ئادەتتە %99 كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرىغا چوقۇم ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى قاچىلانغان بولىشى مۇمكىن. سەۋەبى بەكلا ئاددى: ۋېرۇستىن مۇداپىيەلنىش ئۈچۈن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى بەك ئاجىز دەپ قارىغانلىقتىن بولغان بولىشى مۇمكىن، ھەتتا شۇ سەۋەپتىن Windows ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىپ Linux ياكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. لىكىن بۇلارنىڭ ھىچ قايسىسى كەسپىي ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى ئەمەس. پەقەت ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن ئاڭلىۋالغان گەپلەر. ئەمەلىيەتتە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاجىز ئەمەس. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە سىز مەيلى قايسى خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي سەۋىيىڭىز ياخشى بولسىلار كومپىيۇتېرىڭىز ئاساسەن ۋېرۇسلانمايدۇ ياكى پەقەتلا ۋېرۇسلانمايدۇ. سىز ھەرقانچە مۈكەممەل دەپ قارالغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز بىلەن يەنىلا بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرىنى ياخشى تەڭشىمىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز بېخەستىلىك قىلسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز يەنىلا ۋېرۇسلارنىڭ ياكى چاقىرىلمىغان مېھمانلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. بۇ پەقەت كومپيۇتېرغىلا قارىتىلغان مەسىلە ئەمەس. ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا ئەقلي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلار بار. ھەم بۇلارغىمۇ ھەر خىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى قاچىلانغان بولىدۇ. ئوخشاشلا ۋاقتى كەلگەندا بۇلارمۇ ۋېرۇستىن قىچىپ قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن، لىكىن سەۋەپ يەنىلا ئىشلەكۈچىنىڭ بېخەستىلىكىدە. سىز مەيلى كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر ۋەياكى تېلېفۇنىڭىزغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ پىرىنسىپىغا پىششىق بولسىڭىز ھىچقانداق ۋېرۇستىن ساقلىقىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ چاقىرىلمىغان مىھمانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالايسىز. لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كەسپىي سەۋىيە كىرەك بولىدۇ. شەخسەن مەن كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى نەچچە يىل بوپتۇ، دەسلەپكى ئىككى-ئۈچ يىلدا ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرىمغا ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن باشقا يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرلار بولسۇن ياكى ھەر قانداق تۈردىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بولسۇن ھىچقايسىسىغا ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كومپىيۇتېرلاردا ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى سىنايمەن. ھەم كۈندە نەچچە سائەتلەپ توردىن ماتېرىيال ئىزدەيمەن، لىكىن ھازىرغىچە ۋېرۇسلىنىپ باققىنى يۇق. لىكىن ھازىر نۇرغۇنلىغان يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ۋېرۇسلارنى تارقىتىپ،توردا خاتىرجەم ماتىريال ئىزدەش،زىيارەت قىلىشقا توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلۋاتىدۇ،قىممەتلىك دەپ ساقلاپ قويمان ماتىرياللىرىمىز شۇ ۋېرۇسلارنىڭ دەستىدىن بۇزۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان،ھەتتا كومپىيۇتىر سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ھەتتا قوزغالماس قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۋاتىدۇ.
كومپىيۇتىر ئىشلىتىش سەۋيەسى ئانچە ياخشى بولمىغان تورداشلار ھەر دائىم كومپىيۇتىرنى ئوڭشىتىش،پات-پاتلا مەشخۇلات سېستىمىسى قاچىلاتقۇزۇش قاتارلىق ئاۋارىچىلىقلارنى چىقىرۋاتىدۇ،مەن نۇرغۇنلىغان ۋېرۇس تازلاش،ۋېرۇستىن مۇداپىئەلىنىش،كومپىيۇترىدى ئەخلەتلەرنى تازلاش ياردەمچىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككى دانە ۋېرۇس تازلاش،مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى قالدۇردۇم،قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ دىتاللار كومپىيۇتىرنى راستىنلا ياخشى ئاسىرايدۇ،ۋېرۇس باغلانغان تور بەت،ياكى ۋېرۇس باشلانغان سېستمىما،ھۆججەت -ماتىرياللارنى بىلمەي زىيارەت قىلىپ قالغىنىڭزدا ياكى چۈشۈرۈپ سالغىنىڭىزدا سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ،ياكى ئاپتۇماتىك تازلاش مەشخۇلاتى قىلىپ تۇرالايدۇ.
1- بۇ ياخشى‹‹چۈشۈرۈڭ››
2-بۇ تېخىمۇ ياخشى ‹‹چۈشۈرۈڭ››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 03:58 AM
|