ئۇيغۇرلاردىمۇ «كاتتا ئادۋوكات» لار بارمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 o2 \7 a9 A3 h6 ]( _ n" d2 C, k7 [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# g3 g2 Z8 p/ d+ v6 f# m: A «مىسرانىم» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم بىلەن شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتلار ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى كۈرەش ھاشىم ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ M& t" P. g* e; l2 r4 X0 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R/ i: a2 v ^. H4 nئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! \3 t1 I0 }4 l$ w* R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" |% M! M [3 z; k% U1 b1 Q& f* s2 @ ئىلاۋە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) h; Z6 w% h0 a( Y7 j/ x! j6 U
بىزگە مەلۇمكى-دۆلىتىمىزدە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىگە 30 نەچچە يىللار بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئادۋوكاتلار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بولۇپمۇ جىنايى ئىشلار بۇيىچە ئاقلاش، ھەق-تەلەپ، مەمۇرىي ئىشلار بويىچە ۋاكالەتچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپلىگەن ماھارەتلەرنى يېتىلدۈردى. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان رايون بولغاچقا ئادۋوكاتلار ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىش قىيىن بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئادۋوكاتلار رىقابىتى ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئىگە. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان رايوندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ تەجرىبە ۋە نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رىقابەت ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋوكاتلىق قوشۇن قۇرۇلۇشىغا قىممەتلىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئەمما «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» دىكى ئادۋوكاتلار ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردا ئۇيغۇر ئادۋوكات جەمئىيەتنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشتە، جەمئىيەتنىڭ قانۇن مۇلازىمەت ئېھتىياجنى كەسپى جەھەتتىن قانائەتلەندۈرەلمەي، خەلقنىڭ ئادۋوكاتلارغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىنى مەلۇم جەھەتتە سۇسلاشتۇرىۋەتتى. دۆلىتىمىزدە «ئادۋوكاتلار قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ سوتتىكى كەسپى ئاقلاش پائالىيىتىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئادۋوكاتلار يەنىلا دېلو خېيىم-خەتەردىن قورقۇپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرنى بېجىرىشتىن قېچىش، دېلونىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىدىن قورقۇش، ھەق-تەلەپ ۋە مەمۇرىي دېلولاردا تەرتىپ ۋە ھۆكۈم-كىسىملەرگە قارىتا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىش ۋە ئەرز-شىكايەت قىلىش جەھەتلەردە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك پاسسىپ ئامىللار كۆرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىپ ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرى ئىچىدە كاتتا ئادۋوكاتلار بارمۇ؟ كاتتا ئادۋوكاتلار قانداق بولىدۇ؟ ئادۋوكاتلارنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيىتى نېمىدۇر؟ دېگەن مەسىلىلەر مەيدانغا چىقتى. بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ بولغان دېلولارنى بىجىرىشكە بىۋاسىتە قاتناشقان شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋوكاتى كۈرەش ھاشىمنى زىيارەت قىلدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 q8 c7 Q1 }" wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ` x5 v) G1 i' ~4 ]8 z" \
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم:سىزنىڭ قارىشىڭىزچە ئۇيغۇرلاردىمۇ «كاتتا ئادۋوكات» لار بارمۇ؟ كاتتا ئادۋوكاتلار قانداق بولىدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r3 c; ]- Y, y& r9 @! K2 o ئادۋوكات كۈرەش ھاشىم: دۆلىتىمىزنىڭ ئەدىليە تۈزۈلمىسىدە ئادۋوكاتلارنى «كاتتا ئادۋوكات» ۋە «ئادەتتىكى ئادۋوكات» لار دەپ ئايرىغان تۈزۈلمە يوق. پەقەت شىياڭگاڭنىڭ ئادۋوكاتلار تۈزۈلمىسىدە ئەنگىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇن ئېقىمىنىڭ بۆلۈنۈش تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ ئادۋوكاتلارنى كەسىپكارلىق دائىرىسىگە ئاساسەن كاتتا ئادۋوكات ۋە ئادۋوكات دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان. قارىماققا كاتتا ئادۋوكات دېگەن سۆز ئاڭلىنىشتا ھەيۋەتلىك تۇيۇلسىمۇ ئەمەلىيەتتە شىياڭگاڭدىمۇ كاتتا ئادۋوكات بىلەن ئادۋوكاتنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك پەرقى يوق. شياڭگاڭ ئالاھىدە رايون ئادۋوكاتلىق تۈزۈلمىسىدە كاتتا ئادۋوكات بىلەن ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. كونكېرتنى ئېلىپ ئېيتقاندا كاتتا ئادۋوكات-دەۋا كەسپى ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ دەۋالاشقۇچىغا ۋاكالىتەن سوتقا قاتنىشىپ ئاساسلىق بولغان دەۋا پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەرقانداق سوتتىكى دەۋاغا قاتناشسا بولىدۇ. ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە يەرلىك سوت مەھكىمىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى ئادۋوكات بولسا-دەۋا سىرتىدىكى كەسىپلەرگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ، مەسىلەن : دەۋا سىرتىدىكى كەسىپلەر دېگىنىمىز-پۇقرا قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئالاقىدارلار ئۈچۈن سوت ۋە كېسىم كومىتېتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز قانۇن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنىدا كاتتا ئادۋوكاتلار بىلەن ئادەتتىكى ئادۋوكاتلارنىڭ شېرىكلىشىپ كەسىپكارلىقىنى بىللە ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە قاتتىق بەلگىلىمە بار. بۇ ئادۋوكاتلىق سۈپىتىگە قويۇلغان تەلەپنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىنىپلا شياڭگاڭ ئالاھىدە رايون ئادۋوكاتلىق تۈزۈلمىسىدە كاتتا ئادۋوكاتلار بىلەن ئادەتتىكى ئادۋوكاتلارنىڭ مۇناسىۋىتى تۈپتىن پەرىقلىندىغان مۇناسىۋەت دەپ چۈشىنىش يەنە بىر تەرەپتىن توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئورتاق بىر ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپكارلىقنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇپ ئادۋوكاتلىق كەسپىگە قارتا مۇستەقىل جاۋابكارلىقنى ئۆزلىرى يەككە ئۈستىگە ئالىدۇ. دېمەك دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدىكى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە رايون ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى-ئەنگلىيە ئادۋوكاتلىق تۈزۈلمىسنىڭ ئەندىزىسىگە ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولغاچقا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق بار. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋوكاتلار تۈزۈلمىسىدە « كاتتا ئادۋوكات» ۋە «ئادۋوكات» دەپ تۈرگە ئايرىمىغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئادۋوكاتلارنى « كاتتا ئادۋوكات» ۋە «ئادۋوكات» دەپ تۈرگە ئايرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق. قانۇنىي ئاساسىى بولمىغان «كاتتا ئادۋوكات» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش ئادۋوكاتلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا پايدىسىز، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئادۋوكاتلىق قوشۇنىغا قوشۇلغان ئادۋوكاتلارنى چەتكە قېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيتىدە ئادۋوكاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئېھتىياجى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئوبيېكتىپ ئەھۋال. ئەمما دۆلىتمىزدە پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جۈملدىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ شان-شەرەپ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇۋاتقان ئادۋوكاتلار ئاز ئەمەس. بۇلارنى گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن كاتتا ئادۋوكات دەپ ئاتىغىلى بولمىسىمۇ، دەۋا پائالىيىتى جەريانىدا ئاللىبۇرۇن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە كاتتىلارغا ئايلانغۇچىلاردۇر. شۇڭا دەۋالاشقۇچىلار ئادۋوكاتلارنى پەرىقلەندۈرگەندە چوقۇم بىر ئادۋوكاتنىڭ ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى شارائىتىدا قانۇنىي نەزىريىۋى بىلىمىگە قاراپلا قالماي بەلكى، قانداق تەجرىبە، ماھارەت، ئۇسۇل ۋە تاكتىكىلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى خۇلاسىلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش شەكىلى ئارقىلىق ئادۋوكاتلىق تۈزۈلمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۇنىۋېرسال جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ، ئادۋوكاتنىڭ نەتىجىسىگە قاراش كېرەك. دېمەك ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلاردىمۇ «كاتتا ئادۋوكات» يوق. ئەمما ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىدىمۇ كۆپ مىقداردىكى تەجرىبە ۋە ماھارەتلەرنى توپلىغان، ھۆرمەتلىنىشكە ۋە ماختىنىشقا ئەرزىگۈدەك ئادۋوكاتلار بار. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئادۋوكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى ئارىسىدا ھەمىشە ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىزمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دېلو بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئاقلاش تەجرىبىسى ۋە ماھارىتى توغررسىدا ئىلمىي، نەزىرىيىۋى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدى. بار دېيىشكە توغرا كەلسىمۇ مەرھۇم ئۇستاز ئادۋوكات ئەركىن ئەمەتنىڭ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى سوتتىكى ئاقلاش سۆزى ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزىنىڭ ئاددىي ھالدىكى رەتلەنگەن «سوتتىكى ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزى» دېگەن بىر پارچە كىتابى چىقتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەر ئاساسەن توختاپ قالدى. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى دېلو بىجىرش جەھەتتىكى بىرقىسىم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى نەزىرىيىۋى جەھەتتىن يىغىنچاقلىغان ۋە خۇلاسىلىگەن ئەسەرلەر مەيدانغا چىقمىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۆز كەسپىنىڭ نەزىرىۋىي تەتقىقات ئاساسىنى ئاساسىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن كەسىپ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە نەزىرىيۋى بىقىندىچىلىققا تايىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرى ئاشۇ خىل تۇرغۇنلۇق ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرماقتا. دۆلتمىزنىڭ دەۋا قانۇنلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن تۈزىتىش كىرگۈزىلىشنىڭ ئۆزى ئادۋوكاتلار تۈزۈلمىسىگە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ئارلىشش ۋاقتى زور قەدەمدە ئالدىغا سۈرۈلۈپ سوتتىكى ئاقلاشتىن سوتتىن بۇرۇنقى ئاقلاشقا تەرەققىي قىلدى، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش چېكى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھەق-تەلەپ، مەمۇرىي دېلولاردىمۇ زور ھوقۇقلار قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلدى. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى توپلاش ۋە رەتلەش ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەمىلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادۋوكاتلار تۈزۈلمىسگە زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئادۋوكاتلارنى ئەمەلىيەتتە كاتتا ئادۋوكات دەپ ئاتىمساقمۇ ھۆرمەت ۋە ماختاش ھېسىياتمىزنى باشقا شەكىللەر بىلەن ئىپادىلىسەكمۇ بولىدۇ. مىنىڭچە بۇ تۈردىكى ئادۋوكاتلارنى «كاتتا ئادۋوكات» دەپ ئاتىمىساقمۇ، «نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلار» دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇنى ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېيتقان ھۆرمەت ۋە ماختىشىغا قالدۇرغىنىمىز تۈزۈك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L8 J4 D! t2 K3 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! f% i1 t K! Z, n
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم: ئۇنداقتا سىزنىڭ قارىشىڭىزچە مۇنەۋۋەر بىر ئادۋوكاتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتى نېمە ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ R7 V( D8 G( c, `! N8 K ئادۋوكات كۈرەش ھاشىم: بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يەنىلا «ئادۋوكاتلار قانۇنى» غا ئاساسلىنىش كېرەك. دۆلىتمىز «ئادۋوكاتلار قانۇنى» نىڭ 2-ماددىسىدا ، « ئادۋوكاتلار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلىشىنى قوغدىشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىپىسى-قانۇن بويىچە ئادۋوكات دېگەن نامدا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغىللىندىغان ھەمدە دۆلەت قانۇنلىرى بىلەن ئادۋوكاتلىق كەسپى قائىدىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ۋە قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كەسپى پائالىيەتتۇر .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( P8 S) |8 e$ K) a ئادۋوكاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى-ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا، مەلۇم ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش ياكى مەلۇم ھەرىكەتنى ئېلىپ بارماسلىق دائىرىسى ۋە چەكلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىپىسىنى كونكېرىتلاشتۇرغاندا: 1. ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش 2. قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلشىنى قوغداش .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 P0 L3 n2 D5 Q! k% \ يۇقىرىقىغا ئاساسلانغاندا ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىپىسىنى بۇ ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ماسلاشقان ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلىغان، بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق دېئالىكتىك بىرلىك مۇناسۋىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇنى ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلشىنى قوغداش ئوتتۇرسىدىكى بىرلىك بەلگىلىگەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( f0 c9 v& O( V6 j
ئادۋوكاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى دېگىنىمىز: 1) مەخپىيەتلىكنى ساقلاش 2) بىر دېلودا ئىككى تەرەپكە تەڭ ۋاكالەتچى بولماسلىق 3) ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قوبۇل قىلماسلىق ۋە ھەق، مال مۈلۈك ئالماسلىق 4) سودىيەلەر، تەپتىش ۋە كېسىم قىلغۇچىلار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشمەسلىك 5) مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى مېھمان قىلماسلىق، ئۇلارغا سوۋغا ياكى پارا بەرمەسلىك، ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە ئۈندىمەسلىك، كۈشكۈرتمەسلىك 6) يالغان دەلىل-ئىسپات بەرمەسلىك، پاكىتنى يوشۇرماسلىق ياكى باشقىلارنى يالغان دەلىل-ئىسپات بېرىشكە، پاكىتنى يۇشۇرۇشقا قىستىماسلىق، ئازدۇرماسلىق، شۇنىڭدەك دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق دەلىل-ئىسپات بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق 7) سوتخانا، كېسىمخانا تەرتىپى، دەۋا، كېسىم پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاشىلا قىلماسلىق 8) ئىلگىرى سودىيە، تەپتىش بولغانلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككى يىلغىچە دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولماسلىق. ئومۇملاشتۇرغاندا ئادۋوكات ئۆزىنىڭ كەسپى بىلىمى ۋە لوگىكىلق تەپەككۇرى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر قانۇن مۇلازىمىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتىگە قارتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تۈگىنىنى تېپىپ چېقىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش يولى ۋە ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇۋاپىق تەدبىرلەر بىلەن دەۋالاشقۇچىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش بىر مۇنەۋۋەر ئادۋوكاتنىڭ كەسپى ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Z: S1 ^0 l+ n+ P! A/ ?
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم: بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزغا رەھمەت. سىزنىڭ كەسپى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 y& P1 A1 U! n* N0 Fئادۋوكات كۈرەش ھاشىم: سىزنىڭ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سەگەك مەسىلىلەرگە قارتا جاۋاب ئىزدىگىنىڭىزگە رەھمەت. سىزگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- P6 P9 j! i1 Q# s3 V1 \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% l H6 a- e6 g0 R+ s) H. l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% V2 p! @8 |3 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# I" f- L6 @: Z: G6 ^! b. j2 S