ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :مەن ئۈزۈم ئوقۇۋاتقان كىتاپ «باي ئاكامنىڭ خۇرجىنىدىكى 68گۆھەر»دىكى رۇكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان خەتلىرىنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. پايدىلانغايسىزلەر:
روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى (1)
دۆت قىياپىتىگە كىرۋېلىشنى بىلگەنلەر دانالاردۇر.
ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن كىشىلەر تېخىمۇ بەختسىزلەردۇر.
بۇغداي پىشقانسېرى باشىقى پەسكە ساڭگىلايدۇ.
ئۆزىنى دانا چاغلىغانلار ئەخمەقلاردۇر، ئەخمەقتەك كۆرىنىشىنى بىلگەنلەر ھەقىقىي دانالارردۇر.
قارا قورساقلار چوڭ ئىش قىلالمايدۇ، لىكىن بىلىملىكلەر كۆپىنچە بىلىمنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
1890-يىلى 9-ئۆكتەبىر
روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى (2)
خىزمەت بىر خىل پوزىتسەدۇر. ئۇ بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنىمۇ، خاپىلىقىمىزنىمۇ بەلگۈلەيدۇ.
خىزمەت ئالاھىدە بىر خىل ھوقۇق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تۇرمۇشنى قامىداپ قېلىشلا ئەمەس.
ئەگەر سەن خىزمىتىڭگە مەنە بېرەلىسەڭ، ئىشنىڭ چوڭىدىنمۇ، كىچىكدىنمۇ خۇشاللىق تاپالايسەن.
مېھنەتتىن ئالغان ئەجرىمىز ئېرشكەن نەرسىمىزدە ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك نىمىگە ئايلانغىنىمىزدا.
سەن ئىش قىلىشنى راھەت دەپ بىلسەڭ، ھاياتىڭ جەننەتتۇر. ئەگەر خىزمەتنى بىر خىل مەجبۇرىيەت دەپ قارىساڭ، ھاياتىڭ دوزاقتۇر.
1897- يىلى 9-نويابىر