مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 3

ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختىمىنىڭ ئادىللىقى بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 15925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7620 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 01:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختىمىنىڭ ئادىللىقى بارمۇ؟

« مىسرانىم» تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم بىلەن شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋوكاتى كۆرەش ھاشىم ئوتتۇرسىدىكى 2- قىتىملىق سۆھبەت خاتىرسى

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم

ئىلاۋە، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھىچقاندىقى ئۆزى قوبۇل قىلغان دىلودا ئۇتتۇرۋىتىشنى خالمايدۇ.  ئادۋوكات بولغۇچى بىر دىلونى قوبول قىلىپ ئۇنىڭ نەتىجىسنى چىقارغۇچە بولغان جەرياندا پۇتكۇل ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ زىھنىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپئەتىنى قوغدايدۇ. ۋاھالەنكى شۇنچە ئەجىر قىلىپ  بىرتەرەپ قىلغان كەسپى خىزمىتىدە كۇتۇلمىگەن ئۇتتۇرۇشلارغا دائىم دۇچ كىلىپ تۇرىدۇ.بۇنداق ئۇتتۇرۇش ئاقۋتىنى دەۋاگەرلەر ئالدىراپ قوبول قىلىپ كىتەلمەسلىك بىلەن بىرگە ئادۋوكاتلارنىڭ ئۆزىمۇ توغرا قوبول قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئەمما ئادۋوكاتلىق كەسپى ھاياتىدا ئۇتتۇرمايدىغان بىرمۇ ئادۋوكات يوق .ئادۋوكات تۇنجى قىتىملىق دىلو قوبول قىلىپ دىلو  ماتىرياللىرىنى توپلاپ ،رەتلەپ ئۇنى قانۇنى پاكىتقا ئايلاندۇرغۇچە بولغان جەرياندا دىلونىڭ ئاقىۋىتىگە قارتا ئۇتتۇرۇش خىيىم خەتىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن . شۇڭا دۆلىتىمىزدە دەۋا  جەريانىدا ئادۋۈكاتلىق يىڭىش-يىڭىلىش  خىيىم-خەتىرى دايىم يۇز بىرىپ تۇردىغان، ئادۋوكات ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا دىلودا نەتىجىسىز ئەھۋالغا قارتا   زىيان جاۋاپكارلىقىنى ئادۋوكات ئۈستىگە ئالمايدىغان ئالاھىدە خارەكتىرلىك قانۇن ،قائىدە خارەكتىرلىك بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن .شۇنداقتىمۇ ئادۋوكاتلار بۇ خىل مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە دەۋاگەرلەرگە بۇنى ھاۋالە مۇناسىۋىتىنىڭ ھوقوق چىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن قانۇندىكى بەلگىلىمە دەپ قارايدۇ ۋە  چۇشەندۇرىدۇ. بۇ خىل ئادىلسىز قانۇنى مۇناسىۋەت ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپئەتىگە بىۋاستە زىيان كەلتۇرسىمۇ   ئادۋوكاتلار  بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيانغا جاۋاپكار بولمايدۇ. بۇنداق بىر تەرەپلىملىك ھوقوقنىڭ قوغدىلىشى  قانۇننىڭ ئادىللىقىغا مەلۇم جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي دەۋالاشقۇچىلار بىلەن ئادۋوكاتلار ئوتتۇرسىدىكى دەۋانىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپكار بولوپ قالىدۇ. ئادۋوكاتلىق داۋاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىلىك ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇردىغان كەسىپ بولغاچقا دىلودىكى ئۇتتۇرۇش مەسىلىسىگە قارتا زىيان جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ئەھۋالى ـــ دەۋاگەرنىڭ ھوقوق بىرىش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.لىكىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە تۇزۇلگەن قانۇن نىزاملىرىدا ئادۋوكاتلارغا قارتا دىلودا ئۇتتۇرسا  زىيان جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇن بەلگىمىلىرىى بار بولوپ  دەۋالاشقۇچىلار بىلەن ئادۋوكاتلار ھاۋالە مۇناسىۋىتىدە ھوقوق چىكى ئايرىلىش ئەھۋالىنى يەنىلا بۇخىل زىياننى تۆلەشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىدا   ئادۋوكات بىلەن داۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا  ھەر قانداق بىر ھاۋالە مۇناسىۋىتىدە ئادۋوكاتلارغا بىرىلگەن ھوقوقتا زىياننى كەچۇرۇم قىلىشقا  بولىدىغان قانۇن تۈزۈم تۇرغۇزۇلمىغان.ئادۋوكاتلار ھاۋالە مۇناسىۋىتىدە دىلودا ئۇتتۇرۇش زىيىنىغا  قارتا كەچۇرۇم قىلىشقا بولىدىغان   ماددىلارنى تۇرغۇزىۋالسىمۇ بۇ ماددىلار ئىناۋەتسىز  ھىساپلىنىدۇ. ئادۋوكاتلارنىڭ ھاۋالە مۇناسىۋىتىدە داۋاگەر بىلەن ئادۋوكاتلار ئوتتۇرسىدا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش مەسىلىسىنى ھاۋالە توختىمنىڭ كىلىشىم مەزمۇنى ئاساس قىلىنىدۇ ۋە ھوقوق مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرلىدۇ.ئۇلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك باراۋەر ھوقوق مۇناسىۋىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ئادىل بولغان قانۇنى مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ خەلقئارا قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر سوبىكىتلار ئوتتۇرسىدىكى تۇزۇلگەن كىلىشىمنىڭ ئادىللىقىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.بىراق دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدا مەيلى جىنايى ئىشلار دىلوسى بولسۇن،مەيلى ھەق تەلەپ دىلولىرى بولسۇن،مەيلى مەمۇرى ئىشلار دىلوسى بولسۇن ھەممىسدە بىردەكلا ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختام مۇناسىۋىتىدە دىلودا ئۇتتۇرۋىتىش مەسىلىسىگە قارتا ئادۋوكات  زىياننى ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇن ماددىلار يوق، ھەتتاكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى زىياننى تۆلەپ بىرىش توغرسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۇرغۇزۇلمىغان. زىياننى تۆلەپ بىرىش جەھەتتە   ئادۋوكات ۋە ئادۋوكاتخانا خالىسا ئۇنىڭ سىرتىدا .مۇشۇ خىل ئەھۋالدا داۋالاشقۇچىلار بۇنداق تەڭسىز ھاۋالە توختىمىغا قانداق قىلغاندا تاقابىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى قوغدىيالايدۇ؟ . قانداق قىلغاندا داۋاگەرلەر ئادۋوكاتلىق ھاۋالە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ مەغلۇبىيەتنى ئازايتىپ ،زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقىغا ئىرىشەلەيدۇ؟ـــ دىگەن مەسىلە ئادۋوكات بىلەن دەۋالاشقۇچى قانۇن نوقتىسىدا تۇرۇپ ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر  ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ قارايمەن.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتخانىسىنىڭ مەسئۇلى كۆرەش ھاشىم ئادۋوكاتنى زىيارەت قىلدىم .

  ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم: دەۋالاشقۇچىلار قانداق قىلغاندا ئادۋوكاتخانا ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن ھاۋالە توختام مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى قوغداشنى قايسى جەھەتتىن كاپالەندۈرەلەيدۇ؟ ھاۋالە توختىمىنى قانداق تۈزۈش كىرەك ؟
ئادۋوكات كۆرەش ھاشىم : بۇ مەسىلە نۇۋەتتە  ئادۋوكاتخانا، ئادۋوكاتلار، داۋالاشقۇچىلار دائىم دۇچ كىلىپ تۇرىۋاتقان بىرتۇرلۇك قانۇنى مەسىلە بولوپ تەرەپلەرنىڭ ھوقوق تەشەببۇسىنىڭ بىكىتىلىشىگە ۋە زىياننى تۆلەش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە . بۇنىڭغا قارتا ئادىل توغرا مۇئامىلە قىلىش ئادۋوكاتلىق كەسپىنى ۋە دەۋا پائالىيىتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى.يۇقارقى مەسىلىگە جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن تۇرغۇزۇلۇش ئەھۋالىغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە داۋالاشقۇچىلار دەۋا پائاليىتىنى قايسى شەكىلدە ئىلىپ بىرىشدا ئۇزىنىڭ ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بار  بولۇپ دەۋالاشقۇچىلار دەۋا پالىيىتىنى كەڭرى ئىلىپ بىرىشقا مەخسۇس قانۇن تۇزۇم تۇرغۇزۇلغان.بۇ دېگەنلىك- دەۋا پالىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىردە ئىلىپ بارسا بولوۋىرىدۇ دىگەنلىكتۇر .بۇنى دۇلىتىمىزنىڭ قانۇن دېموكراتىيەسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دىلو ئىھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەخسىدە قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بىر تۈرلىك ھوقوق مەسىلىسى.مەسىلەن ،دۆلتىمىز جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 32- ماددىسىدا « تۆۋەندىكى كىشلەرنى ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلسا بولىدىغانلىغى بەلگىلەنگەن : 1) ئادۋوكات ؛ 2) خەلق تەشكىلاتلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى،جاۋابكار ئىشلەيدىغان ئورۇن كۆرسەتكەن كېشى ؛ 3) جىنايەت گۇماندارى،جاۋابكارنىڭ ۋەسىيسى ،تۇغقىنى ۋە دوستى قاتارلىقلار ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ »دەپ بەلگىلەنگەن. ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 58-مادىسسىدا :« دەۋالاشقۇچىلار،قانۇنىي ۋاكالەتچىلەر بىردىن ئىككىگىچە كىشىنى دەۋا ۋاكالەتچىلىكىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ . ئادۋوكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرى،دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى خادىملار،دەۋالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق مەھەللە، ئورۇن شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلات كۆرسەتكلەن پۇقىرالار» دەپ بەلگىلەنگەن.بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا داۋالاشقۇچى ئۆزىنىڭ دەۋا پالىيىتىنى قايسى خىل شەكىلدە ئىلىپ بارسا دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئۇنىڭغا كەڭرى يول بەرگەنلىكىنى كۆرۋالغىنى بولىدۇ.مېنىڭچە ئىقتىسادى ئاساسى بارلار دەۋانى ئادۋوكاتلارغا تاپشۇرغىنى تۇزۈك . دەۋالاشقۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ قانۇن بىلىمى يىتەرلىك بولغانلىرى ئادۋوكاتلاردىن مەسلىھەت سوراپ، يېتەرلىك ئىددىيۋى تەييارلىققا ئىگە بولغاندىن كىيىن دەۋانى ئۆزى قىلسىمۇ بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئادۋوكاتلارغا بىرىلدىغان ۋاكالەتچىلىك خىراجىتىنى تىجەپ قالالايدۇ.نۆۋەتتە  ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بىلىمى ۋە دىلونى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەقىل –پاراسىتى مەلۇم تەربىلىنىش ۋە تەجىربە ئۆتكۈلىدىن ئۆتكەن بولغاچقا  داۋالاشقۇچىلار ئادۋوكات ھاۋالە قىلغاندا دىلودا ۋاقىت ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا قانۇنى ئۈنۈمگە ئىگە بولالايدۇ.شۇڭا داۋالاشقۇچىلار ئالدى بىلەن ئادۋوكات بىلەن ھاۋالە مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا تۆۋەندىكى ھوقوق مەجبۇريىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كىرەك.ھەق تەلەپ دىلولىردا بىرىنچىدىن، ۋاكالىتەن دەۋالىشىشنى ھاۋالە قىلىغاندا  ئۆزىنىڭ  ھوقوق بېرىش دائىرسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. ئىككىنچىدىن،ھوقوق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ۋە ھوقوق دائىرسى كونكېرىت بولىشى كېرەك .ئۈچىنچىدىن ،دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىش ،ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش،ئۇنى ئۆزگەرتىش ،كىلشىۋېلىش،قارىشى دەۋا قىلىش ياكى نارازىلىق ئەرىز بېرىش ئىشلىرىدا ھاۋالە قىلغۇچىغا بىرىلگەن   ھوقوقتا  ئۇزىنىڭ  ھەقىقى مەقسىدىنى ئىپادىلىگەن بولىشى كىرەك. جىنايى ئىشلار دىلولىرىدا ئاقلىنىش ھوقۇقىنى ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلغاندا   ئاقلاش ھوقوقىنىڭ ئەدىلىيىلىك چىكىنى ئەڭ يۇقۇرى قانۇن ئۈنىمى دائىرسىدە ھاۋالە مەزمۇنىغا كىرگۇزۇش كىرەك.بۇ مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەتىگە زور پايدىلىق. توختام قانۇنىنىڭ 396-ماددىسىدا:« ھاۋالە توختامى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىشلىرىنى ھاۋالىنى قۇبۇل قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلدىغانلىقى توغىرسىدا ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالىنى قۇبۇل قىلغۇچى پۈتۈشىدىغانلىقىغا دائىر توختامدۇر»دەپ بەلگىلەنگەن .شۇڭا ئادۋوكاتخانا ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن ھاۋالە توختام تۇزگەندە ھوقوق - مەنپەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ.  مەيلى جىنايى ئىشلار دىلولىرى بولسۇم ھەق - تەلەپ ،مەمۇرى ئىشلار دىلولىرى بولسۇن   ئادۋوكات  ھوقوق ھاۋالە  مەزمۇنىدىن  چەتنەپ كىتىپ دەۋاگەرگە زىيان ئىلىپ كەلسە ئوخشاشلا ئادۋوكاتلىق قەققىنى قايتۇرغاندىن باشقا زىياننى تۆلەش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەمما جىنايى ئىشلار دىلوسىدا ئادۋوكاتلىق خىيىم خەتىرنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش تۇزىمى بەلگىلەنگەن بولوپ جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىنى يىنىكلىشكە ۋە جىنايى جازادىن كەچۇرۇم قىلىشقا بولىدىغان ھەركەتلەرنى ھاۋالە مەزمۇنىغا كىرگۇشۇشكە بولمايدۇ بۇنداق مەزمۇن كىرگۈزۇلسە ئىناۋەتسىز توختام بولىدۇ.ئادۋوكات دىلودا ھاۋالە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسىلا توختامغا خىلاپلىق قىلغان ھىساپلانمايدۇ. ھەق تەلەپ،مەمۇرى دىلولىرىدا دەۋالاشقۇچى ئادۋوكات تەكلىپ قىلغانداھاۋالە مەزمۇنىغا دىلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش مەزمۇنىنى ھاۋالە  مەزمۇنىغا  كىرگۈزۇپ ئادۋوكاتخانا ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن ۋاكالەتچىلىك خىيىم خەتىرى توختىمى تۈزسە بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىڭ ئۇمۇمىي قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)(ئۈزۈندە) نىڭ 63-ماددىسىدا: «پۇقرالار،قانۇنىي ئىگلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇن ھەركتىنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ. ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇن ھەركىتىنى ۋاكالەتلىك ھوقوق دائىرسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا قىلىدۇ.ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچىنى ۋاكالەتلىك ھەركىتى ئۈچۈن ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ....» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىگە ئاسالانغاندا ئادۋوكات ھاۋالە قىلغۇچىلار ھاۋالە مەزمۇنىغا بۇ شەرتنى كىرگۈزمىگەن بولسا بۇ ئادەتتىكى قانۇن ياردىمىلىك ھوقوق  ھاۋالەنامە بولوپ ئادۋوكات ۋە ئادۋوكاتخانا  دىلو ھەققىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىى ۋە زىياندىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.لىكىن دەۋاگەرلەر ئادۋوكات بىلەن ھاۋالە توختىمى ئىمزالىغان ۋاقىتتا، قانۇن يولغا قويغان دائىرىدە قايسى خىل ئەھۋاللاردا ئادۋوكات ۋە ئادۋوكاتخانىنىڭ دەۋادىكى خېيىم – خەتەرگە قارتا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى كونكىرىت ۋە ئىنىق پۈتۈشسە بولىدۇ، قانۇن بۇنى چەكلىمەيدۇ. دەۋادىكى خېيىم خەتەر ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختىمىغا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى بۇ توختامغا ئاساسلىنىپ  ئادۋوكاتخانا ئۈستىدىن خەلى سوت مەھكىمىسىگە ھەق – تەلەپ دەۋاسى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغدىيالايدۇ.  شۇڭا دەۋالاشقۇچىلار ئادۋوكات تەكلىپ قىلغاندا ئۇزىنىڭ دىلودىكى تەشەببۇسى بىلەن ئادۋوكاتلىق خىراجىتىنى تۆلەشنىڭ چىكىنى چۇشۈنۈپ، ئىنىق بولغان ھاۋالە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش كىرەك. شۇڭا ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختىمى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەتىگە زىيانلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنى ئادىللىقى يوق توختام دەپ قاراشىنىڭ ھىچقانداق قانۇن ئاساسى يوق. قىسقىسى ئادۋوكاتلىق ھاۋالە توختىمىنى ئورناتقاندا ھوقۇق چېكىنى ئىنىق ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم: قانداق قىلغاندا داۋاگەرلەر ئادۋوكاتلىق ھاۋالە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ مەغلۇبىيەتنى ئازايتىپ ،زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقىغا ئىرىشەلەيدۇ؟
ئادۋوكات كۆرەش ھاشىم : بىرىنچى،دەۋالاشقۇچىلار ئادۋوكاتخانا ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن تۈزگەن ھاۋالە توختىمىدا  ئالدى بىلەن توختامنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولىشىدا ئۆزى تەشەببۇس قىلغان دەۋا پائالىيتىگە قارىتا ھاۋالە قىلماقچى بولغان  مەسىلىنى ئېنىق ئوتۇرىغا قويىشى ۋە ھاۋالە كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن،ئادۋوكاتخانا ۋە ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتنىڭ كەسپى بىلىمى ۋە شۇ خىل ئوخشاتما دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە قارتا ھۆكۈم كېسىم ئۆرنەكلىرىنى كۆرۈش ۋە تەكشۈرۈپ بىلىش ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.  ئۈچىنچىدىن،ئادۋوكاتلارنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقوق دائىرسىدىن ھالقىپ پۈتۈشكەن كېلىشىمگە خىلاپلىققىلغان-قىلمىغانلىقنى تەكشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، ھاۋالە قىلىنغان ئشنىڭ نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ  قىلنىش ئەھۋالىغا قارتا ۋاقتىدا دوكلات ئېلىپ تۇرىشى كېرەك.ئۇمۇملاشتۇرغاندا داۋاگەرلەر ئادۋوكاتلىق ھاۋالە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ دېلو ئەھۋالىغا قارتا ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتتىن ھاۋالە نەتىجىسىدىن دوكلات ئېلىپ تۇردىغان بولغاچقا يۇ8قارقى تەرەپكە ئەھمىيەت بەرگەندىلا  مەغلۇبىيەتنى ئازايتىپ ،ئادۋوكاتلىق ھەققى زىيننى ۋە دېلودىكى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتتىكى زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيدۇ.
ئابابەكرى مىسرانىم: 2- قىتىملىق سۆھبەتكە قاتنىشىپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزغا رەھمەت. سىزنىڭ كەسپى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تېلەيمەن.
ئادۋۇكات كۆرەش ھاشىم: سىزنىڭ دەۋالاشقۇچىلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بۇ بىر قانۇنى مەسلىگە قارتا ئىزدەنگىنىڭزگە رەھمەت. بۇ جاۋابىم ئارقىلىق دەۋالاشقۇچىلار ئاز – تولا نەپكە ئىرىشسە بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشاللىق ھىس قىلىمەن.  


2015- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3057 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 02:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قالسا تەمتىرەپ پۇتى كۆيگەن توخويدەك بۇپ كىتىدىغانلار كۆپ، بۇ تىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەلۋەتتە، ئەمما كىچىككىنە ئىشلاردا ھە دىسە دەۋالىشىپ يۈرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 03:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما، دېمىسىمۇ مەلۇم مەسىلىگە يولۇققانداق قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي بېشى قاتىدىغانلار كۆپ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 10:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادۋۇكات؛-ھەق سۆزلىگۈچh،ئاقنى ئاق،قارىنى قارا دەپ مۇئەيينلەشتۈرگۈچى.
ئاقلىغۇچى؛-يول تاپالىسا ئاقنى قارا،قارىنى ئاق قىلالۇۈۇچى.
ئادۋۇكاتنىڭ دۇچ كىلىدىغان بىر قىيىن مەسىلىسى،قانۇنىمىزنىڭ ئومومىي پىرىنسىپ ۋە خاس پىرىنسىپى. ئۇنىڭغا بىر خىل،بۇنىڭغا بىر خىل........ئەۋالغا قاراپ ئاقنى قارا،قارىنى ئاق دىسىمۇ بولىۋىرىدۇ-خالاس، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 10:15 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش