مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2571|ئىنكاس: 32

‹‹ئانانۇرخان›› مۇ ، ‹‹ ئەلانۇرخان›› مۇ ؟. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئانانۇرخان›› مۇ، « ئەلانۇرخان ›› مۇ؟                                                                                    ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى                                                                                 





  بىر قىسىم تاراتقۇلاردا « ئانانۇرخان ›› ناملىق تۇرپان خەلق ناخشىسىنىڭ نامى  خاتا ھالدا « ئەلانۇرخان ›› دەپ ئېلىنىپ، كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشىنىڭ ھەقىيقى نامى « ئانانۇرخان ›› بولۇپ، <<ئەلانۇرخان >> دېگىنى ئاتۇش خەلق ناخشىسىدۇر. ھەرقايسى يۇرتلاردا سۆيۈلۈپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىجاد قىلىنىش تارىخى بار بولۇپ، بۇ ناخشىلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىجاد قىلىنغان شۇ دەۋر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا بۇ ناخشىلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا دائىر تارىخىي ۋەقەلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە زامانىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەنمۇ يۇرتنى سۆيۈش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى ياخشى ماتېرىيال بولالايدۇ.  خەلقىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بۇ ماقالىنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان  « ئانانۇرخان›› ناملىق ناخشىمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالاھىدىلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، لۈكچۈندە « ئانانۇرخان ›› ناملىق بۇ ناخشىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەققىدە مۇنداق بىر تەسىرلىك ھىكايە ساقلانغان. «مىلادىيە  1899-يىلى ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ پىچان دىيارىدا مۈرەنلىك قىز ئانانۇرخاننىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ. لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭ قوقەنلىك باسمىچى ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن  ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ يەكەنلىك ھاۋاخان ئىسىملىك  ئايالىدىن بولغان ئوغلى مامۇت ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. سۇلتان مامۇتنىڭ تەختكە چىققان ۋاقتى مىلادىيە 1881-يىلىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن سۇلتان مامۇت ۋاڭلىق تەختكە چىققاندىن تارتىپ ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا 4 خوتۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ « قاراڭغۇ باغ مەشرىپى›› دەيدىغان بىر مەشرەپنى تەسىس قىلىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەرقايسى يۇرتلاردىكى چىرايلىق خوتۇن-قىزلارنى مەشرەپكە مەجبۇرى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇلارنى خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىدۇ. شۇ قاتاردا سۇلتان مامۇت ئوردىسىدىكى يالاقچىلىرىنىڭ تېپىشتۇرۇشى بىلەن پىچاننىڭ مۇرەن مەھەللىسىدىكى پاك، مەسۈم ئۇيغۇر قىزى  ئانانۇرخاننىمۇ مەجبۇرىي ھالدا بەشىنچى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ ۋە ئانانۇرخاننى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. بۇ تەڭسىز نىكاھقا قەتئىي رازىلىقى بولمىغان ئانانۇرخان ئوردىغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەندىن كېيىن توي ئاخشىمى زالىم سۇلتان مامۇتنى سۆيگەن يىگىتى جېلىل سوقۇپ بەرگەن ئۇستىرا بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، ئۆز ئىپپەت-نومۇسى ، غۇبارسىز تېنى ۋە پاك مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوردا پەنجىرىسىدىن تاشلاپ، بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ...
    جېلىل مەشۇقىنىڭ ھىجران ئازابىدا زار-زار يىغلاپ ، ئانانۇرخانغا ئاتاپ ھەسرەتلىك ناخشا ئوقۇيدۇ. مانا بۇ ناخشا تا ھازىرغىچە خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇنتۇلماي، تىللاردا داستان بولۇپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «ئانانۇرخان ›› ناملىق  خەلق ناخشىسىدۇر.                                                                                          


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11693
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5043 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىسى ئىككى ناخشا....
ئەلانۇرخان - ئاتۇش نىڭ
ئانانۇرخان - نى مەن قۇمۇل دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلى تۇرپان نىڭ ئىكەندە بىلۋالدىم.

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93705
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:37:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىچى ۋاڭ  ناملىق روماندا  تەپسىلى مەزمۇنى چىقىدۇ.

ئەركيۇرت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1776 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانانۇرخاننى بىلمەيمەن .لىكىن ‹ئەلانۇرخان›ئاتۇش خەلق ناخشىسى .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 04:58:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىل ناخشىنى ياختۇرۇپ ئاڭلايتىم      بۇ ناخشا ئارقىسىدا مۇنداق تەسىرلىك تارىخ بارلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ....

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 04:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىل ناخشىنى ياختۇرۇپ ئاڭلايتىم      بۇ ناخشا ئارقىسىدا مۇنداق تەسىرلىك تارىخ بارلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ....

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 05:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىنىمۇ قوشاپ يوللاپ قوياڭلا؟تۇرپاننىڭكى قايسى ناخشىدۇ؟ئاتۇشنىڭكىنىغۇ بەك ياقتۇرىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 06:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقمايدىكەنمەن. ئەلانۇرحان دەپ ئاڭلىعانتىم.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1764
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 06:21:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 06:35 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-27 10:56 AM):
تۇرپان ناخشىسى ئانانۇرخان

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1764
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 06:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-27 10:55 AM):
ئانانۇرخان ھىكايىسى

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش