مىنىڭ قارىشىم تېما ئىگىسىنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇيغۇرچە ئەپلەر چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ئەمما كۆپىنچە باشقا تىلدىكى ئوخشاش تۈردىكى ئەپلەردىن سۈپىتى خىلىلا پەرقلىق.
سەۋەپلەر
1: ئۇيغۇرلار تىرىشچان ،ئىزدىنشىچان ، ئەقىللىق خەلق ئەمما بىز تىخى يىڭىدىن ئەپ ئىچىشنى باشلىغان بولساق ، باشقىلار باشلىغىلى خېلى بولدى. يەنى پەللىدىن چىقىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇيغىنىش كەينىدە نۇرغۇن چوڭلار تىخىچە قورساق توق ،كىيمى پۈتۈن بولسىلا بولدى دىگەننى ئويلايدۇ. مۇتلەق كۆپ ئىقتىسادنى چوڭلار نىڭ قۇلىدا.
2. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ئىشلەپچىقارغاننى چۈشىندىغان، ئۇنىڭ قەدرىگە يىتىدىغان ئادەم ئاز ، ھە دىسە ھەقسىز نەرسىلەر بولسا چاپىمىز. ئىككى مو باھا قۇيۇپ قويسا ئارقىغا يانىمىز. پىروگىراممىرلارمۇ ئادەمدە ئۇلارمۇ جان بىقىشى كېرەك. جاپاغا چۈشلۇق ھالاۋەت يوق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھەنىڭ تەرەقىياتى ئاستا.
3. بىزدە كىچىككىنە بىر يومشاق دىتال ياكى ئەپنى تۈزۈپ ئۇنى بىر ئىشلەتكۈدەك قىلساقلا ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ كىتىمىز. ياكى ئۇنى سىناق نۇسخا دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشتىن نۇمۇس قىلىمىزمۇ ئۇقمىدىم. كۆپىنچە ئۇيغۇرچە ئەپ دىتال ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ تەسىراتى يۇمشاق دىتال بەكلا سۈپەتسىز ، ئىشلەتكۈچىلەرنى رازى قىلالمايدۇ.
قىسقىسى بىز بىرىنچىدىن ، قارلۇققا ئوخشاش ئۇيغۇردىن باشقىمۇ بازارلارغا يۈرۈش قىلىشىمىز ئويلاپ بىقىشىمىز كىرەك.
ئىككىنچىدىن شىنجاڭ رايونىدا ئىلىمنى ، ئىلىم ئىگىلېرىنى پەن -تىخنىكا خادىملېرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ھۆرمەتلەشنى ئومۇملاشتۇرىشمىز كېرەك. پۈتكۈل خەلق ھەرقانداق بىر ئىشقا ئىلىم- پەنگە ھۆرمەت قىلىش نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك. بىر قىسم ھورۇنلۇق، مەقسەتسىزلىك ، نىشانسىزلىقتەك ناچار ئىللەتلېرىمىزنى ئازايتىشقا تىرىشىمىز لازىم. يەنە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ تۇرمۇشقا تىخىمۇ قىزغىن مۇئامىلەدە بۇلىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاددىيسى ئەلى مۇئەللىمدەك مىللەتكە روھىي قۇۋۋەت بېرىۋاتقان كىشىلېرىمىزنى قارىغۇلارچە سۆكمەسلىكىمىز كېرەك. ئاددىيسى مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسىنى بىر قىتىم ئاڭلىسام ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ ئىككى كۈن ئىنتايىن خۇشال ھەم روھلۇق يۈرىيمەن. توردا لىكسىيەسىنى ھەقسىز ئاڭلاۋاتىمەن. بولدى ئەمەسمۇ بىر قىلسا شۇنچىلىك قىلا يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بۇلاتتى.
بۇ يەردىكىسى بىر دۇستۇمنىڭ ئەلى مۇئەللىمگە بولغان رەھمەت ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىچىككىنە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيۇنكەن
EliMuellimningShagirti بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 06:34 PM