بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ g* @+ u" A" jتوردىكى مۇھەببەت
11
راس گەپ قىلسام ئەسلى ئاخىرىنى يازماي دىگەن ئىدىم چۈنكى بەزى ئىنكاسلارنى كۈرۈپ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى . بەلكىم مەن بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن چۈنكى ئۈزۈمنىڭ يازغىنىنى باشقىلارغا يارايدۇ باشقىلارغا يارىمىغان تەغدىردىمۇ ھېچقانداق قۇسۇر تاپاممايدۇ دەپ ئويلىغانتىم . بەزىللىرىڭلار دەپسىلەر ئىملا خاتالىقى بارئىكەن دەپ مەن باشقىلار شۇنداق دەپ قالمىسۇن دەپ قايتا قايتا تەكشۈرۈپ يوللىدىم بەلكىم راس بىرەر يەردە بولسىمۇ ئىملا خاتالىقى بوپ قالغاندۇ ھەرقانداق ئىش دىگەن كەم كۈتىسىز بولمايدىغۇ .
يەنە بەزىللىرىڭلار يازغىنىڭىز بەك ئاز بوپ قاپتۇ جىق يېزىڭ تىما پاخاللاشتۇرماي دەپ
راس بۇنىڭغا مەن ئىقرار . يازغىنىم ھەقىقەتەن ئاز بولۇپ قالدى لىكىن مىنىڭ يازغىنىم ئۈزەمنىڭ ھەقىقى ھىكايىسى سىلەرچە بىر كىچىدىلا ھەممىنى يېزىپ تۈگەتكىلى بۇلامدۇ؟ مەن ئۈزۈمنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە يازغىنىمنى تېخى ئەمدى يېرىمىنى يېزىپ تۈگەتتىم دەپ ئويلايمەن دەسلەپتە مەنمۇ ئويلىغان ھەممىنى تولۇق يېزىپ بولۇپ ئاندىن بىراقلا يوللاي دەپ لىكىن ئۇنداق قىلاي دىسەم بەك ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدىكەن راسلا . مەن سىلەرنى ھىكايەمنى ئوقۇڭلار دەپ زورلۇمۇدۇم ئۆزۈڭلار خالاپ ئوقۇغان بولغۇيتۇڭلار ھەقىچان بەلكىم بۇنداق دىيىشىم خاتادۇ لىكىن ھېچ بولمىسا مىنى بولسىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭلار ياختۇرساڭلار ئوقۇڭلار بولمىسا ئوقۇمىساڭلار مەيلى . بۇ ھىكايىنى يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن ياخشى ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۈم نۇرغۇن دوسلارنىمۇ تاپتىم ھېچ بولمىسا ھىكايەمنىڭ شۇلارغا بولسىمۇ يارىغىننى شۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەسلىمىسىنى ئۇلارغا ئەسلىتەلىگىننى كۈرۈپ شۇنداق سۈيۈندۇم . شۇڭا مىنى تەنقىدلىگەنلەر ئۈچۈن ئەمەس ھىكايەمدىن رازى بولۇپ مىنى قوللاپ كىلىۋاتقان شۇ دوسلۇرۇم ئۈچۈن ھىكايەمنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم .
قايسى كۈنى توردا مۇنداق بىر گەپنى كۈرۈپ شۇنداق ياختۇرۇپ قالدىم شۇ گەپنى سىلەرگە دىگۈم كەلدى . 《 باشقىلار بىر بىرىنى يۈلەپ بۇلالماي دۈمچەك قېرىسا، بىز بىربىرىمىزنى غاچاپ بۇلامماي كۇماك قېرىيمىز 》 ھەر ئادەم ئۈزىنىڭ باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىسىگە يارىشا شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ . سىز باشقىلارنى قانچە ھۆرمەتلىسىڭىز باشقىلارمۇ سىزنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ بۇنى مەن دىمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقىچان . شۇڭا جىق گەپنىمۇ قىلماي ھىكايەمنى باشلاي ياختۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئۇنىڭ تورخانىغا تۇنجى قېتىم كىرىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم چۈنكى ئۇنىڭغا كومپىيوتېردىكى ھەممە نەرسە شۇنداق قىزىقارلىق تۇيۇلىۋاتاتتى ھەممە نەرسىگە شۇنداق قىزىقىش نەزىرىدە قارايتى ( كىيىن بىلسەم ئەسلى ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىمكەن ) لىكىن ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى بۇرۇنقىدەك ئۇنداق تەبى ئەمەس قەستەن ئۈزىنى زورلاپ كۈلىۋاتقىنىنى مەن بىلىپ بولغان ئىدىم چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى شۇنچىلىك چۈشىنىمە دەپ ئويلايتىم ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كۈننىڭ ياقىمۇ شۇنىڭ دەردىنى تارتىپ پۈتۈن ئەس يادىم شۇنىڭدىلا يۈرگەن تۇرسام
ئۇنچىلىك ساختا كۈلۈشلىرىنى چۈشەنمىسەم قايسى ئاغزىم بىلەن يەنە ئۇنى ياخشى كۈرىمەن دەيمەن . ئۇنىڭ كۈلۈشلىرىگە قاراپ ئىچىم سىقىلىپ كەتكەن ئىدى شۇنىڭ بىلەن گەپ ئارلىقىدا ئۇنىڭ كۈزىگە قاراپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن
- ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە ؟ ماڭا ئەجەپ باشقىچە تۇيغۇ بەردىڭغۇ بۈگۈن
يا ماڭا بىرەر گېپىڭ بامۇ راس گەپ قىلە بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .
دەپ سورۇدۇم . لىكىن ئۇ يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇراتتى
- ئۇنداق ئەمەس ساڭا شۇنداق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ كۆپ ئويلاپ كىتىپسەن .
بەلكىم راس كۆپ ئويلاپ كەتكەندىمەن ياكى ئۇنىڭ ماڭا راس گېپىنى دىگۈسى كەلمىگەندۇ
ئىشقىلىپ مەنمۇ بەك كۈزىگە كىرىۋالمىدىم ئۇنىڭدىن يەنە ئارتۇق سۇئال سۇراشمۇ ئارتۇقچە ئىدى . چۈنكى ئۇ ماڭا قىلچىلىك قىزىقمايدىغاندەك قىلاتتى ھەم مىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى لىكىن تورخانىدىن يېنىپ چىقىدىغان چاغدا ئۇنىڭ قىلغان بىر گېپى مىنى يەنە ئارتۇقچە خىيال قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى.
- ئەتە كەچتە تورخانىغا كىرىپ 通宵 قىلايلى بۇلامدۇ يا ۋاختىڭ بولسا ؟
دەسلەپ ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم چۈنكى مەن ئۇنى ئۇنداق دەيدۇ دەپ خىيالىمغىمۇ كىرگۈزمىگەن ئىدىم . گەرچە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى جەميەتتە يۈرۈيدىغان ئويۇنچى قىزلاردەك تۇيغۇ بەرسىمۇ مەن ئۇنى ئۇنداق قىزلارغا ئوخشاتمىغان ئىدىم ھەم ئوخشاتمايتىم چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۈرەتتىم . لىكىن كىيىن شۇنى ئويلاپ يەتتىم مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسە ئادەمنى راسلا قارىغۇ قىلىپ قۇيىدىكەن . بەزىدە سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرگىمۇ ئىشەنمەي قالىدىغان بولۇپ قالىدىكەنسىز شۇنچىلىك دەرىجىدە دۆت بوپ كىتىدىكەنسىز . شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن شۇنداق پۇرسەت چىققىاندا ئۇ ماڭا تېلىغۇن قىلىدىغان بولدى ئۆيگە بارغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىم ئۇنېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ ؟ ئۇنى خېلى تۈزۈك قىزبالا دەپ ئويلىغانتىمغۇ ؟ بەلكىم ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تورخانىغا كىرىشى ئەمەس ئوخشايدۇ بەلكىم ئۇ مەندىن بۇرۇنمۇ نەچچە ئوغۇللار بىلەن تورخانىغا كىرىپ بولغاندۇ ئىشقىلىپ تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم سۇسلىشىشقا باشلىدى . تۇرۇپلا ئۇ كۈزۈمگە سەت كۈرۈنگەنمۇ بولدى لىكىن نېمە ئامال . ئويلاپ باقسام ئۇ چاغدا شۇنچىلىك نادانكەنمەن ئىنسان بەزىدە شۇنچىلىك ئاجىزكەن ئەگەر بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى بالدۇراق ئويلىغان بولسام بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى شۇ چاغدا قىلماسلىقىم مۇمكىن ئىدى لىكىن تۇرمۇشتا ئەگەر دىگەن بۇ سۆز يوقتە . مۇھەببەتنىڭ شەخسىيەتچىلىكى مىنىڭ كۈزۈمنى كۆرمەس قۇلۇقۇمنى ئاڭلىماس قىلىۋىتىپتىكەن .
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ تېلغۇن قىلدى بۈگۈن كەچ سائەت 12 دە مەكتىپىنىڭ يان تەرىپىدە ساقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم . مەن سائەت 11 بىلەنلابېرىپ بولغان ئىدىم . شۇ يەردە تۇرۇپمۇ يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىم ئۈزۈمنى تولىمۇ ئەخمەقتەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم ئاڭغىچە ئۇ مەكتەپتىن چىقىپ مىنىڭ قېشىمغا كەلدى قاملاشمىغان يېرى ئۇ يەنە ھېلىقى ئادىشىنى بىللە ئېلىپ چىققان ئىدى . لىكىن بۇرۇنقىدەك ئۇنچە ئاچچىقىم كەلمىدى
چۈنكى بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئەمدى سۇسلىشىشقا باشلىغان بولىشى مۇمكىن .
ياكى نەچچە كۈننىڭ ياقى قۇرۇق خىيالنى قىلىۋەرگەننىڭ پايدىسى شۇ بولسا كېرەك .
شۇنداق قىلىپ تورخانا تەرەپكە ماڭدۇق ئادەتتە بۇندا كەچتە تاكسى يوق ئىدى شۇنىڭ بىلەن مېڭىپ ماڭدۇق . ئۇنىڭ مەكتىپىنىڭ يېنىدا بىر سۈننىي تاغ بار ئىدى تۇرۇپلا ئۇ ئۈستىگە چىقايلى دەپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈستىگە چىقىدىغان بولدۇق لىكىن ئۇنىڭ ئادىشى ئالدىنقى قېېتىم دىگەن گېپىمدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىمۇ مەن پەستە تۇرۇپ تۇراي سىلەر چىقىپ چۈشۈڭلار دىدى شۇنىڭ بىلەن بىز چىقتۇق ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن يول تەرەپتە بىر قانچە ئادەمنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى . قارىماققا ئۇرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى دەسلەپ مەن ئاڭلاپ ئانچە پەرۋا قىلمىدىم . لىكىن ئۇ بىردەم تۇرىۋېتىپ
- ھەي ئاۋۇ ئۇرىشىۋاتقان مىنىڭ ئادىشىمكەن ھېي ماڭا پەسكە چۈشەيلى دىدى
شۇنىڭ بىلەن پەسكە چۈشتۇق . قارىسام راس دىگەندەك ئۇنىڭ ئادىشى ئىدى ئۇ پەستە تۇرسا نەدىن كەلدى بىرقانچە مەس بىرنېملەر كىلىپ ئۇنى گەپكە ساپتىكەنمۇ دەيمەن ئۇ سېسسىق گەپ قىلسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرشۇپ قاپتۇ . مەن ھېچ ئىشتىن بىخەۋەرلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇدۇم . ئاڭغىچە مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىرسى ئالدىمغا كەلدى . قارىسام تولۇقسىزدا مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بىرنېمە خۇشاممۇ يوق سۇلامچىتى كۈزەمگە سەت كۈرىنىدىغان
ئۇ ئالدىمغا كىلىپلا
- ماۋۇ سىنىڭ مۇھەببىتىڭمىتى ھېي ؟
دەسلەپ ئاڭلاپ مەن تېخى مەن ياخشى كۈرىدىغان قىزنى دىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ئەسلى ئۇ قىز ئۇلارغا مىنىڭ مابىتىم ھازىر كىلىدۇ كەلگەندە كۆرگۈلىكىڭنى كۈرىشىسە دەپتىكەن . مەن بۇ ئىشلارنى ئۇقمىغاچقا خىيالىمدا يوق دەپ ساپتىمەن.
- ھەئە مىنىڭ مۇھەببىتىمتى قانداق ؟
تۇيۇقسىز كۈزەمگە تەككەن بىر مۇشتىن چۈچۈپ كەتتىم پۈتۈن بەدىنىم قىززىپ ئوت كەتكەن ئىدى