|
|
|
|
كۆچۈرمىكەش سالونلارنىڭ ئەتىسى تۈگىدى تېڭشۈننىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى ئورگان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،سالاھىيىتى دەلىللەنگەن مېدىيا تىپىدىكى سالونلار ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش كېلىشىمىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە،مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر سالونلىرىنىڭ سانى 600_700ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن،ئەلۋەتتە بۇ پەقەت نەچە يىلدىن بۇيان مەن قاچىلىۋالغان سالونلارنىڭ بىرقىسمى بولۇشى مۇمكىن ،ئەمما ھازىرغىچە خېلى مانامەن دېگەن سالونلارنىڭمۇ مۇنبەر ۋە ياكى توربېكەتلەردىن كۆچۈرۈپ ئەپكەلگەن نەرسىلەرگە‹ئۇيغۇرلارنىڭ › ‹ئۇيغۇرلاردىكى ›دېگەندەك چاپاندىن بىرنىلا كىيگۈزۈپ ماقالىسىنىڭ ئىچىگەقارىسا پەلپەتىش باش ئاخىرى قاملاشمىغانلا يازمىلارنى قۇراشتۇرۇپ ياساۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ھەم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن ،شۇڭا مېنىڭ نەزىرىمدە تېڭشۈننىڭ بۇنداق ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشى ۋاقىتنىڭ ،ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن بولغان دەپ قارايمەن، خوش ھەممە نەرسە مىكرولىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك زاماندا مەن گەپنى جىق قىلماي ،مۇمكىن بولسا تېڭشۈننىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرىغىمۇ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ ،بىزنىڭ يېزىقلىرىمىزنىڭمۇ ئاپتورلۇق ھوقۇقى قوغدالسا دېگەن ئۈمۈتتىمەن . ئاخىرىدا بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىلتىماس قىلىش بېتىنىڭ كەسمە يۈزىنى يوللاپ قويدۇم،لازىم بولسا ئىشلىتەرسىلەر،ھەممەيلەنگەرەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ababakriimir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-23 08:44 AM
|
|
|
|
|
|