sawda571 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 11:31 PM
ئەگشتىم .
ئۆز ۋاقتىدا «كىروران گۈزىلى»يىڭىلا جەمىيەتكە ئاشكارىلىنىپ،مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتاتتى . بىزدىن چىققان بىر يازغۇچىمىز كىروران گۈزىلى نامىغا ۋە ئۆلۈم سەۋەبىگە بىر مۇھاببەت ھىكايىسىنى تۇقۇپ چىقىپ ،مەتبۇئاتتا ئىلان قىلدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قىرغىز يازغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ « كىروران مىنىڭ ئانام »ناملىق يازمىسى ئېلان قىلىندى .
بۇ كۆپ يىللار ئاۋالقى ئىش ،بىراق ماڭا بەرگەن تەسىرى بىز قەھرىمانلىقنىمۇ مۇھاببەتكە باغلايدىكەنمىز. دەيمەنكى ھېلىقى قىرغىز قېرىندىشىمىزنىڭ تەپەككۈرىدىن چىققان يازما بىر قەھرىمانلىق يىكايىسى ئىدى ، بىزدىكىسى بولسا مۇھاببەت قىسسىسى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتى قۇملۇقتىكى ئۆلۈم . بىرى قىز -ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۈچۈن قۇملۇقتا ئۆلسە، يەنە بىرسى ئەل -يۇرت ئۈچۈن قۇملۇقتا كۆز يۇمۇدۇ .
ئەلۋەتتە مۇھاببەت ئۈچۈن ئۆلۈشنى مەن خالىمىساممۇ قارشى ئەمەس .بىراق ئەل- ۋەتەن ئۈچۈن بولغان ئۆلۈم ئالدىدا مۇھاببەت ئۈچۈن ئۆلۈش مىنىڭچە ئەرزىمەس ئۆلۈم .