مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2367|ئىنكاس: 13

ئۆزىڭىزنى كۆرسىتدىغان پەيىتنى بىلەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113839
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 03:23:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كۆپۈنچە كىشلەر ئۈن- تىنسىز ئىشلەپ ، كەسىپتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى تىلغا ئېلىشنى ، ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەش قىلىشنى خالىمايدۇ . ئاز بىر قىسىم كىشلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچ ، تىاناقتەك ئىشنىمۇ كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىنىشقا ، باشقىلارنىڭ مەدھىيەسىنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ .
ئادەمنىڭ تەبئىيتىدىن ئالغاندا ، ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىسا خۇش بۇلىدۇ . ئامما كۆپۈنچە كىشلەر ئادىمىيىلىك ، كىشلىك قەدىر – قىممەت ، ئەخلاق پەزىلەت نۇقتىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ، ئۆزىنى تېخى ھېچقانچە نەتىجىگە ئېرىشمىگەندەك ، ئىشلار تېخى ئالدىدىكىدەك ھېس قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ . ماختىنىشقا خۇشتارلار شەخسى مەنپەئەت ، ئىمتىياز ، مەرتىۋە ، مەنسەپ تەمەسىدە « تۈگمىدەك » تۆھپسىنى «تۆگىدەك » كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ . بەزىلەر كىچىككىنە ھوقوقىنى پەش قىلىپ ، يوللۇق ، ئۇرۇنلۇق تەلەپلەرنى بىجىرىشتە ئۆزىنى كۆرسىتدۇ . بەزىلەر بايلىقىنى ، بەزىلەر چىراي ، كىيىنىشىنى ، يەنە بەزىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسىنى پەش قىلىپ كۆرسىتدۇ . مېنىڭچە ، كىشلەر قانداق پەيىتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتەلىسىلا ، ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەي باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ .
كىشى ئۈچۈن بىلىم مەڭگۈلۈك بايلىقتۇر . مەيلى سىز قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز بۇلۇشدىن قەتئىينەزەر ، كەسىپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىڭ . كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولى كۆپ . مەيلى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، مەيلى ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىڭ ياكى تىل ئۆگىنىڭ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىۋتقان ئىشىمىزنى ، كەسىپىمىزنى سۆيگەندىلا روياپقا چىقىدۇ . جىددى پەيىتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرۇڭ . ئېيتايلۇق ، تاسادىپىي بىرەر تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ، ئادەم ياكى مال – مۈلۈك خەتەر ئىچىدە قالغاندا ، بىرەر ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بۇلۇپ ئىقتىسادتىن قىيلىنىۋاتقاندا يېتىم – يىسىر ، ئاجىز – مېيىپلەر يوقسۇزلۇقتىن تېڭىرقىغاندا يۈرەكلىك ئوتتۇرغا چىقىپ سېخىيلىقىڭىزنى نامايەن قىلىپ ، باشقىلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزەلىسىڭىز ، ھەقىقىي ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى نامايەن قىلغان بولسىز . ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىكى بولىدۇ . ئەمما بەزىلەر ئەنە شۇ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ . بەزىلەر ئۇنى قېزىپ چىقالمايدۇ . سىزدە ئادەمدەك ياشاش ئىستىكى بولىدىكەن ، يېتەرسىزلىك ئىچىدىن ئارتۇقچىلىقىنى ، سەۋەنلىك ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقىپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتەلىسىڭىز ، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرالايسىز .
ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى ئۇنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن نامايەن بولىدۇ . ئادەمنىڭ ئوبرازى راستچىللىقى ، سەمىمىيتى بىلەن تىكلىنىدۇ . قانداق ئادەم بۇلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ، ئالدىراپ باشقىلارغا ۋەدە بەرمەڭ ، راستچىللىقىڭىز ، سەمىمىيتىڭىز بىلەن باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇڭ . باشقىلار گەپ – سۆزىڭىز ، ئىش – ھەرىكىتىڭىز ، روھى قىياپىتىڭىزدىن تەسىرلەنسۇن .شۇ چاغدىلا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 04:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز بۇ تىمىنى ماڭا ماۋۇ تىمىڭىزنىڭ «ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن نامايەن بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئوبرازى راستچىلىقى، سەمىمىيىتى بىلەن تىكلىنىدۇ. قانداق ئادەم بولىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئالدىراپ باشقىلارغا ۋەدە بەرمەڭ، راسىتچىللىقىڭىز، سەمىمىيىتىڭىز بىلەن باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇڭ، باشقىلار گەپ-سۆزىڭىز، ئىش-ھەركىتىڭىز، روھى-قىياپىتىڭىزدىن  تەسىرلەنسۇن، شۇ چاغدىلا ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز» دىگەن يەرلىرى بەكلا يېقىپ قالدى. داۋاملىق تىرىشىڭ.

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 04:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن. رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ ،دىمىسىمۇ ئادەملەر ماختىنىشقا ئامىراق، لېكىن ماختالغۇدەك يىرى يوق .بۇنى چۈشەنگۈدەك جۈرئەت ياكى بىلىم تېخىمۇ يوق .قانداق قىلىمىز ؟.تىرىشىش ،يەنە تىرشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونىشىمىز بەرھەقىقەت

我信任有一天来福

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 09:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئادەمدە ئىرادە ياكى رىغبەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسا قالغان تىرىشىش قاتارلىقلار قۇرۇق گەپ !!

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر . . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 09:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىتەن ياخشى تىما بولوپتۇ.مۇشۇنداق تىمىلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63972
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى ئىزدەۋاتقان ئىنىلىرىمدىن خۇرسەندىمەن...

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنسىز886 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 04:16 PM
ياخشى يېزىپسىز بۇ تىمىنى ماڭا ماۋۇ تىمىڭىزنىڭ «ئادەمن ...

ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن
ئەگەشتىم

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 08:17 PM
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ ،دىمىسىمۇ ئادەملەر ماختىنى ...

پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3076 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 01:44:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى توغرا تاپالمىغان !
بەزىلەر باشقىلانىڭ يانچۇقىدىن ئاقچىنى قانداق تۇيدۇرماي ئالغانلىقىنى دەپ ماختىنىدۇ !
بەزىلەر مەستنى قانداق ئەپلەپ يانچۇقىدىكى پۇلنى گوملىغىنىنى دەپ ماختىنىدۇ !
بەزىلەر قانچە «قىز» نى جايلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ماختىنىدۇ !
بەزىلەر ئاتا ــ ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن قورقۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماختىنىدۇ !
بىر شوپۇرنىڭ تېز مېڭىشتا دەڭقى چىققانىدى ، پىچاندىن تۇرپانغا 40 مىنۇتتا كەپتىكەن ، ئاغىنىلىرى ھوي نىمانداق تېز كەلدىڭ دەپ ھەيران قاپتىكەن ، ئۇ بالا ئەتىسى بىر يېزا يولىدا 25 كىلومېتىر يولنى 10 مىنۇتتا چۈشۈپ بولىمەن دەپ نىيەت قىلىپ ، يېرىم يولدا بىر ماشىنا بىلەن يول تالىشىپ بەستلىشىپ مېڭىپ ، بىر يانغا چىقىپ كېتىپ بىر دەرەخنى سۈزۈپ نەق مەيداندا ئۆلدى !
ماختىنىش توغرا بولمايدىكەن ، قەدەمدە بىر بالا بار !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش