مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8630|ئىنكاس: 337

يىگىتلەرگە قايتۇرما جەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەردىكى دوسىتلار ،ئەپچڭلەمنىڭ قىزلارغا قىلغان جىڭىگە جاۋاپ قايتۇرۇش يۈزىسىدىن يىزىپ باقتىم،ياخشى بولمىغان يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.مەن نەھھە كۈندىن بىرى تورغا چېقمىغان،شۇڭا توغىرا چۈشەنگەيسىلەر.بۈگۈن ئەپچىلەمنىڭ تىمىسىنى كۆرۈپ يىزىپ باقتىم.ئەسكەرتىش؛بۇ تىما ئەپچىلەمنىڭ ‹قىزلارغا قوشاق كەتتى›ناملىق شىئىرىغا جاۋاپ تەرىقىسىدە يىزىلغان.
جەڭنامىنى قوبۇل قىپ،
قوشاقلارغا يانداشتۇق.
يىگىتلەرنى يىڭىشكە،
بۇرۇندىنلا تەيياردۇق.

مىسرانىمدا قىزچاقلار،
يىگىت پايلاپ يۈرمەيدۇ.
چاقچاق بولسا كۆتۈرىمىز،
قاپاق ھەرگىز تۈرۈلمەيدۇ.

كۈلۈپ تۇرار ھەممە قىز،
ئوغۇللارغا قىپ خىرىس.
قوشاقلارغا قىتىپسىز،
ئەمدى چوقۇم يىڭىلىسىز.

مۇنبەردىكى نازىنلار،
ئەزەلدىنلا ئۇز-گۈزەل.
ئەدەپ بولغاچ ئۇلاردا،
شۇنداق خىجىل يۈرىشەر.

داۋراڭ ساپسىز ئەي يىگىت،
بىز نوچى ئەمەس غورۇرلۇق.
قىزلار قىلدى ئەدەپ دەپ.
باسمىسۇن سىزنى مەغرۇرلۇق.

قىزلار شۇنداق ئەدەپلىك،
سىزگە ئەمەس ھەممىگە.
ئانا شۇنداق ئۆگەتكەن،
ئورناپ كەتكەن قەلىبكە.

چاقچاق قىپسىز بىزلەرگە،
بولمىدۇق بىز لاسسىدە.
ئەدەپ ئەخلاق ھايادىن،
يۇز قىزاردى ۋىللىدە.

ئوغۇللارغا تەڭ تۇرۇش،
يات بىر ئىشتۇر قىزلارچۈن.
لىكىن قىزلار ھەممىمىز،
مۇستەھكەم بىر چوڭ قوشۇن.

چاقچاقلارنى باشلىۋىلىپ،
يىگىت چاقىرىپ يۈرۈپسىز.
قىزلار ھۇجۇمىدىن قورقۇپ،
نەلەردە قېچىپ يۈرىسىز؟

‹ئۇرۇش›باشلاپ مۇنبەردە،
قىزلارغا جەڭ ئاچتىڭىز.
ئېھتىيات قىلىڭ ياخشى يىگىت.
ئۆيگە يىتىپ بارسىڭىز.

قول تۇتۇشۇپ يىگىتلەر،
بىرلىك سەپنى قۇرارمىش.
قىزچاقلارمۇ بوش كەلمەي،
تەييار بولۇپ تۇرارمىش.

نى-نى ياخشى يىگىتلەر،
جىمجىتقىنا تۇرىدۇ.
قىزلارمۇ ھەم خىجىل بوپ،
تاتلىققىنا كۈلىدۇ.

مىسرانىمنى سورۇن قىپ،
ئۇرۇش ئاچقان ئەپچىلەم.
يالغۇز بولغاچ ئۇ ئۆزى،
قورقۇپ قاچقان ئەپچىلەم.

ھۇجۇمنى كورۇپ قىزلارمۇ،
باشلىرى ھەم قاتقان يوق.
قولنى قولغا تۇتۇشۇپ،
تەييار بولۇپ بىز كەلدۇق.

مات بولمايمىز دەسلەپتە،
سورۇن تۈزدۇق بىرلىكتە.
خىيال سۈرۈش بىھاجەت،
ئىناق بولساق بىر سەپتە.

ھەدە-سېڭىل ئەزەلدىن ،
توپلاشقانمىز مۇستەھكەم.
مات قىلىشتا سىلەرنى،
ئەھدى قىلدۇق بىز مەھكەم.

يىگىت قىزغا ئەزەلدىن،
ئامراق بولۇپ ئوتكەن بار.
نى-نى پەرھات چىغىدا،
شىرىن ئۈچۈن ئۆلگەن بار.

ھېلە يوقتۇر بىزلەردە،
پەقەت ھايا قىلىمىز.
يىگىتلەرنىڭ ھالىنى،
بۇ ئويۇندا كۆرىمىز.

توزاقلارغا دەسسەپتۇ،
بەڭباش ئەخمەق ئەپچىلەم.
ئاشىق بولۇپ قىزلارغا،
سەۋدا بوپتۇ ئەپچىلەم.

ئالدىرماڭ سىز شوخ يىگىت،
كۈل-كۈل بولۇپ كۆيىسىز.
ھالال جۈپنى ئاخىرى،
لەۋلىرىدىن سۆيىسىز.

گىرىمسىزمۇ قىزلىرىىمىز،
بەئەينىلا ھۆر-پەرى.
ئاشىق بولۇپ يىگىتلەر،
قىلالماس كاللىسىدىن نىرى.

مات بولمايدۇ قىزچاقلار،
يىگىت قىلغان سۆزىگە.
ئامالى بار قىزلارنىڭ ،
يىگىتلەرنى يېڭىشكە.

قوشاق قاتسا قىزچاقلار،
تىگىپتىمىش يۈرەككە.
ئوغۇللارنىڭ نالىسى،
يەتتى ئاسمان -پەلەككە.

‹جەڭدە يەڭدۇق ›دەپ بالدۇر،
خۇشال بولغان ئەپچىلەم.
قىزلار ھۇجۇم قىلغاندا،
بەدەر قاچقان ئەپچىلەم.

باشلىق ئەمەس بىر قاقباش،
ئادىل ھوكۈم چىقىرار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا،
مسرانىمدىن قوغلىنار.

بالدۇر خۇشال بوپسىلەر،
سىلەر تىخى يەڭگەن يوق.
قىزلار قىلسا ھۇجۇمنى،
سىلەرگە كىرەر يەر يوق.

ھەممىمىز بىر مۇنبەرداش،
بىر يېلتىز بىر قېرىنداش.
خۇشال قىلسۇن بىزلەرنى،
مۇشۇ سورۇن ،دوسىت-ئاداش. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla117 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 05:39 PM  


ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1794
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى ھە  !  ،  مۇنبەردىكى  قوشاقچى قىزلار  ھورررررااااااااااا  ..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 07:49 PM  


ھىچ كىشىنى كىچىك كۆرمە ، چىكىتمۇ كىچىكتۇر ، لىكىن ئۇ جۈملىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ  ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قوشاق تۇقۇش قۇلۇمدىن كەلمەيتى مىنىڭ ئەپچىلەمنىڭ قوشىقىنى كۈرۈپ كىلەي ئالدى بىلەن بىراق ياخشى  يېزىپسىز  

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ئەگەر شېئىر يازالىغان بولسام نەزم ئېيتىشىپ باقاتتۇقكەن.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113553
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2015-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەمىل يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 08:41 PM
مىسرانىمنىڭ چوققىسىدا قاراپ تۇرغان مىسرانىمدىكى قىزل ...



قىساس ھىلىغۇ ئۈچ يىلكەن . يۈز يىلدىمۇ ئۇنتۇلمايدۇ. قىزلار ئۈچ يىلدىن بىرى قاتتىق مەشىق قىلىپ قىساس ئىلىش پۇرسىتى پىشىپ يىتىلگەن ئوخشايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114895
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2015-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى قىزچاقلار،
ئالدىراپ پو ئاتماڭلار.
چاقچاق قىلساق تېرىكىپ،
ھەپتە يىغلاپ ياتماڭلار.
                                مۇنبەرگە زەپ تاراپتۇ،
                                قىزچاقلارنىڭ داڭقىسى.
                                مۇشۇ ئاچچىق سوغۇقتا،
                                توڭلاپ قاپتۇ ماڭقىسى.
داپنى چالساڭ تۈزۈك چال،
جاراڭلىسۇن ھالقىسى.
يارنى سۆيسەڭ تۈزۈك سۆي،   
چۇۋۇلۇپ كەتسۇن ماڭقىسى.
                                   سۇ ئىچتۇق قىزلار بىلەن،
                                   باغلاردىكى بۇلاقتىن.
                                   سۆيۈۋالدۇق قىزلارنى،
                                   تۇتۇپ ئىككى قۇلاقتىن.
سۇ باشلىدۇق باغلارغا،
ئۇسسۇزلىغى قانسۇن دەپ.
گۈل تىزدۇق قىزچاقلارغا،
لەۋلىرىگە ياقسۇن دەپ.
                               قىزچاقلارنىڭ بىغىدا ،
                               پىشىپ قاپتۇ ئۈژمىسى.
                               دەردىمىزدە زار يىغلاپ،
                               ئېقىپ قاپتۇ سۈرمىسى.
قىزچاقلار باراي دىسە،
باشلاپ باراي دىباغا،
پوپوتاڭ يەيمەن دىسە،
ئىلىپ باراي پىپاغا.
                           
                           
                           
                           
ھە باللا، قاپىيە سەۋەبىدىن بەزى سۆزلەر قوپالراق ئىلىنىپ قالدى. تېرىكمەڭلار جۇمۇ؟ تېرىكسەڭلار تاش ئاتىمەن، كۈلسەڭلار قاش ئاتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 12:35 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114919
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2015-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دەيمەن ئۈزەمگە ،مۇشۇ شىئېر قۇشاق دىگەننى تۇقۇشنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمە دىسە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112580
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sintax يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 09:22 PM
مۇنبەردىكى قىزچاقلار،
ئالدىراپ پو ئاتماڭلار.
چاقچاق ق ...


ئىنكاسڭىزنى تەھرىرلىۋېتىڭ قېرىندىشىم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawpik02tatt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 10:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113864
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygurqa  hat kandak kilsa  qikidu  koxak tayyar  yazalmay wateman  yardam kilg la

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش