مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2102|ئىنكاس: 15

5 خىل قائىدە سىزنىڭ ئابرۇيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:42:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5 چوڭ قائىدە سىزنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ


      1. سەمىمىيەت
    باشقىلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرىش
    سۆز— ھەرىكىتىدە بىردەك بولۇش، ئىشلەتكەن ئادىمىدىن گۇمان قىلماسلىق.

    بىر ئادەمنىڭ قايسى خىل ئەخلاقى ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشنى بەلگىلەيدۇ؟ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سەمىمىيەت ئەڭ مۇھىم پەزىلەت ئىكەن. كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت تەجرىبىسىدە، تەتقىقاتچىلار ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى سۈپەتلەيدىغان بەزىبىر سۈپەت سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، تەجرىبە قىلىنغۇچىغا كىشىلەر ئارىسىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرى—تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن تەرتىپكە سالغۇزغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، باھالانغان ئەڭ يۇقىرى سەككىز سۆزنىڭ ئىچىدە، سەمىمىيەتكە ئالاقىداردىن ئالتىسى تاللانغان، ئۇلار ئايرىم -ئايرىم: ساداقەت، سەمىمىي، سادىقلىق، چىنلىق، تايىنىشقا بولىدىغان، ئىشەنچلىك قاتارلىقلار بولۇپ، باھالانغان ئەڭ تۆۋەن ئىككى سۆز بولسا «يالغان ئېيتىش» ۋە «ئالداش» بولغان.
    ماسلوۋنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئېھتىياج قاتلىمىدا، ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا بولغان ئېھتىياجى فىزىئولوگىيەگە بولغان ئېھتىياجىدىن تۆۋەن تۇرغان. سەمىمىي ئادەملەر ھامان باشقىلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرەلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن سەمىمىيەت كىشىلەرنىڭ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە بولىدىغان— بولمايدىغانلىقىنى بېكىتىشتىكى ئالدىنقى ئۆلچىمى بولۇپ قالغان.
    ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ئىش شۇكى، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە سەمىمىيەت كەمچىلىك ھادىسىسىنىڭ بەكمۇ ئېغىر بولىشى ئىشەنچ كىرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر ئالاقە قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاقى ۋە قىزىقىشىنى سوراپ باقىدۇ. بىر ئادەم ھەرقانچە قىزغىن بولۇپ كەتسىمۇ، «ئاغزىدا كۈلكە— چاقچاق، قوينىدا پالتا— پىچاق» تەك ئىش قىلسا، كىشىلەر ئارىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە مۇقىم بولغان مۇناسىۋەتتە، سەمىمىيەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنىڭ يادروسى.
    باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەمىمىيەت كىشىلەر بىلەن باردى— كەلدى قىلغاندا راستچىل بولۇش ۋە سۆز— ھەرىكىتىدە بىردەك بولۇشنى ئۆز— ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە «گۇمانلانغان ئادەمنى ئىشلەتمەسلىك، ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمانلانماسلىق» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم تاللىغاندا ئەخلاقلىق ھەم قابىليەتلىكلەرنى تاللىش؛ ناۋادا توغرا تاللىغان بولسا، ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن ئىشىنىپ ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

       2.ماختاش
    ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قابىليىتىنى قوزغىتىش
    ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قوزغىتالايدىغان سۆزلەرنى قىلىش
  
    پىسخولوگ ۋىليام جامىس مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ سەمىمىي ئۈمىدى دەل ماختاشقا ئېرىش». كۆپ ساندىكى ئادەملەر پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت يېرىمىغا يەتكەن قابىليىتىنىلا جارى قىلدۇرالايدۇ، مەدەت ۋە ماختاش ئادەمنىڭ قالغان يېرىم يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتالايدۇ. كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى كارنېگىمۇ ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىياجى دەل ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاساسلىق پەرق، ئەگەر ئۇ بولمىسا ئىنسانلار مەدەنىيىتى بىر جايىدا توختاپ قالاتتى، دەپ قارىغان.
    نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىراپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەچكە كۆڭلى ئاسانلا سوۋۇپ كېتىدۇ. بىر سېخىي خوجايىن بولۇپ، ئۇ ھەريىلى خىزمەتچىلىرىنى ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغان، بىراق بۇ يىل ئۇنداق قىلمىغان. سەۋەبى ئۇ ئىقتىسادىي كىرىزىسقا ئۇچرىمىغان بەلكى ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر يىلى خېلى كۆپ پۇل خەجلىدىم، بىراق ھېچكىم ماڭا (رەھمەت خوجايىن، ناھايتى خۇشال ئوينىدۇق) دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ باقمىدى.» بىر ئانا بار بولۇپ، بىر قېتىملىق كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۇ تۇيۇقسىز بىر باغلام ئوتنى تاماق ئۈستىلىگە تاشلاپ زەردى بىلەن:«مەن بۇ ئائىلىدىكىلەرگە نەچچە ئون يىل تاماق ئېتىپ بەردىم، بىراق ھېچقايسىڭلار بىرەر ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ باقمىدىڭلار، شۇنداق بولغاندىن كېيىن سىلەر ئوت يەڭلار» دېگەن.
    بىز ھەركۈنى تاماق يەپ سۇ ئىچكەندەك، قەلبىمىزمۇ ماختاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزىلەر:«پۈتۈن دۇنيادا ئۈچ مىليارد ئادەم ھەر ئاخشىمى ئاچ قورساق ئۇخلايدۇ، بىراق تۆت مىليارد ئادەم مەنىسىزلىك تۇيغۇسى ئىچىدە ئۇخلايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن بىرەر ئېغىز رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان »دېگەن .
    گەرچە ماختاش بىر ۋاقلىق ھەقسىز چۈشلۈك تاماققا ئوخشىسىمۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قوزغىتالمىسا يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ. بىرىنچىدىن، ماختاشمۇ لايىقىدا بولۇش كېرەك. ھەرگىزمۇ خۇشامەت قىلغاندەك سۆزلىمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، ماختاش ئىچكى دۇنياسىنى قوزغىتالىشى كېرەك. بەزىلەر بىراۋنى ماختاشنى خالىمايدۇ. يەنە بەزىلەر «بېشى قىچىشسا بۆكىنى تاتىلاپتۇ» دېگەندەك ماختايدۇ. بۇنداقلار دائىملا ئۆزىنى قارشى تەرەپتىن كۈچلۈك دەپ قارايدىغان بولغاچقا، كۆڭلىدىكى گەپنى دېمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، بىراۋنى ماختىغاندا تاشقى كۆرۈنۈشىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ خىزمەتدىشىڭىز يېڭى پاسوندىكى كىيىمنى كىيگەندە، سىز ئۇنىڭغا «ناھايتى چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز» دېسىڭىز بولىدۇ؛ قول ئاستىڭىزدىكى بىر خىزمەتچى مەلۇم ئىشنى ياخشى قىلسا سىز ئۇنىڭغا «سەن بەك قابىليەتلىك» دەڭ.
    داڭلىق يازغۇچى چيەن جوڭشۇنىڭ دېگىنىدەك: «ئادەم ئىچكى كۈچى يېتىشمىگەن چاغدىلا سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. »شۇ ئىچكى كۈچى يېتىشمىگەن، ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل خىزمەتچىلەر بولۇپمۇ ئېتىراپ قىلىنىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ. باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قابىليىتىنى قوزغىتىشىڭىز كېرەك. بولۇپمۇ ئەر خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. نۇرغۇن كاخانىچىلارنىڭ ھازىرقى زامانغا ماس بولغان جازالاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى خوجايىنىنىڭ بىر ئېغىز «شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ» دېگەن گېپى سەۋەپلىك شىركەتكەت جان تىكىپ ئىشلەيدۇ. فورد شىركىتىنىڭ سابىق باش لىدىرى ھەركۈنى بىر قەغەزگە خىزمەتچىلىرىنى ماختايدىغان سۆزنى يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇ بۇ ۋاقىتنى «ھەر كۈندىكى ئەڭ قىممەتلىك 10مىنۇت »دەيتتى.

     3.يۈز— خاتىرە
    باشقىلارنىڭ غورۇرىنى قوغداش
    خۇش مۇئامىلىلىك بىلەن ئالاقە قىلىپ، نەسىھەتچان بولۇپ كەتمەسلىك.

    يۈز— خاتىېە قىلىش بولسا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسىسى. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ماسلوۋ ئېھتىياج بولغان قاتلام نەزەرىيەسىدىكى «ھۆرمەتكە ئېرىشىش بىلەن ئېتىراپ قىلىنىش» نى نامايەن قىلدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدە قارشى تەرەپكە يۈز— خاتىرە قىلىش دەل قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت— ھۆرمىتىنى قوغداش دېگەنلىكتۇر.
    ئەمەلىيەتتە، يۈز— خاتىرە قىلىش كىشلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىدىكى «ئۆز— ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» پىرىنسىپىغىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يەنە يۈز— خاتىرە سودىسى دېيىلىدۇ، يەنى سەن مېنىڭ يۈزۈمنى قىلساڭ، مەنمۇ سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىمەن دېگەنلىكتۇر. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئەسلىدىنلا بىر خىل سودا بولۇپ، يۈز— خاتىرە قىلىدىغان كىشىلەر ئىشنى ياخشى قىلىپلا قالماي، يەنە ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىشنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، بۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بىراق ھەرقانداق ئىشنىڭ چېكى بولىدىغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنىڭ يۈزى بىلەن بولۇپ كېتىشمۇ پىسخىكىسىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    خىزمەت ئورنىدا بولۇپمۇ باشقىلارغا يۈز خاتىرە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈزۈلمىنىمۇ تاشلاپ قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، مەسلەن بىرەر خىزمەتچىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا ئىمكانقەدەر سەھنىگە چىقىش كېرەك. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خاتالىقى بىلەن كەمچىلىكىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىش، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلىمەسلىك كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قول ئاستىدىكىلىرىڭىزگە كەڭ قورساق بولسىڭىز، ئۇلار سىزگە ھەسسىلەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خوجايىنىنىڭ يۈزىنى قىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئەگەر خىزمەتچى بىلەن خوجايىنىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ھەرگىز قاراملىق بىلەن ھەممىنى دىۋەتمەستىن، بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم خوجايىنىنىڭ يۈزىنى قىلغانلىق بولىدۇ، ھەم ئالاقە قىلىشقىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
  
    5. چىدىماق
     ئوڭ يۆنىلىشلىك ئېنىرگىيەنى كۆپرەك قويۇپ بېرىش
     كەيپىياتنى كونترول قىلىپ ئەپۇ قىلىش

    قەدىمكىلەرنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار: «كىچىكلەر چىداپ تۇرالمىسا چوڭ بالا تېرىيدۇ.» جاڭلياڭ ليۇباڭغا مۇنداق دېگەن ئىكەن: «خاتىرجەم ياشاي دېسىلە چوقۇم سەۋرچان بولۇشلىرى كېرەك، بولمىسا جانلىرى يوق بولىدۇ، يەنە كېلىپ چوڭ ئىشلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولۇش كېرەك» . شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «چىداش» دېگەن بۇ سۆز ھالقىلىق پەيتتە تولىمۇ مۇھىم.
    ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە زىددىيەت پەيدا بولغاندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار كىشىلەر ئاكتىپ ھالدا سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەك. سەۋرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق يەنە ۋاقىت ۋە ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، نۇرغۇن ئىشلارنىسوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇششاق— چۈششەك دەتالاش ۋە ئازارچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سەۋرچانلىق يەنە ئوڭ يۆنىلىشلىك ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. ئادەملەر توپى ئىچىدە، كەيپىياتنى كونترول قىلالايدىغان ئادەملەر ئۆزىنى قارشى تەرپنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ بەك ياخشىلىيالايدۇ. ئىلگىرى بىر خىل «بىردىن 10غىچە ساناش» دېيىلىدىغان ئاچچىقنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ھازىر بولسا 10نىڭ ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇش ئېلىش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىدراكلىق ئوڭ مېڭىدىن كەلگەن غەزەپتىن قىزىپ كەتكەن سول مېڭىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. تىنچلانغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنى گەپ قىلماستىن قۇچاقلاپ قويسىڭىز، ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ بەك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
    ئەلۋەتتە چىداش دېگەنلىك پىرىنسىپسىز چېكىنىش دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، بىر كۈچلۈك ۋە قىممەتلىك ئىشەنچ بولغاندىلا، سەۋرچان بولۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ.

     5. ئارىلىق
    ئۆز—ئارا ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش
    ئارىلىقنى ئىگەللەپ، ئانچە بەك يېقىنلىشىپ كەتمەسلىك.
   
    پەيلاسوپ شوپىنخائوئېر ئىلگىرى كىشىلەر ئارا ئالاقىدىكى «پىسخىكا ئارىلىق تەسىرى »———«كىرپە نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغان، يەنى؛ كىرپە توڭلىغان ۋاقىتتا، يۆنىلىشىپ ئىسسىنىدۇ، بىراق مەلۇم ئارىلىقنى ساقلايدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا بىر— بىرىنى زەخمىلەندۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئارىلىق بىر خىل گۈزەللىكتۇر.
    ئىنسانشۇناس خول كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تۆت خىلغا بۆلگەن. ئەڭ يېقىنى «يېقىن ئارىلىق» بولۇپ، بۇ ئەر— خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىققا قارىتىلغان. دوستلار ئارىسىدىكى شەخسىي ئارىلىق» بولسا 1m—— 50cmغىچە بولىدۇ. ئەڭ يىراق ئارىلىق بولغان «ئامما ئارىلىقى» بولسا ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارىلىق. جۇڭگولۇقلارنىڭ شەخسىي قارىشى كۈچلۈك بولمىغاچقا، دائىملا مەقسەتسىزلا ياكى مەلۇم مەقسەتتە باشقىلارنىڭ يېقىن ئارىلىق دائىرىسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ، مەسلەن، مېترودا كىشىلەر ئامالسىزلىقتىن باشقىلار بىلەن شۇنداق يېقىن بولۇپ كېتىدۇ. مەلۇم ئارىلىق ساقلىغانلىق باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ھەم ئۆزىنىمۇ قوغدىغانلىق بولىدۇ.
    «كىرپە نەزەرىيەسى» بارلىق كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ماس كېلىدۇ. خىزمەت جىريانىدا، رەھبەر خىزمەتچى بىلەن ئارىلىق ساقلىغاندا ھۆرمەتكە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە پارا بېرىش، تەخسىكەشلىك قىلىش ۋە خۇشامەت قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان بولۇپ، پىرىنسىپنى يوقىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دوستلار ئارىسىدىمۇ مەلۇم بوشلۇق ساقلىنىشى كېرەك. بەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە، ئۆلچەمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلىدىن ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. ھەتتا ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان ئەر— خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىمۇ شەخسىي بوشلۇق بولىشى كېرەك. كىشىلەر دائىم ئەر— خوتۇنلارنى ئۆز— ئارا كېسىشكەن ئىككى دانە چەمبىرەككە ئوخشىتىدۇ، كېسىشكەن قىسىم ئەر— ئاياللارنىڭ ئورتاق دۇنياسى بولۇپ، بۇ يەردە ئىككىيلەن بىر— بىرىدىن خوشاللىق تاپىدۇ ۋە بىر— بىرىگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. كېسىشمىگەن قىسىم بولسا ھەر ئىككىيلەننىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسى بولۇپ، بۇ جايدا ھەر ئىككىيلەننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي سىرلىرى ساقلانغان بولىدۇ. ئارىلىق قالدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ھېسياتىغا يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇش بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ «گۆھىرى»نى ساقلاپ، مۇۋاپىق بولغان ئارىلىقتىن يېقىنلاپ كەتمەسلىك كېرەك.

مەنبە: http://wap.huanqiu.com/view.html?id=869295&v=3 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   feruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 12:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:43:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خورازدىكى  خو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108108
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2014-6-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ! ئوزلەشتۇرۋالساق پايدىسى كوپ تىگىدىغاندەك قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز...   بولۇپمۇ يۈزىدىن - يۈزىگە ماقتايدىغان ئادەمگە بەك غىجىقىم كىلىدۇ، ماختاش ئارقىسىدىن بولسا ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 789 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە (ئادەم )بولساق شۇ بىزگە ھەممىنى ئەكىلىپ بىرىدۇ

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 03:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
15001506547 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 01:43 PM
خورازدىكى  خو

كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار دائىم مىنى بەزلەپ ، خو بىرىمەن دىسە ، چەينەكنى نىمە قىلارمەن دەپ ئويلايتىم .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 03:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saman-yoli يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 03:17 PM
كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار دائىم مىنى بەزلەپ ، خو بىرىمەن  ...

نىمە قىلىش لازىملىقىنى تىمىڭىزنىڭ ئىككىنىچى  بۆلەكتىن   بىلىۋىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 04:48:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن.

مېھرىماھ

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 06:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە .

ئىناۋەتنى تىكلىمەك تەس ، چۈشۈرمەك ئاسان ، كىچىككىنە سەۋەنلىتىنمۇ ئىناۋەت نۆل بولىدۇ .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 08:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش