خىلمۇ خىل ھەرىكەت ۋە ئوي – پىكىرلەرگە تولۇپ تاشقان بۇ دۇنيادا تەمكىنلىك ـــ بىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىناق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىمىزدىكى ئاساسىي پەزىلەت ۋە قابىلىيەتتۇر . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ، تار، چەكلىك ئىجتىمائىي كەچۈرمىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك . باشقىلارنىڭ تەمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى بايقاش ئۇنچە تەس ئەمەس ، لېكىن ، ئۆزىڭىزنىڭ تەمكىن ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ قىيىن .
تۆۋەندىكى بىر قاتار پىسخىكىلىق سىناق ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تەمكىن ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرەلەيسىز ؟
(A تاللىسىڭىز 2 نومۇر ، B تاللىسىڭىز 1 نومۇر ،C نى تاللىسىڭىز 1 نومۇر )
1. دوستىڭىز سىزنى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلسا :
A . ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزەمسىز ؟
B. ئۆزىڭىزنىڭ تەسىراتىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقنى داۋاملىق ساقلاپ قالامسىز ؟
C. ئۆز – ئۆزىڭىزگە بۇ ئىش بىلەن ئالاقىڭىز يوقلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالامسىز ؟
2.سىز ئۆزىڭىزنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىراتقان ئادەمگە كەڭچىلىك قىلامسىز ؟
A.شۇنداق ، ئۇنى ناھايىتى تەستە ئەپۇ قىلىمەن ؛
B. ئۇنداق ئەمەس ، ۇنى ئەپۇ قىلىۋېتەلەيمەن ؛
C.ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىش كېرەك ؛
3.سىزنىڭ قارىشىڭىزچە :
A.ئەخلاق ئۆلچىمىنى قوغداش يۈزىسىدىن باشقىلارنى ئەيىبلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟
B.مەلۇن نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ، باشقىلارنى ئەيىپلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ( مەسلەن قوغداش نۇقتىسىدىن )؟
C.باشقىلارنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك ، شۇنداقمۇ ؟
4.كۆپ ساندىكى دوستلىرىڭىزنىڭ مىجەز – خۇلىقى :
A.سىز بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ .
B.ئوخشاشمايدۇ ، شۇنداقلا ئۆز ئارامۇ ئوخشاشمايدۇ ، شۇنداقمۇ ؟
C.ئاساسىي جەھەتتىن سىزگە ئوخشاشمايدۇ ؟
5.سىرىتتا ئويناۋاتقان بالىلار سىزنىڭ زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلىشىڭىزغا دەخلى قىلسا :
A. بالىلارنىڭ خۇشال ئويناۋاتقانلىقىدىن شادلىنالامسىز ؟
B. ئۇلارغا ئاچچىقلىنامسىز ؟
C.بىئاراملىق ھېس قىلامسىز ؟
6.مۇبادا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىپ ، ئۇ جاينىڭ تازلىق شارائىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز :
A. ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كېتەلەمسىز ؟
B.ئۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا پىسەنت قىلمامسىز ؟
C.بۇ دۆلەت تازلىققا تازا ئېتىبار بەرمەيدىكەن دەپ قارامسىز ؟
7. تۆۋەندىكى پەزىلەتلەر ئىچىدە قايسىسى ئەڭ مۇھىم ؟
A.مېرىبانلىق B. دۇرۇسلۇق C. ئىتائەتمەنلىك .
8.باشقىلار بىلەن دوستىڭىز توغرىسدا ( تەنقىدلەش خاراكتېرىدە ) پاراڭلىشامسىز ؟
A. ھەمىشە B. بەزىدە C. يوق دېيەرلىك.
9.مۇبادا سىز بىزار بولىدىغان ئادەمنىڭ ئامىتى كەلسە :
A. تىت – تىت بولامسىز ياكى ھەسەت قىلامسىز ؟
B. ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيسىز ، لېكىن كۆڭلىڭىزدە بۇ ياخشى پۇرسەت ماڭا كەلگەن بولسا قانچە ياخشى بۇلاتتى – ھە ! دەپ قارايسىز ؟ توغرىمۇ ؟
C. بۇ ئىش ماڭا نىسپەتەن ھەقىقەتەن پايدىلىق دەپ قارايسىز ؟ توغرىمۇ ؟
10. سىز قايسى خىل ئەھۋالغا تەۋە ؟
A. باشقىلارنى شەيئىلەرگە ئامال بار ئۆزىڭىزنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇئامىلە قىلدۇرىسىز ؛
B. ئوخشاش بولمىغان ئىشلارغا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويىسىز . ئەمما ، بۇ ئىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشمايسىز ياكى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنمايسىز ؛
C.باشقىلار سىزدىن بىۋاستە سۇئال سورىمىسا ، سىز ئاسانلىقچە ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قويمايسىز ؛
11. سىزنىڭ مەلۇم دوستىڭىزنىڭ تۇرمۇشى قارىماققا يامان ئەمەستەك ، لېكىن ئۇ ھەمىشە ئىشلاردىن ئاغرىنىپ ھەسىرەت چېكىپ يۈرسە ، سىز :
A. ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلامسىز ؟
B. ئۇنىڭغا تېتىكرەك بول دەپ نەسىھەت قىلامسىز ؟
C. ئۇنىڭ بىلەن سىرتىقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەمسىز ؟
12. سىزنىڭ روھى چۈشكۈن ، ئىرادىسى ئاجىز ، تەن ساغلاملىقى ئانچە ياخشى بولمىغان ئادەمنى تاللاپ ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىنمۇ ؟
A. مۇمكىن ئەمەس ؛
B.مەلۇم مەزگىل داۋالىنىش ئارقىلىق سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىسپات بولسا ، ئۇنى يالاپ ئىشلىتىمەن ؛
C.ئۇ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلالىسلا ، ئۇنى ياللاپ ئىشلىتىمەن ؛
13.باشقىلار سىزنىڭ قارىشىڭىزغا قۇشۇلمىسا :
A. ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشەمسىز ؟ ئاچچىقلىنامسىز ؟
B.سىز مۇنازىرلىشىشكە ئامراق ، لېكىن سوغوققان بولالايسىز ،شۇنداقمۇ ؟
C. ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىشتىن ساقلىنالامسىز ؟
14.كۆز قارىشىڭىزغا ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى ئوقۇمسىز ؟
A. ئەزەلدىن ئوقۇمايمەن؛ B.ئۇچىراپ قالسا ۋاراقلاپ قويىمەن؛ C.ئوقۇيمەن ، ھەتتا ئاجايىپ قىزىقىپ ئوقۇيمەن ؛
15.تۆۋەندىكى قاراشلارنىڭ قايسىسىغا قۇشۇلسىز ؟
A. جىنايى قىلمىش قاتتىق جازالانسا،جىنايەتچى ئونسۇرلار ئاز قالىدۇ؛
B.جەمئىيەت ئەھۋالى ياخشىلانسا ، جىنايى قىلمىشلارمۇ ئازىيىدۇ؛
C.مېنىڭ قارىشىمچە جىنايەتچىنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم ؛
16.سىز مۇشۇنداق دەپ قارامسىز ؟
A.مەلۇم مىزانلارنى تۈزۈش جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ھەركىتىنى كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن زۆرۈر؛لېكىن ، بۇ خىل مىزانلار قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى.
B.چۇقۇم كىشلەرنىڭ ئەمەل قىلىدىغان مىزانى بۇلىشى كېرەك .چۈنكى ، كىشلەر كونتىرول قىلىشقا موھتاج؛
C.كىشلەرگە قارىتا ھەددىدىن زىيادە چەكلەش رەھىمسىزلىك ، شۇنداقلا شەپقەتسىزلىك.
17.مۇبادا سىز دىنغا ئېتىقاد قىلمىسىڭىز :
A.سىزنىڭچە ،دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھاماقەتمۇ ؟
B.سىزنىڭچە،ئېتىقادنىڭ مەلۇم كىشلەرگە قارىتا پايدىسى بارمۇ ؟
18.سىزنىڭ بەزى ياشانغان كىشلەرنىڭ بىكاردىن – بىكار ئەنسىرەشلىرىگە بولغان ئىنكاسىڭىز :
A.سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش؛
B.بىئارام بۇلۇش؛
19.سىزنىڭچە ئاياللار ئازادلىقى ھەركىتى:
A.مۇبالىغىلەشتۈرۈپرەك ئېيتساق، مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ھەرىكەتمۇ ؟
B.چاقچاقمۇ ؟
20.سىز باشقا ئىرق ياكى باشقا مىللەت كىشلىرى بىلەن توي قىلامسىز ؟
A.ھەئە،شۇنداق قىلىمەن؛ B.ئۇنداق قىلمايمەن ؛
C.مەلۇم كونكرېت مەسلىلەرنى ئىنىچكە ئويلانماي تۇرۇپ ئۇنداق قىلمايمەن؛
21.مۇبادا خىزمەتدىشىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ ئۈچۈنچى شەخىس بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتسا :
A.سىز ھاڭ –تاڭ قېلىپ ئۇنى روھى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ يېنىغا ئاپىرامسىز ئ
B.سىز ئۇنى قوللامسىز ؟
C.ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرەمسىز ؟
22.ئۆزىڭىزدىن ياشراق بىرسى سىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلسا :
A.قورۇنۇش ھىس قىلامسىز ؟
B. بۇ ئىشنى ياخشى ئىش دەپ قارامسىز ؟
C.خاپا بولامسىز ؟
23.سىزنىڭچە سىز سەمىمىيمۇ ؟
A.سەمىمىي ؛ B.ناھايىتى ئاز ۋاقىتلاردا سەمىمىي
24.مۇبادا سىز تۇرمۇش ئادىتىڭىز پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان باشقا بىر ئائىلىدە ۋاقتىنچە تۇرۇپ قالغىنىڭىزدا :
A.سىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ماسلىشىپ كېتەلەمسىز ؟
B.ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ قالايمىقان ، رەتسىزلىكىدىن ياكى ئارتۇقچە پاكىزلقىنى تلەپ قلىشدىن رەنجىمسىز ؟
C. ۋاقتىنچىغۇ چىداپ كېتەرمەن ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەرداشلىق بېرەلىشىم تەسكە توختىغۇدەك،دەپ قارامسىز ؟
25.باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى سىزنى بىزار قىلامدۇ؟
A.ھەمىشە B.قىلچە بىزار قىلمايدۇ C.بەزىدە
26.سىز تۆۋەندىكى قاراشلارنىڭ قايسسىغا بەكرەك قايىل ؟
A.باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى قارغۇلارچە سۆز – چۆچەك قىلماسلىقىمىز كېرەك؛
B.كىشلەر چۇقۇم ئۆز قىلىمشغا ۋە ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ؛
C.باشقىلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا باھا ېرىپ تۇرۇشىمىز كېرەك ؛
خۇلاسە:
30 دىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلار : سىز ناھايىتى تەربىيە كۆرگەن كىشى ئىكەنسىز ، سىز باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تۇلۇق چۈشىنەلەيدىكەنسىز ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەگكەن ياكى سىزگە ئازار بەرگەن ھالەتتىمۇ سىز ئۇنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەنسىز . باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدىكەنسىز،كۆپچىلىكىنىڭ ياخشى دوستى بۇلالايدىكەنسىز . بەزى كىشلەر بەلكىم سىزدەك باشقىلارغا ھېسىداشلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ، ئاق كۆڭۈل كىشلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقى مۇمكىن . لېكىن، سىز ئۇلار بىلەن ھەرگىز تالاش-تارتىش قىلمايدىكەنسىز .
31-60 نومۇر ئالغانلار : سىز تەربىيە كۆرگەن ئادەم ئىكەنسىز،ھېچبولمىغاندا كىشلەرنىڭ نەزىرىدە شۇنداق: ناۋادا نومۇرىڭىز 50 تىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ، سىز پەقەت مەلۇم جەھەتتىلا تەربىيە كۆرگەن ئوخشاشمىغان پىكىرنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئادەم بۇلىشىڭىز مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئانچە –مۇنچە تەربىيە كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ قۇيۇشى تەس ئەمەس. سوئاللارغا قايتا قاراپ چىقىپ ، تاللىغان مەزمۇنلىرىڭىزنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلاشتىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزگە بەك ئىشىنىپ كەتتىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆز كۆز قارىشىڭىزدا زىيادە چىڭ تۇرۇپ قالدىڭىزمۇ ؟
61 – 89 نومۇر ئالغانلار : سىز نۇرغۇن كىشلەرگە يەتمەيسىز . مۇبادا نومۇرىڭىز 80 دىن يۇقىرى بولسا ، سىزنى ئاساسىي جەھەتتىن تەربىيە كۆرمىگەن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن دوستلىقىڭىز بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ ، بۇ كىچىككىنە ئاۋارىچىلكىنىڭمۇ سىزنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز قىممىتى يوق ئىشلار ئۈچۈن زېھنىڭىزنى ، ھېسىياتىڭىزنى ئىسراپ قىلسىڭىز ، بەلكىم ئۆزىڭىزنى پىرىنسىپىتا چىڭ تۇرىدىغان ئادەممەن، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن،سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىز ۋە كەچۈرمىشلىرىڭىزنى يەنىمۇ كېڭەيتەلىسىڭىز ، باشقىلار بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئالاقە قىلالىسىڭىز، تەربىيەلىنىشىڭىزگە مۇئەييەن ياردىمى بولىدۇ. شۇنداقلا ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىڭىزگە تەسەللىي تاپالايسىز .
90 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار : سىزنىڭ تەربىيە كۆرۈشىڭىز خېلىلا يېتەرسىزكەن. مۇبادا ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 100 دىن يۇقىرى بولسا شۇبھىسىزكى ، سىز ئۆز بېشىمچى ، تەرسا ھەم ئاسانلا باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ئادەمدۇرسىز. سىزنىڭ يېنىڭىزدا قالغان بىردىنبىر دوستىڭىز سىزنىڭ پۇل – مېلىڭىزغا قىزىقمايدىغان ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن ئادەمدىن ئىبارەت. سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ خاتا ئىش قىلىپ قويىغىنىغا چىدىيالمايمەن ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تېگىگە يەتمەيمەن دەپ سوئال قۇيۇپ بېقىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ruzemammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-14 06:31 PM