|
|
|
|
BatchInpaint نامىدىكى بۇ دېتال ھەرخىل فورماتتىكى رەسىم ھۆججىتىگە بېسىلغان سۇ باسمىسى (水印) نى بىر كۇنۇپكا بىلەن چىقىرىپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، يالغۇز بىرلا رەسىمگە قارىتا، ياكى كۆپ رەسىمگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، يەنى تۈركۈملەپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ دېتال ناھايىتى چۈشىنىشلىك لايىھەلەنگەن، ئىشلىتىش ئاسان، ئىقتىدارى ياخشى، ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن رەسىمدىكى سۇ باسمىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىۋالىمىز، بۇنىڭغا نىسبەتەن تەلەپ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، تەخمىنىي ھالدا دائىرىگە ئېلىپ بېكىتسەك بولىۋىرىدۇ، ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ. بۇ دېتال يېشىۋىتىلگەن نۇسخا بولۇپ، چۈشۈرگەندىن كىيىن، ئىچىدىكى قوزغىتىش سىنبەلگىسىنى ئېچىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://share.weiyun.com/0647a65ca621794f3fa303533b1f82b3 مۇشۇ دېتالدا بىر تەرەپ قىلىنغان رەسىملەر: سۇ باسمىسى بار رەسىم:
مۇشۇ دېتال ئارقىلىق سۇ باسمىسى ئېلىۋىتىلگەن رەسىم:
ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ رەسىمىنى ئىشلىتىشتە ھىچقانداق مەقسەت يوق!....توردىن مۇشۇ رەسىم ئۇچراپ قالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا evergreen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 04:38 PM
|
|
|
|
|
|