بىراق ھىلىقى يامان ئىشنى قىلۋاتقان ئەر-ئايالنىڭ ئىڭراشلىرى ۋە تاتلىق پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ، ھازىرتى ئەلى شۇنداقتىمۇ شۇلارنىڭ يىنىدىكى تامنى تۈتۈپ سىپاپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھىلىقى ئەر-ئايال ھە بۇ كىشى بىزنى كۆرۈپ قالدى ئەمدى رەسۇللاھقا ئىيتىپ قويسا بىزنى چالما-كىسەك قىلدىغان بولدى دەپ قورقۇنچىدىن غالىلداپ تىتىرىپ تۇرۋاتقىنىدا ئەلىنىڭ كۆزى ئەما كىشىنى دوراپ تامنى سىيپاپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ ئاللاھقا شۈكۈر بۇ كىشنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن دەپ يۈرىكى جايىغا چۈشۈپتۇ . ھەزىرتى ئەلى رەسۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ گەپ-سۆز قىلماي سۈكۈت قىپتۇ . رەسۇللاھ نىمىنى كۆردۈڭ ئەلى دەپ سورسا ھەزىرتى ئەلى . ھىچنىمىنى كۆرمۇدۇم ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ئەلىنىڭ بۇ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈمسىردى دىيلىپتۇ .
ئەلى كۆرمىدى دىمەك ئىككى جان ھايات قىلىپ ئۆزىنى تۈزتىۋىلىشقا پۇرسەت چىقتى . بەلىكىم ئۇ ئەر-ئايالنىڭ ئىككى-ئۈچتىن پەرزەنىتى بار بولۇشى مۈمكىن .دىمەك شۇ بالىلار قارا يىتىم بولۇشنىڭ ئالدى ئىلىندى .
دۇنيادا ھەممە ئىش قوغۇشۇندەك يۇمشاق ئىلاستىكىلىك بولغان ياخشى تېخىمۇ ياخشى قىلىمەن دەپ چىڭىتساق بۇزلىدۇ .
مەيلى ئايالى كۈندە قۇئاننى بىر ئۆتكۈزسۇن مەيلى ھەر كۈنى روزىدار ھالەتتە ئۆتسۇن ، مەيلى ئەنگىليە مەيلى شىۋىتسارىيەدە ئەخلاق تەربىيىسدە نەچچە ئون يىل ئوقۇغان بولسۇن ،مىنىڭ خوتۇنۇم ساپ ئالتۇندىن ياسالغان باشقا ماددىلار بىلەن رىئاكسىيەگە قەتئىي كىرىشمەيدۇ دىگەن ئادەم پوقنى ئىسىق يەپتۇ . ئاياللارنى سىنىماسلىق ۋە ئوچۇق دەللىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر كىشنىڭ دەپ قويغان مۇنداقلا گىپى بىلەن ئورۇنسىز كۈنلەپ ئۆز ئالدىغا شەخسى قانۇنى جازا ئىجىرا قىلماسلىق كىرەك دەپ قارايمەن .
سىزگە قويۇپ بەرسىچۇ . قولىڭىزدىن كەلسە ئايال زاتىغا چاقچاق قىلىپ گەپ-سۆز قىلىپ قويغان ھەممە ئادەمنى بۇزۇقچىلىق قىلدى دىگەن سۆز بىلەن دۇنيادىكى ئادەم زاتىنى ئۆلتۈرۈپ بولسىىز . شۇڭا ھەر قىتىم سىز ئىسىمگە كەلسىڭىز مەن ئى ئىككى ئالەمنىڭ ئەزىز ۋە ئۇلۇغ رەببىى بىزلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەت قىلىپ مەرتەم دىگەن خانىمغا ئوخشاش ئەر-ئاياللارنى ئىسلام پادىشاھلىقىغا خەلىپە ياكى دۆلەتكە رەئىس ۋە ياكى بىرەر جۇمە مەسچىتكە ئىمام ،خاتىپ قىلىپ قويماپسەن . سەن ھەممە ئىشلارنى گۈزەل ھېكىمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن . شۈكۈر ساڭا رەببىم ! بىزدەك ئاجىز قۇللىرىڭ دىلىغا يامان گۇناھتىن قول ئۈزۈدىغان گۇناھنى يامان كۆردىغان ۋە سەندىن ھايا قىلدىغان قىلغايسەن دەپ دۇئا قىلدىغان بولۇپ قالدىم .
ھە راسىت ئىنكاسىم تېمىغا بولغان كۆز-قاراشلاردىن چەتنەپ كىتپىتۇ . تېما ئىگىسىگە رەھمەت ! ھەممەيلەن ھوقۇقىمىزنى قانۇن بويچە ئىدارە قىلايلى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 09:23 AM