مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 0

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113415
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 07:35:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ھەققىدە

يېقىندا بىر قىسىم دېھقان قېرىنداشلار مەندىن مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان ئىدى: يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

مېنىڭچە يۇقارقى مەسىلە سەل يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ئەسلىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ: 1.ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى بىلەن ھۆددە ئېلىنغان يېزا يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولامدۇ؟ 2.باشقا ئۇسۇل بىلەن ھۆددە ئېلىنغان يېزا يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

تۆۋەندە كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، يۇقارقى مەسىلىلەر ھەققىدە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە دېلو مىسالى ئارقىلىق ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.

1. يېزا يېرى ھەققىدە چۈشەنچە

“يېزا يېرى” بۇ بىر قانۇنىي ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ھەقتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى» دەپ ئېلىنىدۇ)نىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: “بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا يېرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، دېھقانلار قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق يەر ھەمدە قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ.”

2. ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ۋە باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك

«يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى»دا يېزا يېرىنى ھۆددىگە بېرىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن، يەنى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ۋە باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك.

ھازىر رايۇنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقانلار تېرىۋاتقان يەر ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن. بۇ خىل ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىدە كۆپ ھاللاردا كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆددە بەرگۈچى بولىدۇ. شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقان ئائىلىسى ھۆددە ئالغۇچى بولىدۇ. بۇ يەردە “دېھقان ئائىلىسى” دىگەن ئاتالغۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يۇقارقىلارنى مۇنداق ئىزاھلىساق تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ: بىر دېھقان ئائىلىسىدە 4 نوپۇس بولۇپ، بۇ ئائىلىگە 10 مو يەر ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە بېرىلگەن بولسا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئادەتتە ئائىلە باشلىقى ئىمزا قويغان بولىدۇ، ئەمما بۇ ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەگەر ئائىلە باشلىقى ئۆلۈپ كەتسە، باشقا ئائىلە ئەزالىرى داۋاملىق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دىمەك، بۇ يەرنىڭ ھۆددە ئالغۇچىسى مەلۇم بىر شەخس ئەمەس، بەلكى مۇشۇ دېھقان ئائىلىسى بولىدۇ.

يېزىلاردا ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساي قاتارلىق يەرلەر بولسا، بۇ خىل يەرلەرنى «يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىش كېرەك. مانا بۇ بىز دەۋاتقان يېزا يېرىنى باشقا ئۇسۇلدا ھۆددە بېرىشتۇر. بۇنىڭدىكى ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئىمزا قويغىچىدۇر.

3. ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ۋە ۋارىسلىق

«يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى»نىڭ “ئائىلە ھۆددىگەرلىكى” دېگەن بابىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: “ھۆددە ئالغۇچىغا تېگىشلىك ھۆددە تاپاۋىتىگە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. ئورمان يېرىنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ۋارىسى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددىنى دەۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.” بۇ بەلگىلىمىدىن مۇنۇلارنى چۈشىنىۋېلىش مۈمكىن: ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە ئېلىنغان يەردىن كىرگەن ھۆددە تاپاۋىتى شۇ دېھقان ئائىلىسىغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ شۇ دېھقان ئائىلىسىنىڭ بىرەر ئائىلە ئەزاسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ۋارىسى ئۆلۈپ كەتكۈچىگە تەۋە تاپاۋەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ؛ ئەگەر ھۆددە ئېلىنغان يەر ئورمان يېرى بولۇپ، بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرى ياكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئەسلىدىكى ھۆددە مۇددىتىدە بۇ ئورمان يېرىگە بولغان ھۆددىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەمما بۇ خىل ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋارىسلىق قانۇنىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئەمەس؛ ھۆددە ئېلىنغان يەر ئورمان يېرىدىن باشقا يەرلەر بولۇپ، دېھقان ئائىلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ئۆلۈپ كەتسە، باشقا ئەزالار ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ، ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتسە، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى يوقۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

4. باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك ۋە ۋارىسلىق

«يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى»نىڭ “باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك” دېگەن بابىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: “يەرھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەن ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئېرىشىدىغان ھۆددە تاپاۋىتىگە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ؛ ھۆددە مۇددىتىدە، ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۆددىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.” بۇ بەلگىلىمىدىن مۇنۇلارنى چۈشىنىۋېلىش مۈمكىن: باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك بويىچە ھۆددە ئالغان يەرنىڭ ھۆددە ئالغۇچىىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئېرىشكەن تاپاۋەتكە ئۇنىڭ ۋارىسى ۋارىسلىق قىلىدۇ؛ ھۆددە مۇددىتىدە، ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۆددىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، بۇ ھەرقانداق يەرگە ماس كېلىدۇ، ئەمما بۇ خىل ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ۋارىسلىق قانۇنىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئەمەس.

5. دېلو مىسالى

ھازىر بايان قىلىنىدىغان دېلو مىسالى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخباراتى»نىڭ 2009-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن. تۆۋەندە مەن قىسقىچە مەزمۇننى تونۇشتۇرىمەن.

لى شېڭتەن بىلەن جوۋ گۈيشياڭ ئەر-خوتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ لى گېمېي ئىسىملىك بىر قىزى ۋە لى ۋېيشياڭ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار. يېزا يەرلىرى 1-قېتىم ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە بېرىلگەندە، لى شېڭتەن ئائىلىسىگە 6.68 مو يەر ھۆددە بېرىلگەن. 1995-يىلى، يېزا يەرلىرى 2-قېتىم ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە بېرىلگەندە، لى گېمېي ۋە لى ۋېيشياڭ ئايرىم تۇرمۇش قۇرغان بولغاچقا، يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلاتى لى شېڭتەن ئائىلىسىنىڭ ئەسلىدىكى 6.68 مو يېرىنى باشقىدىن ئايرىپ، لى ۋېيشياڭ ئائىلىسىگە 1.8 مو، لى گېمېي ئائىلىسىگە 3.34 مو، لى شېڭتەن ئائىلىسىگە 3.34 مو يەرنى ھۆددىگە بەرگەن، بۇ ئۈچ ئائىلە يېزا يەر ھۆددىگەرلىك گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. 1998-يىل 2-ئايدا، لى شېڭتەن ئۆز يېرىدىن 1.54 مو يەرنى شۇ كەنتتىكى رۈي گونىڭ ئىسىملىك دېھقانغا ئىجارە بەرگەن، كېلىشىمگە لى گېمېي ۋاكالىتەن ئىمزا قويغان. 2004-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى لىشېڭتەن ۋاپات بولغان، 2005-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى جوۋ گۈيشياڭ ۋاپات بولغان. ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇقارقى 1.54 مو يەرنىڭ ئىجارە پۇلىنى لى گېمېي ئېلىپ، ئۆزى پايدىلىنىپ كەلگەن. كېيىن لى ۋېيشياڭ سوت مەھكىمىسىگە: مەزكۇر يەرنىڭ يېرىمىغا مېنى ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىپ بەرسەڭلار، دەپ ئەرز سۇنغان.

سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىغان:«يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، يېزا يەرلىرى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە ئېلىنغان بولسا، ھۆددە ئالغۇچى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقان ئائىلىسى بولىدۇ، يەنى يېزا يەرلىرىنى  بۇ خىل ئۇسۇلدا ھۆددە بېرىشتە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقان ئائىلىسى بىرلىك قىلىنغان بولىدۇ. ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ئېرىشكەن يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقۇقى مەلۇم بىر ئائىلە ئەزاسىغا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى دېھقان ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى» نىڭ 3-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، مىراس پۇقرالارنىڭ ۋاپات بولغاندا قېپقالغان شەخسىي قانۇنىي مال-مۈلكىدۇر. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى سەخسىي مال-مۈلۈك ئەمەس، شۇڭا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ. ئورمان يېرىدىن باشقا ئائىلە ھۆددىگەرلىكىدە، بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرى ئۆلۈپ كەتسىمۇ،  ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى يەنىلا ئائىلىنى بىرلىك قىلغان بولغاچقا، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن  ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار داۋاملىق  پايدىلىنىدۇ.  يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىقىغا ئېرىش بولسا كوللىكتىپ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئائىلىدىكى ھەممە ئەزالار ئۆلۈپ كەتسە، مەزكۇر يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىمۇ يوقىلىدۇ، دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋارىسلىرى مەزكۇر يەرنى داۋاملىق ھۆددە ئېلىپ پايدىلىنالمايدۇ، مەزكۇر يەرنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىراسى قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مەزكۇر دېلودىكى لى ۋېيشياڭ ۋە لى گېمېي ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قالغان يەرنى داۋاملىق ھۆددە ئېلىشتىكى قانۇنىي شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش كېرەك.

مەزكۇر دېلو مىسالىنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت، يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن ماددىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەمەلىي دەۋا جەريانىدا پايدىلىش ئۈچۈندۇر.

خۇلاسە: يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە ئېلىنغان يەر ئورمان يېرى بولۇپ، بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرى ياكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئەسلىدىكى ھۆددە مۇددىتىدە بۇ ئورمان يېرىگە بولغان ھۆددىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك بويىچە ھۆددە ئالغان يەرنىڭ ھۆددە ئالغۇچىىسى ئۆلۈپ كەتسە، ھۆددە مۇددىتىدە، ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۆددىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، بۇ ھەرقانداق يەرگە ماس كېلىدۇ.

ئاخىرقى سۆز: يۇقارقى قانۇنىي مۇناسىۋەتلەرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئائىلە ماجرالىرىدىن ۋە ئورۇنسىز دەۋا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولۇشى مۈمكىن. تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. مەن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Email: bayoghli@sina.com

QQ:1521636958

         

2015-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقسۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 07:35 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش