سۈنۋۇڭۇڭ نېمە ئۈچۈن ئەرىشنى مالىمان قىلىدۇ؟
بىزگە مەلۇمكى سۈنۋۇكۇڭ تاشتىن تۆرەلگەن، يەنى ئاتا ئانىسى يوق، بۇ ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا يىتەرلىك غەمخورلۇق ۋە مېھرى مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سۈنۋۇكۇڭنىڭ ھىكايىسىنى بالىلىق ۋاقتىدا يىتەرلىك غەمخورلۇققا ئىرىشەلمىگەن بالىنىڭ ھىكايىسى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ (چۈشكۈنلەشكەن ئادەم بولۇپ يىتىلىپ چىقىشتىن باشقا) ناھايىتى تىرىشچان ئادەم بولۇپ يىتىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقىمۇ بار. بۇ خىلدىكى بالىلار مۇۋەپپەققىيەتكە ئىنتايىن ئىنتىلىدۇ،تايىنىدىغان ئوبىكتى بولمىغاچقا مۇستەقىل بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە باشقىلاردىن ئارتىپ كېتىشنى ئويلايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ.
روھى ئانالىزىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۇنۋۇكۇڭنىڭ ھىكايىسىنى سۈنۋۇكۇڭغا ئوخشاش خاراكتىر ۋە بۇخىل خارەكتىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەقدىرگە سېمۋوللۇق قىلىدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى خاراكتىرگە ئىگە بالىلارنىڭ تۇرمۇشى جەڭ بىلەن تولغان بولىدۇ، خۇددى سۈنۋۇكۇڭ خىسلەتلىك دېڭىز گۈرزىسىنى بۇلىغانلىقتىن ئەرىش لەشكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغا ئوخشاش، بۇنداق خاراكتىرگە ئىگە ئوغۇل بالىلاردىمۇ باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائى ئالاقىدە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش تۈسىگە ئىگە بولغاچقىلا باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوغۇل بالىلار بۇ نۇختىنى چۈشەنمىسە، دائىم باشقىلاربىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ.
سۈنۋۇكۇڭ ئەرىش لەشكەرلرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ ئەمەل بىرىلگەندە ئۇ دەسلەپتە ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، بۇ نۇقتا سۈنۋۇكۇڭغا ئوخشاش قارشىلىشىش خارەكتىرىنىڭ يەنە بىرتەرىپىنى يورۇتۇپ بىرىدۇ، يەنى، ئۇلار قوبۇل قىلىشقا ئىرىشىپ ئەمەل تۇتسا ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ئاسان غەزەپلىنىدىغان ياشلار تۇتقان ئەمىلى يىتەرلىك ياخشى بولمىغاندا، سۈنۋۇكۇڭغا ئوخشاش باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلگەندە ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەرىشنى مالىمان قىلىدۇ، سەۋەبى ئۇلار ئۆزىنى يىتەرلىك ھۆرمەت قىلىنمىغان دەپ ھىس قىلغان. سۈنۋۇكۇڭ بىر يىتىم بالىغائوخشاش ، ئۇ ناھايىتى ياۋايى، ئەمىلىيەتتە ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ ۋە ئىززەت-ئابرويغا ئىرىشكەن، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشەنچ ۋە غورۇرىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلسە، غورورى دەپسەندە قىلىنسا، ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىز بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. سۈنۋۇكۇڭنىڭ ماھارىتى قالتىس بولۇپ، خوجايىنى بولغان ئەرىش پادىشاھى ئۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ،ئەمما ھەممە ئىشلار سۈنۋۇكۇڭ ئارزۇ قىلغاندەك بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ئۆز ئالدىغا ئايلىنىش قانۇنىيتى بار.
سۈنۋۇكۇڭنىڭ كىيىنكى ھىكايىسىنى ئانالىز قىلىش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ كىيىن تاڭشۈەنزاڭ،جۇباجېي، شاسىڭ ۋە ئاق ئات بىلەن بىرگە غەرىپكە نوم ئالغىلى بارىدۇ. بىز بۇنى سىموۋۇل خارەكتىرىگە ئىگە دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، سۈنۋۇكۇڭغا ئوخشاش خارەكتىردىكى ئادەم ئەگەر ھاياتلىقنىڭ مېۋىسىگە ئىرىشىمەن دىسە، ئۇ چوقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك، ئۇ تاڭشۈەنزاڭ بىلەن ھەمكارلىشىشى كىرەك، تاڭشۈەنزاڭنىڭمۇ كەمچىللىكى بار، كوت-كوت، كاللىسىمۇ ئۇنچە سەگەك ئەمەس، ئەمما، ئىنتايىن سەمىمى ھەم ناھايىتى ئىرادىلىك، ئۇ جۇباجى بىلەن ھەمكارلىشىشى كىرەك، جۇباجى ناھايىتى دۆت، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقى بار، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، ساددا، ساختا ئەمەس، ئۇ يەنە ئاقكۆڭۈل، ئادى-ساددا بولغان شاسىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشى كىرەك، يەنە، جاپا مۇشەققەتتىن قورىقمايدىغان، زارلاپ قاخشىمايدىغان ئاق ئات بىلەن ھەمكارلىشىشى كىرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئىگىز شاخقا ئېسىلىدىغان، قوپال بولىشتەك يىتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ. سۈنۋۇكۇڭ ناھايىتى مەغرۇر، بۇ يامان ئىش ئەمەس، ئەمما ئەگەر ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى بىلمىسە مەڭگۈ نومغا ئىرىشەلمەيدۇ، ھەقىقى مۇۋەپپەققىيەت قازىنالمايدۇ، ئىچكى خۇشاللىق ۋە بەخىتكىمۇ ئىرىشەلمەيدۇ.
پىسخولوگ ئادىلىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بولىدۇ، ئادەممۇ ئۆزىنى تىخىمۇ مۇنەۋۋەرلەشتۈرۈش ۋە غەلىبە قازىنىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلىدۇ. ئەمما، ئىجتىمائى قىزىقىش ۋە ھەمكارلىشىش روھى بولمىسا، ئادەمنىڭ خارەكتىرى يەنىلا مۇكەممەل دەرىجىگە يىتەلمەيدۇ، ئادەممۇ ھەقىقى بەخىتكە ئېرشەلمەيدۇ. ئەگەر سۈنۋۇكۇڭ توختىماي ئىش تېرىسا،توختىماي جەڭ قىلسا ئۇ بەختىلىك بولالامدۇ؟ ياق.
بۇ ھىكايە ھازىرقى زامان سۈنۋۇكۇڭلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
بۇ ماقالە جۇجىيەنجۈن مۇئەللىمنىڭ‹ مەن كىم-تەسەۋۋۇر دىئالوگى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنۈش› دىگەن كىتاۋىدىن 朱建军 我是谁-意向对话解读自我 تەرجىمە قىلىندى .2015-يىلى كىتاپ ئوقۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ پىسخولوگىيە ئىلمىگە قىزىققۇچى دوسلارغا مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
غەرىپكە ساياھەتىكى 4 ئاساسى پىرسۇناژنىڭ خارەكتىرىنى تىخىمۇ ياخشى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ،دىققىتىڭىز تۆت خىل رەڭلىك خارەكتىر دىگەن ماقالىدە بولسۇن.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107977-1-1.html
تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان مەخمۇت (ساغلام)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 12:18 AM