ئاللاھ ! كۆرۈڭ ماۋۇ پەسەندىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى . ئادەم ئشىەنگۈسىز دەرىجىدە پەسلىشىپ يۈرگىنىنى .
نەچچە يىللار ئىلگىرى ھويلىدا تۇرسام بىرسى دەرۋازىنى چەكسەم 30 نەچچە ياشلاردا كۆرۈندىغان يۈز-كۆزلىرى شۇنداق نۇرسىز بىر ئاداش تاھارەت ئالاي دىسەم سۇ تاپالماي قالدىم بولسا خاپا بولماي سۇ بەرگەن بولسىڭىز دەپ قالدى . ماقۇل بوپ چەينەكتە سۇ ئىلىپ چىقىپ بەرسەم ئىلىپ كەتتى . بىردەم قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن . ھىلىقى ئاداش ئۇ سۇنى ئاپىرىپ يولنىڭ ياقىسىدا توختىپ قويغان قاسماق قول تىراكتۇردىن بىرسى باركەندۇق پەتىلدەپ قاپقارا ئىس چىقىرىپ تۇرغان . ھىلىقى سۇنىڭ يىرىمنى قول تىراكتۇرىغا قۇيدى قالدى يىرىمىنى قىزىپ كەتكەن ماتورغا چىچىۋىتىپ قۇرۇق چەينەكنى قايتۇرغىلى بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە كىلۋىدى . قىلغان ئىشىمنى كۆرۈپ قاپتۇ دەپ خىجىل بولمىسۇن دەپ ئىتتىكلا ھويلىغا كىرۋىلىپ تۇرشۇمغا ئۇ ئاداش دەرۋازىنى چىكىپ چەينەكنى رەھمەت ! دىگەنچە چەينەكنى قايتۇرۇپ بىرىپ تىراكتۇرىنى تاتىلدىتىپ ھەيدەپ كىتىپ قالدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 10:08 PM