مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇزدىل ICTEF مەخسۇس سەھىپىسى ئېلان قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 04:15:10 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە دېيارىمىزدىكى باشقا سەككىز شىركەتنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دىيارىمىزدا «ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ICTEF قۇرۇلدى. بۇ مۇنبەر 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
تەپسىلاتى: http://www.uzdil.com/article/327.html

2015.يىلى 1.ئاينىڭ 3.كۈنى ئالماس شىركىتى ICTEF نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردى، يىغىنغا شىنجاڭ ئۇچۇر ئالاقە، يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، كارخانا ۋەكىللىرى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى. كەمىنە مەردان ئەخمەتمۇ ئالماس شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يولنى يىراق كۆرمەي، ئۇزدىل ئەترىتىدىن يەنە بىرەيلەننى ھەمراھ قىلىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ كەلدۇق. بىزنىڭ قەشقەر پوسكام نېفىتتىن كەلگەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئالماس شىركىتى يىغىندىن كېيىن شىركەت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭ IT ئۈچ ئومۇمىي يىغىنى باش كاتىپى 苏国平 ئەپەندىم بىلەن ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم يىغىندىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشۈپ كەمىنە بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بۇ مەندەك ئىشتىن سىرتقى كومپيۇتېر ھەۋەسكارى، ئاددىي بىر تور بېكەت باشلىقى ئۈچۈن چەكسىز شەرەپ، ئەلۋەتتە.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشتىن مەقسىتىمىز دېيارىمىزدىكى مۇشۇنداق كاتتا بىر خۇشاللىققا شاھىت بولۇپ، ئۇچۇر ئالاقە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش ۋە يىغىن جەريانىدىكى يېڭىلىقلارغا ئېرىشىش، ئېرىشكەنلىرىمىزنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ۋە كارخانىلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە بىر قىسىم خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇزدىل ICTEF مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىمىز ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىيال ئاساسىدا يېزىلغان ماقالىلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق، يېڭى ماقالىلەر داۋاملىق تەييارلىنىۋاتىدۇ. كۆرۈپ بېقىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر:



http://www.uzdil.com/cat/ICTEF.html

كامالىي ئېھتىراملار بىلەن:
ئۇزدىل تور تېخنىكا مەركىزى
2015.1.6 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzdil.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 04:16 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7504
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7736 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-5
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 07:27:12 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئىشىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن. سىلەرنىڭ بۇ ساھەدە ئىزدەنگىنىڭلارنى بىز بىلىپ تۇرىۋاتىمىز. خەلق ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قۇشىۋاتىسىلەر . بۇنىڭدىن كېيىنكى يولۇڭلار تېخىمۇ راۋان بولسۇن.سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر يار بولسۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 07:41:52 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 793 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-5
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:38:29 PM |ئايرىم كۆرۈش |
يولۇڭلار ئوچۇق بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 01:13:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 07:27 PM
ئىشىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن. سىلەرنىڭ بۇ ساھەدە ئىزدە ...

كۆپ رەھمەت، ئاللاھ خالىسا دېگىنىڭىز كەلسۇن.

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش