-ئاداش،كىيىمىڭئەجەپ يارىشىپتۇغۇ،ئەجەپ كۆزۈم چۈشتى دېسە،نەدىن سېتىۋالدىڭ؟
-توردىن سېتىۋالدىم ئاداش.
-توردىن سېتىۋالغاندەكقىلمايدىكەن،ئۆزۈڭنىڭكىدەكلا كەپتۇ دېسە.چاقچاق قىلمىغانسەن ھە؟
-ساڭىمۇ چاقچاق قىلامدىمەن جېنىم ئادىشىم.راستدەۋاتىمەن.
-ئۇغۇ شۇ.ئەمما ماۋۇ كىيىمىڭگە قاراپ راستىمنىدىسەم ئىشەنمەيلا قېلىۋاتىمەن دېسە.مىنىڭ نەچچە تونۇشلىرىم توردىنسېتىۋاپتىكەن،ئەمما ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس،يا قىسقا چىقىپ قېلىۋاتقان،ياكىئۇزۇن دېگىنە.شۇڭا تېخى مەنمۇ تورغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
-ھە،مۇنداق دېگىنە،ھازىر توردا مال سېتىۋالساڭماللىرى سۈپەتسىز بولۇپ قالسا يەتتە كۈنگىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگەداۋاملىق توردىن سېتىۋالساڭ ئېتىبار باھاغىمۇ ئېرىشەلەيسەن.مالنى ئىشىك ئالدىڭغىچەيەتكۈزۈپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ.
-ئۇغۇ شۇ،بىراق شۇ پۇلنى قانداقتۆلەيمىز؟ئىشەنچىلىكمىدۇ دېگىنە.
-توردىن مال ئېلىپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسەنغۇئاداش.
-ئاداش،ئەمسە بۇ يىل مايۈننىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
-شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى پەقەتشىنجاڭدىنلا چىققدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹يېڭى يىپەك يولىدىكى تۈگۈن›ئىكەنلىكىنىبىلەمسەن؟ئۇ بىرىنجى سەۋەب.چۈنكى ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە مۇشۇ تۈگۈن ئارقىلىق غايەتزور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كىلەلەيدىغانلقىنى ھېس قىلغان.بولۇپمۇ مال ئوبورۇتىجەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە،گەرچە شىنجاڭنىڭ نوپۇس تارقىلىش ئالاھىدىلىكى تارقاقبولسىمۇ،ئەمما ئۇ دەل مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكىقىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى.ئىككىنجى،تېخنىكا جەھەتتىكىئەۋزەللىكى.شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق،بۇلۇت مۇلازىمىتىرنى قويۇشقا بەك ماسكېلىدۇ.ئەمما ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نەم ھاۋا بولغانلىقى ئۈچۈن تور سۈرئىتىگەكاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
-ئادىشىم،ئۇنداقتا ماڭا تور سودىسى،قوش ئون بىر پائالىيىتى ۋەيىللاردىن بۇيانقى سودا سوممىسى،تور سودىسىنىڭ تارىخى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپقويغىنە.
-بولىدۇ ئاداش،ئەمسە دىققەت قىل ھە.ئەمما بۇ بەككۆپ،زىرىكىپ قالارسەنمۇ؟
-قېنى دەپ باقمامسەن ئاۋال.
-ماقۇل ئاداش،ئەمسە دىققەت قىلىپ ئاڭلا.زېرىكسەڭدەپ قويغىن جۇمۇ.
-بولىدۇ.ئەمسە مەن قوش ئون بىر پائالىيىتىدىنباشلاپ دەي ھە.
قوشئون بىر پائالىيىتى تور سودىسىدىكى بىر خىل ئېتىبارلىق پائالىيەت بولۇپ،ئۇ تۆتدانە بىردىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن،تاۋباۋ تورى كىشلەرنىڭ ئېسىدە ئاسان قېلىشىئۈچۈن،مۇشۇ بىر كۈن تاۋباۋ تورىدىكى مۇشۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دۇكاندار ۋەئىستىمالچىلارغا قارىتا يولغا قويغان ئېتىبارلىق پائالىيىتى.
2011-يىلدىكى قوش 11 دا بىر كۈندە تور ئارقىلىقبولۇنغان سودا سوممىسى ،2012-يىلدا بولۇنغان سودا سوممىسى191 مىليارديۈەن،2013-يىلدىكى سودا سوممىسى 350.19 مىليارد يۈەن،2014-يىلدا بولۇنغان 571 مىليارد يۈەن.2014-يىلدىكى سودا سوممىسى 35مىلياردتىن ئېشىپكەتتى.
-ئاداش،ئۇنداقتا تور سودىسى دىگەن نىمە؟
تورسودىسى دېگىنىمىز- زاغرا تىلىمىز بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئېنتىرنىت تورىدىنپايدىلىنىپ ئۇچۇر تور تېخنىكىسىنى ۋاستە، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سوداپائالىيتىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقئارادا تور سودىسى باشلانغىلى ئۇزۇن بولدى.جوڭگوغاكىرگىلىمۇ ئۇزۇن بولدى.جوڭگودا تور سودىسىنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى 1995-يىللىرىئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.بۇ دەسلەپكى باسقۇچتىكى تور سودا بېكەتلىرىتۆۋەندىكىچە:ئالى بابا،8848 قاتارلىقلار.
1998-يىل 3-ئايدا تۇنجى قېتىملىق تور سودىسىمۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.2000-يىللىرى تور سودىسى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغاكىردى.بىز ھەممىمىز تونۇيدىغان مايۈن ئۆزىنىڭ ئالى بابا تور بېتىنى 1997-يىلىقۇرغان.ئەينى يىللىرى شۇلار بىلەن تەڭ قۇرۇلغان يۇقىرقى تور بېكەتلەر بىر-بىرلەپسەپتىن چۈشۈپ قالدى.سەۋەبى شۇكى پۇل تۆلەش،ئىشەنچ مەسىلىسى،يەتكۈزۈش مەسىلىسى،سودائەندىزىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى قاتارلىقلار.بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئالى بابالاباشتىن ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە پۇت دەسسەپ تۇرالىدى.
1999-يىللاردىكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلى(线下订单,线下交易)يەنى تور سىرتىدىكى سودا. (تور ئارقىلىق زاكاسچۈشۈرۈپ، تور سىرتىدا پۇل تۆلەش.)بۇ خىلدىكى سودا شەكلىدە ئىستىمالچى مالنى تورداكۆرۈپ،ساتقۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ،بۇ خىل سودا تور سىرتىدىكى سودابولىدۇ.كىيىن تەرەققىي قىلىپ (线上订单,线下交易)يەنى مالنى توردا زاكاس قىلىپ،مالنىتاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن پۇل تۆلەيدىغان ھالەتكە كەلدى.يەنى 2003-يىللىرىغاكەلگەندە بولسا ئالىپاي(www.alipay.com)نىڭچىقىشى بىلەن
(线上订单,线上交易)،يەنى سودا ھەم پۇل تۆلەش ھەر ئىككىسى توردا بولىدىغان ئۇسۇل بارلىققا كەلدى.بۇ خىل ئۇسۇل ئىشەنچلىك ھەم قولايلىق بولۇپ تور سودىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرىغا كۆتۈرۈۋەتتى.بۇ ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭراۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
ئۇنداقتا تور سودىسى بىلەن ئەنئەنىۋى سودىنىڭ پەرقى نىمە؟
تور سودىسى دېگىنىمىز ئېنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ ئېلىكتىرونلۇق ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ھەرخىل مۇلازىمەت،مەھسۇلات قاتارلىقلارنى سېتىش سېتىۋېلىشپائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا مەلۇم بىر مەھسۇلاتقا قارىتا قاراتمىلىقىئەمەلىي دۇكانغا سېلىشتۇرغاندا تەلىپى كۈچلۈك بولمايدۇ،توك،سۇ،ئىجارە پۇلى كەتمەيدۇ.پەقەت سىزدە داۋاملىق تورغا چىققىلىبولىدىغان ،نورمال خىزمەت قىلالايدىغان بىر كومپىيوتىر بولسا،سىزمۇ كومپىيوتىرئاساسى بىلىملىرىنى بىلسىڭىز بولىدۇ.بۇنىڭدا ئادەم كۈچى تىجىلىشتىن باشقا يەنەنۇرغۇن ئۇششاق چىقىملار تىجىلىپ قالىدۇ.
ئەنئەنىۋى سودا دېگىنىمىز: ئاتا بوۋىلىرىمىزدىنتارتىپ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان سودىنى ،مەسىلەن دۇكان ئېچىش،يايما ئېچىش،كەلگەنخېرىدارغا سېتىش،ئىشىك ئالدىغا كەلگەن خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئوخشاش تەڭقىممەتتە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا دۇكان ئورۇنلاشقان كوچىنىڭئەھۋالىغا ئاساسەن مەھسۇلات قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ،ئىجارە ھەققى،توك،سۇ،ئادەمكۈچى،ۋاقىت كېتىدۇ.ۋاقىت چەكلىمىلىكى بار،ئەتراپتىكى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگەئۇچرايدۇ.قىش ۋاقتى بولسا سوغۇق،يازدا ئىسسىق بولىدۇ.ئىقتىساد كۆپ كېتىدۇ.ئەڭ مۇھىمى ئادەم ئىشلىتىشتىن تەسئىش يوق.
ھازىرقى تور سودىسىنىڭ سودا ئەندىزىلىرى قانداق ؟
ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئۇسۇللاردىن تۆت خىل شەكلى بار.يەنى:B2B,B2C,C2C,O2O.بۇلاردىن باشقا يەنە B2G,M2B,C2G,M2C,G2B,G2C قاتارلىقلار بار.تۆۋەندە مەن بۇلارنىتەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
B2B.1 :(BusinessTo Business)يەنى شېركەت بىلەن شېركەت ئوتتۇرىسىدىكى تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سودا شەكلى.بۇ خىل سودا شەكلىدەئېلىپ بېرىلغان سودا ئاساسلىق مالارنى توپ تارقىتىش شەكلىدە بولىدۇ.بۇ خىل توربېكەتلەردىن بىزگە كۆپرەك ئۇچرايدىغانلاردىن
ئالى بابا(www.alibaba.com), خۈيسۇڭ تورى(hc360.com( ,
جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش تورى(cn.made-in-china.com)
,قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2 . B2C: (Business ToCustomer).بۇ دېگەنلىك شىركەت بىلەن ئىستىمالچى ئوتتۇرىسىدىكى توردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان سوداشەكلى.بۇ خىل سودا شەكلىدە بولسا زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان مال بىۋاستە ئىستىمالچىنىڭقولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.ئالاھىدىلىكى:
1. مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلىبولىدۇ
2.سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى پەقەتزاۋۇتلا قىلىدۇ.
3.مالنى تىز تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.
بىزگە كۆپرەكئۇچرايدىغان تور بېكەتلەر تۆۋەندىكىچە:
:卓越网(www.amazon.cn),داڭداڭ تورى (www.dangdang.com),
1号店(1haodian.com),京东(www.jd.com),唯品会(www.vip.com)
ھازىر دىيارىمىزدىمۇيېڭىدىن چىقىۋاتقان ئېتىبار سودا شەھەرچىسى(www.itibar.cn)،مۇئەللىم تورى(www.muallim.cn)قاتارلىقلار.
C2C.3 : (Customerto Customer).شەخسنىڭ قولىدىنئىستىمالچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدىغان ھەم بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى تور ۋاستىسىئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سودا شەكلى.بۇ خىل سودا ئەندىزىسىدە تور بېكەت پەقەتشەخسلەرگە دۇكان ئېچىش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ.شەخسلەر شۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپمەھسۇلاتلىرنى ئېلان قىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدىكى سودا ئەندىزىسىدە ئىستىمالچىنىڭقولىغا بارىدىغىنى بىۋاستە زاۋۇتتىن چىققان مال بولماستىن شەخسنىڭ قولىدىن ئۆتۈپبارغان مال.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى شۇكى:
1.باھا جەھەتتە ئازراق پەرق بار.2.مال سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.3.مالنىڭ ۋاقتىدا تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىكقىلغىلى بولمايدۇ..ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ بار.يەنى توردا دۇكان ئېچىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن كىشلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.شۇكىشلەر مال سۈپىتىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلسايۇقىردىكى كەمچىلىكلەرمۇ يوقاپ كېتىدۇ.بۇلاردىن باشقا يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى،بۇ خىلدىكى تور بىكەتتە يەنە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقابولىدۇ.ئۇنداقتا بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان تور بېكەتلەردىن:淘宝网(www.taobao.com),拍拍网(www.paipai.com),
易趣网(www.eachnet.com).دىيارىمىزدىكى توربېكەتلەردىن تاۋارىم تورى(www.tawarim.com)قاتارلىقلار بار.
