|
|
|
|
دەۋىرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر، يانفون، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، سىفىرلىق كامېرا...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن، كۆپ ۋاستە مىدىيا ھۆججەتلىرىگە بولغان ئىھتىياجمۇ ئېشىپ باردى، مەسىلەن، بەزى كىنو-فىلىملەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنى يانفون ياكى تاختا كومپىيۇتېردا قويۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ، بەزىدە بىز تەييار كىنو-فىلىم قاتارلىق ۋىدىئو ھۆججەتلىرىنى كىسىپ تەھرىرلەش ئارقىلىق يېڭى ۋىدىئو ھاسىل قىلىشقا، ۋە ياكى ئۇنى ئوپتىك دېسكىلارغا كۆچۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بەزىدە CD پىلاستىنكىلاردىكى ناخشىلارنى MP3 گە ئايلاندۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولىمىز، قىسقىسى، بىز دائىم دىگۈدەك بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ماس بولغان ھەرخىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۆزگەرتىشكە ئىھتىياج بولىمىز، ھەمدە بۇنى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىمىز.
نۆۋەتتە تور دۇنياسىدا بۇنىڭغا ئائىت يۇمشاق دېتاللار خىلى كۆپ، بىراق، بىزنىڭ ھەممە ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاز دىگەندە نەچچە خىل، ھەتتا بەش-ئالتە خىل يۇمشاق دېتالنى تەڭ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ. بىراق، بۈگۈن تورداشلارغا ئېلىپ كەلگەن دېتال مانا يۇقارقى بارلىق ئىھتىياجلارنىڭ ھۆددىسىدىن بىر يولىلا چىقالايدىكەن، ھىچبولمىسا دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە شۇنداق يېزىلىپتۇ، بۇ دېتال DVDVideoSoft تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىسمى Free Studio ئىكەن. بۇ بىر ھەقسىز بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز شۇنداقلا كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەن. قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ، بۈگۈن ئىشلەتمىسىڭىز، ئەتىلا ئىزدەپ يۈرۈشىڭىز مۇمكىن!
بىر ھەقسىز قورال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇكەممەل، جەمئىي 6 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان، مەسىلەن، توردىكى ۋىدىئولارنى چۈشۈرۈش ۋە يوللاش ئىقتىدارى، ئوپتىك دېسكا ئويۇش ۋە قايتا كۆچۈرۈش ئىقتىدارى، يانفون ۋىدىئولىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش، ۋىدىئو ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش، رەسىم تەھرىرلەش قاتارلىق.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://share.weiyun.com/3d69c177591f999cd36167f0fa14940e چۈشۈرگەندە چ چ نۇمۇرىڭىز بىلەن تېزىملىتىپ كىرسىڭىزلا بولىدۇ، بەك ئاددىي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilyar130 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 03:04 PM
|
|
|
|
|
|