ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
KindEditor تەھرىرلىگۈچ بولسا، HTML نى مەنبە قىلغان تەھرىرلىگۈچ، ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى بولسا ئىشلەتكۈچىلەر تور يۈزىدە كۆپ خىل تەھرىرلەش ئۈنۈمى ئېلىپ بارىدىغان، IE، Firefox، Chrome، Safari، Opera قاتارلىق ئاساسلىق تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ. KindEditor نىڭ ئىشلىتىلىشى JavaScript تا تەھرىرلەپ يازىدۇ، ئىشلىتىش ئورۇنلىرى بولسا Java، .NET، PHP، ASP قاتارلىق پىروگراممىلار.
KindEditor ئاساسلىقى CMS، سودا تور بەتلىرى، مۇنبەر، بلوگ ۋە مىكروبلوگ، Wiki، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانما قاتارلىق كەڭ بەلباغ تورىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان پىروگراممىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. KindEditor بولسا ھازىرقى ئىشلىتىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولغان، ئىقتىدارى بىر قەدەر تولۇقراق بولغان چوڭ تەھرىرلىگۈچلەرنىڭ بىرى. بۇ تەھرىرلىگۈچنى كۆپ خىل تور كۆرگۈچلەر قوللايدۇ.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
1. ئېگەللەيدىغان ئورنى كىچىك، ئېچىلىش سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان.
2. span خەتكۈچىنى قوللاش ئەلالاشتۇرۇلغان.
3. ئاساسىي قىستۇرمىنىڭ لايىھە شەكلى، بارلىق ئىقتىدارلىرى بولسا قىستۇرما، خالىغانچە قوشۇش چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى قولايلىق.
4. تەھرىرلىگۈچ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش ئاسان، ئۆزگەرتىشتا بىرلا CSS ھۆججىتى تەمىنلەنگەن.
5. ئاساسلىق قوللايدىغان چوڭ تور كۆرگۈچلەر: IE، Firefox، Safari، Chrome، Opera قاتارلىقلار.
بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ KindEditor ئۆزۈمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىش تۈپەيلى ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە KindEditor نىڭ lang ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە تىلىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، kindeditor.js قا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىر قسىم كەم قالغان جايلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ، ھازىرچە demo.php ھۆججىتىنىلا (ئۆزۈم ئېھتىياجلىق بولغىنى مۇشۇ بولغاچقا) ئۆلچەملىك قىلى قويدۇم.
ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بەت ياساپ ئۇيغۇرچە KindEditor نىڭ رەسىملىرى، چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ تۆۋەندىكى بەتكە چىقىرىپ قويدۇم:
http://www.shahdiyar.com/tools/kindeditor
ئېھتىياجى بارلار مۇشۇ تور بەتتىن چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ.
تۆۋەندە بىر قانچە تور قوراللىرىنى يوللاپ قوياي:
بۇ KindEditor نىڭ توردا كۆرۈپ ئىشلىتىش ئادېرىسى
http://www.shahdiyar.com/tools/editor
بۇ لايىھە خىزمىتىدە، تور بەت ياساش ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان دائىملىق 136 خىل رەڭنىڭ 6 خانىلىك (HEX) رەڭ كودى، ئۈچ خىل (RGB) رەڭ كودى، رەڭنىڭ ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ئىسمى قاتارلىقلار ئۆز رەڭلىرى بويىچە بېرىلدى:
http://www.shahdiyar.com/tools/color
ماۋۇ ئەنئەنىۋىي سائەتنى كوچىلاپ قىلىپ قويغان:
http//www.shahdiyar.com/tools/time
قوشۇمچە ئېلان:
كومپيۇتېر كەسپىي تېخنىك خادىم تەربىيەلەش سىنىپىدا دەرس باشلانماقچى:
http://www.nurqut.net/ud/thread-22851-1-1.html