O2O.4 :(OnlineTo Offline).زاغراتىلىمىز بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئەمىلى دۇكان بىلەن تور سودىسنى بىرلەشتۈرۈشنىكۆرسىتىدۇ. قانداق بىرلەشتۈرىمىز دېگەندە چۈشىنىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن مىسال ئېلىپلاچۈشەندۈرەي.ئەگەر سىز پويىز بېلىتى ياكى ئايروپىلان بېلىتىنى توردىن ياكىۋاكالەتچىلىك ئورنىدىن زاكاس قىلغان بولسىڭىز،پۇلنى تور ئارقىلىق تۆلەيسىز ياكى ۋاكالەتچىلىك ئورنىنڭ كارتىسىغا سېلىپ بېرىسىز.بىلەتنى سىز يولغا چىقىشتىن بۇرۇنئۆزىڭىزگە قولايلىق بولغان سېتىش نۇقتىلىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.بۇ خىل سودائەندىزىسى ئاساسلىق يىمەك-ئىچمەك،مىھمانساراي،ساياھەتچىلىك ۋە ھەرخىل مۇلازىمەتسېتىش ئورۇنلىرىغا ماس كېلىدۇ.تور بېكەتلەر تۆۋەندىكىچە:
赶集网(www.ganji.com), 店连店(www.dld.com),قاتارلىقلار
雷锋网(www.leiphone.com),
5 .B2G:كارخانا بىلەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئارقىلىق بولىدىغان سودا شەكلى.مەسىلەن ئېلىكتىرونلۇق تاموژنا،ئېلىكتىرونلۇقباج يوللاش قاتارلىقلار.
:M2B.6 (Manufacturers To Business)يەنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننىڭ سودىگەرلەرگەقاراتقان بىر خىل سودا ئەندىزىسى.
7:C2G. (Consumer to Government) يەنى ھۆكۈمەتنىڭ تور ئارقىلىق قىلىنغان سوداشەكلى.ئاساسلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىشى،باج يوللاش قاتارلىقلارنىكۆرسىتىدۇ.
8.M2C:(ManufacturersTo Consurmer) زاۋۇتبىلەن ئىستىمالچى ئوتتۇرىسىدىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ تورئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى.بۇ خىل ئەندىزىنىڭ ئالاھىدىلىكى سودا تەرتىپى بىرگە بىربولىدۇ.سېتىش چىقىمى تۆۋەن بولىدۇ.ھەم مەھسۇلات بىلەن مەھسۇلاتنىڭ سېتىشتىنكىيىنكى مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
8.G2B:(GovernmentTo Business) يەنى ھۆكۈمەتبىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئورتاق بەھىرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.بۇخىل شەكىلدە خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىنى ئىلغارلاشتۇرغىلىبولىدۇ.ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلىبولىدۇ.
9.:G2C(Government To Citizen) ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇخىل مۇناسىۋەتلەر ئاساسلىق ئۇچۇر،ئېلىكتىرونلۇق كىملىك،ئېلىكتىرونلۇق باج،ئېلىكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇرلىرى،ئېلىكتىرونلۇق دېموكراتىكباشقۇرۇش،ئېلىكتىرونلۇق سەھىيە مۇلازىمىتى،ئېلىكتىرونلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇلازىمەتلىرى،تور دەرسخانىلىرى،تەربىيلەش مۇلازىمەتلىرى،تور
ئارقىلىق قاتناشنى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
C2B:(consurmcr to busines)يەنى ئىستىمالچى بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان سودامۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل سودا شەكلىدە ئىستىمالچى تەرەپ ئۆزىنىڭ قانداقمەھسۇلاتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپكەئېيتىدۇ،ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ ئىستىمالچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەھسۇلاتنىئىشلەپچىقىرىدۇ.ھازىر شىياۋمى دەل مۇشۇ خىل سودا ئەندىزىسىنى قوللىنىپ،ئىنتايىنتىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى.
تورسودىسى بىزگە قانداق پۇرسەت ۋە خىرسىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
تورسودىسى بىز ئۈچۈن يات بولغان بىر ئۇقۇم.ئۇنى چۈشىنىش چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن تەسبولمىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بەك چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن بولغان بىر تۈر.ئۇئۈندىدار،سالون،مىكرو دۇكان قاتارلىقلاردا سودا قىلىدىغانلارنى بەك ياخشى بىرپۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى،ئەمما دۇكان ئىجارە ئېلىپ دۇكان ئاچىدىغانلارنى بولسائىنتايىن زور زىيانغا ئۇچراتتى.بازار چۆرگىلەشكە ۋاقتى يوقلار ئۈچۈن ئىنتايىنياخشى بازار چۆرگىلەش شارائىتى يارىتىپ بەردى،تور سودىسى گەرچە شەھەر مۇھىتىغائىنتايىن ماسلاشقان بولسىمۇ،ئەمما يىراق يېزا-بازارلاردىكى دۇكان ئاچقۇچىلارغانىسبەتەن زور بېسىم ئېلىپ كەلدى.بولۇپمۇ يېزا بازارلاردىكى ۋاكالەتچىلەرگەنىسبەتەن بىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.
لاياقەتلىكبولغان تور سودىگىرى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
مىنىڭچە لاياقەتلىك تور سودىگىرى بولۇش ئۈچۈن سىزدە مەبلەغ بولۇشتىن سىرت يەنە رەسىم لاھيەلىگۈدەك بىلىم،كومپىيوتىرئاساسى بىلىمى، سەۋرچانلىق، باشقىلارنى سۆزلەپ قايىل قىلغۇدەك سۆزلەش قابىلىيىتىۋە زىيان تارتىشتىن قورقمايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك.نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىزدىگەندە ئەگەر سىز لايىھەنى بىلمىسىڭىزياكى لايىھەنى چۈشەنمىسىڭىز،ئۇ چاغدا سىز تورغا چىقارغان رەسىمنى ئىشلىيەلمەيسىزياكى قانداق ئىشلىسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىز.كومپىيوتىر ئاساسى بىلىمىبولۇش دىگەندە،چۈنكى كومپىيوتىرنىمۇ ئادەم ياساپ چىققان،ئۇمۇھارىدۇ،چارچايدۇ،ئانچە-مۇنچە چاتىقى چىقىپمۇ قالىدۇ،شۇڭا شۇلارنى قانداق ئوڭشاشنىبىلمىسىڭىز مىنىڭچە ياخشى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.نىمە ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش كېرەك دېگەندە،تور سودىسى بىر مەۋھۇم ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن سىز قارشىتەرەپنىڭ قانداق كىشى،قايسى خىل مىجەزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز،شۇڭا سىز قارشىتەرەپكە ئىشىنىشىڭىز كېرەك،ھەم مەيلى قارشى تەرەپ سىزگە قانداق گەپ قىلسۇن چوقۇمسىزدە ئىنتايىن سەۋرچان بولغان مىجەز بولغاندا سىز باشقىلارنى قايىلقىلالايسىز.يەنە بىرسى توردىكى سودىڭىز بەلكىم بىر نەچچە كۈندىلا ياكى بىر نەچچەئايدىلا روناق تېپىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن،شۇڭا سىز سەۋرچان بولۇپ سودىڭىزنى قانداققىلغاندا راۋاجلاندۇرشنى ئويلىسىڭىز مىنىڭچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.باشقىلارنىقايىل قىلغۇدەك سۆزلەش قابىلىيىتى دېگىنىمىز بولسا ياخشى بىر مال ساتقۇچىراھىبقىمۇ تارغاق ساتالايدۇ،شۇڭا سىز باشقىلارنى سۆزلەپ قايىل قىلغۇدەك قابىلىيەتيېتىلدۈرۈڭ.توختىماي ئۆگىنىڭ.ئەمدى نىمىشقا زىياندىن قورقمايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك دىگەندە بولسا تور سودىسىئارقىلىق داۋاملىق پايدا ئالغىلى بولمايدۇ.چۈنكى تور سودىسى توختىماستىن تەرەققىيقىلىۋاتىدۇ،شۇڭا سىزدە ئالدىن كۆرەر كۆز بولغاندا مۇشۇ زىيانغا ئۇچراپكەتمەيسىز.قىسقىسى تور سودىسى سىزدىن ئىنتايىن يۈكسەك بولغان كەسپى ساپا يۇقىرىبىلىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇنداقتا تور سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى قوشۇمچە كەسىپلەرنىمۇ تەڭ تەرەققىيقىلغۇزغاندۇ؟
-ھەئە،تور سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى تېز يەتكۈزۈش كەسىپلىرىنى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا رەسىملايىھىلەش،مىدىيا،فوتو سۈرەتچىلىك كەسپلىرى ئارقىمۇ-ئارقا قىشتىن كىيىن باھاركەلگەندەك ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.دۆلىتىمىزمۇ جۈملىدىن شىنجاڭمۇ بۇ خىل سودا ئەندىزىلىرىگە ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
قىسقىسى،تورسودىسى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن سودىنى بىرلەشتۈرگەن سودا پائالىيىتى،بۇنىڭدا ھازىرقىتەرەققىيات باسقۇچىدىن قارىغاندا ئۆزى يالغۇز تور دۇكان ئېچىپ،ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتماڭغۇزۇش ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن.شۇڭا مىنىڭ كەڭ تور سودىسىبىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ۋە شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا سەمىمىي پىكرىم،ئەگەرسىلەر شىنجاڭ بازىرىنى ئاچماقچى بولساڭلار تاۋارىمغا ئوخشاش شىنجاڭ ئىچىدىكىداڭلىق تور بېكەتلەردىن،ئەگەر ئىچكىرى بازارنى ئاچماقچى بولساڭلار دۆلىتىمىزئىچىدىكى داڭلىق سودا تور بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىئۈمىد قىلىمەن.
بىلدىغىنىم چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبلىكخىلمۇخىل خاتالىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن،كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.