|
|
|
|
كۇنۇپكا تاختىڭىز زادى قانچىلىك مەينەت ؟ ئەلۋەتتە سىز تەسسەۋۇر قىلغاندىنمۇ بەكىرەك مەينەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# s2 K6 X( Z6 [8 J. C: f" |قانداق ئادەملەرنىڭ كومپىيۇتېرى ئەڭ پاكىزە تۇرىدۇ؟ ئەلۋەتتە قىز-ئاياللارنىڭ بولىشى ئېنىق. ئۇغۇللاردىن بايقىشىمچە پروگىراممېرلارنىڭ بەكەرەك مەينەت بولىدىكەن. بولۇپمۇ كۇنۇپكا تاختىسى ئەڭ مەينەت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تەتقىقاتنەتىجىلىرى ھەتتا كىشىنى چۆچۈتكۈدەك قورقۇنۇچلۇقكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' v/ ^3 d" P4 j& c) Z6 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ^# A0 a+ F: Q. M- ~# a5 p
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە: ئادەتتە بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كۇنۇپكا تاختىمىزدىن ناھايىتى ئاسانلا 500 خىلدىن دىن ئارتۇق باكتىرىيىنى بايقاش مۈمكىنكەن. بۇلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى يەنىلا بىزنىڭ تېرىمىز، ئېغىز-بۇرۇن بوشلۇقىمىز ھەتتا ئۈچەي يولىمىز قاتارلىقلار ئىكەن. ھەممىدىن قىززىقى بەزى بىر قىسىم تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە ھەتتا ئىشخانىدا ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا تاختىلىرىدىمۇ، ئارىشاڭ، يانار تاغ ۋە بەزى ئاراللاردا بولىدىغان مىكرو جانلىقلارمۇ بايقالغان. دېمەك بىزنىڭ كۇنۇپكا تاختىمىز نۇرغۇن مىللەتلەر ئىناق ياشايدىغان بىر چوڭ ئائىلىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئامېرىكا San Diego State University ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش خادىملىرى نيۇ يۇرىك، سان-فرانسېسكو، Tucson قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەھەردە كۇنۇپكا تاختىسى پاكىزلىق دەرىجىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە گەرچە نېۋ يۇرك بىلەن سان فرانسېسكونىڭ ئەمەلى ئارىلىقى 4700km بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرىدا بايقالغانباكتىرىيە تۈرلىرى ناھايىتى ئوخشاش چىققان. ئەمما Tucson دا بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەتتا قۇملۇق باكتېرىيىلىرى بايقالغان. قوشۇمچە : ئەنگلىيىدىكى بىر ئىستېمالچىلار ژۇرنىلى مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ، تەرەت قاچىسى ، ھاجەتخانا تۇتقۇچى قاتارلىقلاردىكى مىكروئورگانىزملارنى تەكشۈرگەندە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مىكروب سانىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى مىكروب سانىدىن 5 ھەسسە كوپ ئىكەنلىكىنى بۇ ساننىڭ نورمالنى مىكروب سانىنىڭ 150 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 m) r. K4 g8 h( L
بۇ ژۇرنال ئۇيۇشتۇرغان تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 4000 كىشى ئىچىدە % 11 كىشى ئەزەلدىن كۇنۇپكا تاختىسىنى تازىلاپ باقمىغان ، % 20 كىشى ئەزەلدىن مائۇسنى تازىلاپ باقمىغان ، % 46 كىشى ئايدا بىر قېتىم كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى تازىلىغان . يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ كومپيۇتېرلىرى ئەرلەرنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا قارىغاندا 10%-20% پاكىزە ئىكەن. قارىغاندا بىز ئەركەكلەرمۇ بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
|
|
|
|
|
|