مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4038|ئىنكاس: 51

يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ھەققىدە( [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9935
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6300
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 07:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify](ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار: ئىسمىمنى ئارمان0903دەپ تىزىملاتقان. بىراق ئارمان093بولۇپ قاپتۇ. ئۆزگەرتكىلى بولارمۇ؟)
ئالدىنقى ھەپتە نوكىيانىڭ پارامىتىرلىرى دەپ بىر تېما يوللىغان. قارىسام تورغا بىكارغا چىقىدىغانلارمۇ كۆپرەك ئىكەن. تولىسى نوكىيانى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشلەپ چىقارغان دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ.
نوكىيا فىللاندىيەنىڭ ماركىسى. بىرنەچچە تورداش  بۇ توغرىسىدا خېلى ئەتىراپلىق چۈشەنچە بىرىپتۇ. لېكىن باشقىلار يەنىلا چۈشەنمەپتۇ. ئاللا خالىسا سىلەر دىگەندەك قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ لاردىمۇ نوكىيالار ئىشلەپ چىقىرلىپ قالار. بەس~!
نوكىيا فىللاندىيەنىڭ ماركىسى:نوكىيا" (nokia) دېگەن بۇ ماركا بولسا فېنلاندىيە (芬兰) نىڭ ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىنلەيدىغان (يانفۇن،خەلىقئارالىق تور،IT) شىركەت _ نوكىيا شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ماركىسىدۇر . بۇ شىركەت 1865-يىلى فېنلاندىيىنڭ شىمالىدىكى بىر دەريا بويىدا بىر  ياغاچچىلىق زاۋۇتىدىن ھازىرقى دۇنياغا داڭلىق خەلىقئارالىق شىركەتكە ئايلاندى. بۇ شىركەت دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا (2009-يىلى) ئىچىدە 85 ىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . پۈتكۈل يەر شارىدا جەمئىي 9 ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار بولۇپ ئۇنىڭ  4 ى ئاسيادا، 3 ى ياۋرۇپادا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامرېكىدا 1 دا . بۇ شىركەت 2005-يىلى جوڭگۇدا تۇنجى مۇلازىمەت ۋە ئېشلەپچىقىرىش تارماق شىركىتىنى قۇرغان .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ئەرەبلەرنىڭمۇ ياكى يەھۇدىيلارنىڭمۇ بۇ مۇھىم ئەمەس، بەلكىم سىز ۋە بىز يەۋەتقان، ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇلارنىڭ، ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر بىزنىڭ بولىشى مۇمكىن، دۇنيا ئىقتىسادى بىر-برىگە چەمبەرچاس باغلانغان. بۇنى ھەرگىزمۇ خالىغان بىر نۇقتىدىن ئۈزۈپ تەسۋىرلەش مۈمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا بۇ توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزە قىلماي ئۆزىمىزگە كىرەكلىك يەرلىرى بولسا پايدىلىنايلى بولمىسا مۇنبەرنى قالايمىقان قىلمايلى~!
_______________________________________
(ئالدىنقى تېمامنىڭ داۋامىنى شۇ تېما ئاستىغا داۋاملىق يوللايمەن، مۇنۇ تورخانىدا بارماق دېسكىنى تونىمىغاچقا، ئىچىدىكى ماتېريالنى ئېلىشقا ئامالىسى قېلىپ، مۇنۇ تېمىنى يوللاۋاتىمەن)

يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىGPS全球定位系统

ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دىگەن بۇ سۆز ھازىر ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەس، تېلفون سېتىۋالغاندا كۆپۈنچە كىشىلەر ھەقىقى ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى بولغان يانفوننى ئېلىشقا ئىنتىلىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ توغرىسىدىكى بىلىمنىڭ كەمچىللىك سەۋەبىدىنمۇ كۆزلىگەن مەقسەت يىتەلمەيۋاتىدۇ.

ئالدى بىلەن يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي:
يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) بولسا ئامىركا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200مىرلىياد ئامىركا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستىمېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سېستىما قۇرۇقلۇق، دېڭىز، بوشلۇق تولۇق قاپلانغان ئورۇن بېكىتىش رولىغا ئىگە. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەش تارماقلىرى مەزكۇر تېخنىكىنى يەر ئۆلچەش ، قۇرلۇش ئۆلچەش ، بوشلۇقتا سۆرەتكە ئېلىش ، يەر پوستىنىڭ يوتكىلىشىنى كۆزىتىش ، قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ۋە بايلىقلارنى تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھالەرگە ئىشلىتىپ، ئولچەش ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭقۇر تېخنىكىلىق ئىنقىلاپ قوزغىدى.
يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) ئامىركىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇنئىي ھەمراھ يولباشلاش سېستىمىسى. بۇ سېستىما تىرانزىت ھەمراھىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسىغا ئوخشاش، يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى، بوشلۇق قىسمى ، يەر يۈزىدىن كۆزىتىش ۋە ئابونتلار قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق 3قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.
  ھازىرقى لايىھەدە يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ، بوشلۇق قىسىمى ئېگىزلىگى 20000مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان. 24+3 دانە سۈنئىي ھەمراھ يۇمۇلاق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 11سائەت 58 مىنۇت، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ئوربىتا يولىغا بۆلۇنگەن(ھەر بىرسىدە 4 دانىدىن سۈنئى ھەمراھ بار)، ئوربىتىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭى 55 گىرادۇس. سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سىگىنال تارقىتىش دائىرىسى يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا 4 تىن يۇقىرى سۇنئىي ھەمراھنىڭ سىگىنالىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ۋە ئېنقلىغى يۇقرى بولغان گىئومىتىريىلىك رەسىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت، ھەرجايدا يولباشلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.  يەر ئۈستى كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز ئىچىدىن 4 بۆلەككە بولۇنگەن. كىرگىزۇش پونكىتى ۋە ئاساسىي باش پونكىتغا بۆلىنىدۇ. كۆزىتىش پونكىتىدە GPSئابونتلار قوبۇل قىلغۇچ. ئاتوملۇق سائەت، يەرلىكنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى يىغىدىغان سېزور قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆزۇتىش پونكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۇنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي پونكىتغا يوللاپ بېرىش. ئاساسىي پونكىت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرلدۇ. ئۇ يەر ئۇستى كۆزىتىش بۆلىكىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق پونكىتنىڭ ۋەزىپىسى ھەرقايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى قوبۇل قىلغان GPS سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر GPS سۇنئىي ھەمراھيىنىڭ ئوربىتىسى ۋە سۇنئىي ھەمراھ سائىتىنى توغۇرلايدۇ. كىرگۇزۇش پونكىتىمۇ ھاۋا ئارمىيىسنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى- ھەربىر سۇنئىي ھەمراھ قوزغۇلۇپ بوشلۇققا چىققىچە بولغان ۋاقىتتا يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئاساسىي پونكىتتىن چىققان بۇيرۇقلارنى سۇنئىي ھەمراھغا كىرگۇزۇش، ھەربىر GPS سۇنئىي ھەمراھىغا بۇنداق كىرگۇزۇش كۇندە بىر قېتىم ئېلېپ بېرىلىدۇ. ھەم سۇنئىي ھەمراھ كىرگۇزۇش پونكىتىنىڭ دائىرسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرگۇزۇلىدۇ.
يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھازىرقى ئەڭ ياخشى يولباشلاش ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى . ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق، يۇمشاق دېتاللارمۇ مۇكەممەللەشمەكتە. ئىشلىتىش دائىرسى ئۇزلۇكسىز كېڭەيمەكتە. ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەتمەكتە. ھەم ئاستا ئاستا كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە.
  GPSدېگەن نېمە؟ بۇ كۆپچىلىككە ئايدىڭ. ئۇ بىر سۇنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى. بىراق بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق قانداق GPS مەھسۇلاتلىرىنى تاللايمىز؟ بىز بىرلىكتە GPS نىڭ ئىجرا بولۇش قائىدىسىنى ۋە تۇرلىرىنى چۇشۇنۇپ باقايلى.
  
GPS يولباشلاش، ئورۇن بەلگىلەشكە دائىر مەھسۇلاتلار
  GPS ئورۇن بەلگىلەش مەھسۇلاتلىرى توشۇش شەكلى بويىچە ماشندا يوتكەش،پاراخوتتا يوتكەش، ئاۋىئاتسىيەدە يوتكەش، ئالەم قاتنىشى (بومبا يوتكەش، راكىتا يوتكەش، سۇنئىي ھەمراھ يوتكەش)؛ ئېنىقلىغى بويىچە ئادەتتىكى يولباشلاش (ئېنىقلىغى 10مېتىر)، يۇقرى دەرىجىلىك يولباشلاش(ئېنىقلىغى مېتىرنىڭ ئىچىدە)، ئالىي دەرىجىلىك يولباشلاش(10سانتىنىڭ ئىچىدە)؛ بوشلۇق ھالىتىگە قاراپ تۆۋەن بوشلۇقتىكى، ئوتتۇرا بوشلۇقتىكى ، يۇقرى بوشلۇقتىكى قاتارلىق تۈرلىرى بار. كىشلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغا تەلىپىمۇ ھەرخىل بولماقتا. بىز سىلەرگە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەمىنلەيمىز.
  
  يولباشلاش دېگەن نېمە؟
  يولباشلاش بولسا بىر تېخنىكىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى. ئۇ ئايروپىلان، پاراخوت، ماشىنا ۋە ئادەملەرنى بىخەتەر، توغرا بولغان يول بويىچە، دەل ۋاقتىدا كۆزلىگەن جايىغا باشلاپ ئاپىرىشتىكى بىر خىل ۋاستە. يول باشلاشنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى جاۋاب بېرىش : ھازىر مەن نەدە؟ مەن نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟
يولباشلاش بولسا يولباشلاش سېستىمىسى ئارقىلىق يولباشلاشنى تاماملايدۇ. يوتكەش، قاچىلاش ئوبىكىتلىرىدىكى يولباشلاش ۋە باشقا يولباشلاش ئۇسكىنىلىرى ھەممىسى يولباشلاش ئىستانسىنى ئىشلىتىدۇ. يولباشلاش ئىستانسىنىڭ ئورنىدىن كۆرگەندە ئاساسلىق مۇنۇلار بار:
   قۇرۇقلۇق يولباشلاش سېستىمىسى- يولباشلاش ئىستانسى قۇرۇقلققا قۇرۇلدۇ. يولباشلاش ئۈسكىنىسى بىلەن يولباشلاش ئىستانسىسى رادىئو دولقىنى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقە قىلىدۇ.
  سۈنئى ھەمرا يول باشلاش سىستىمىسى- يولباشلاش ئىستانسى سۇنئىي ھەمراققا قۇرۇلدۇ. قاپلاش دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. يولباشلاش ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائى ئىشلىرى، ئىقساد ۋە ھەربىي ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندى. بۇگۇنكى كۇندە كىشلەرنىڭ يولباشلشقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئاشماقتا.

  يولباشلاش سېستىمسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى:
  ئادەملەرنىڭ دەسلەپتىكى يولباشلاشى تاش، دەرەخ، تاغ تىزمىسى، قاتارلىقلارنى بەلگە قىلغان. ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىشكە يەتتى. يەنى ئاسماندىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاغا قاراپ ئورۇن بېكىتكەن. جوڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى بولغان كومپاس ئىنسانلارنىڭ يولباشلاش ساھەسىدىكى بىر ئۇلۇغ كەشپىيات.
  سىمسىز يولباشلاش كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنسانلار سەپىرىدە يولباشلاش سېستمىسىغا يىڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
  
  GPS سېستمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى.
  GPS - ئاساسلىقى 3بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. يەريۇزى كونتىرول پونكىتى، سۇنئىي ھەمراھ ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىكى قوبۇللىغۇچتىن تەركىپ تاپقان.
  ئالدىدا بىز ئۈسكىنىلەرنى دەپ باقايلى. يەردە بىر ئاساسىي پونكىت بار. بۇ پونكىت ئامىركىنىڭ كولورادو دا. 3 دانە يەر يۈزى ئانتىناسى، 5 كۆزىتىش پونكىتى، يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشقان. ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات يىغىش، يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ھېسابلاش، سېستىمىغا دىئاگونوز قويۇش، سۇنئىي ھەمرانىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.
  بوشلۇقتا 27 سۇنئىي ھەمراھ بار. يەر بىلەن بولغان ئارلىقى 20200 كېلومېتىر 27 سۇنئىي ھەمراھنىڭ ئىچىدە 24 ى خىزمەت قىلىدۇ. قالغان ئۈچى بولسا زاپاس سۈنئى ھەمرا بولۇپ لازىم بولغاندا ئىشلىتىدۇ. بۇ سۇنئىي ھەمراھلار 3 ئەۋلاد 5 خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇنئىي ھەمراھ ئىككى خىل سىگىنال تاقىتىدۇ: L1ۋە L2. L1نىڭ چاستۇتىسى 1227.60MHZ. L2 نىڭ چاستۇتىسى1575.42MHZ . سۇنئىي ھەمراھنىڭ سائىتىگە سىزىي ئاتاملۇق سائەت ياكى رۇبىدىي ئاتوملۇق ئىشلىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە ھىدىروگىن ئاتوملۇق سائەت ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا، بۇ سائەتلەر بىزنىڭ قولىمىزدىكى كۇۋارتىس سائەتتىنمۇ توغرا ماڭىدۇ.
  قولىمىزدا بولسا GPS قوبۇللىغۇچ بولىدۇ. بۇنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكىلىرى بار. قول تاقايدىغان، ماشنلارغا قويىدىغان، پاراخوتلارغا قويىدىغان... قاتارلىقلار. ئادەتتە قولدا تاقايدىغانلىرىنىڭ سىگىنالى L1بولىدۇ. يەنە قوش سىگىناللىق قوبۇللىغۇچلار ئىنچىكە ئورۇن بېكىتىدۇ.

  GPSقوبۇللىغۇچ توغرىسىدا
  GPS لارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە 12 قاناللىق بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 12 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇرۇنقى تىپدىكىلەر مەسلەن : GARMIN 45cبولسا 8 قاناللىق، بىر ۋاقىتتا 3 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. چىقىرىدىغان ئۇچۇرى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇچۇر. پەقەت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى بار. ئېگىزلىكى يوق. ئەگەر 4 تىن يۇقرى سۇنئىي ھەمراھ ئۈچۈرىنى قوبۇل قىلسا 3 ئۆلچەملىك ئۇچۇر چىقىرىدۇ. يەنە دېڭىز يۇزى ئېگىزلىگىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق جۇغراپىيەلىك ئامىل تۈپەيلى چىقىرىپ بەرگەن دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكى ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس. ھازىر بەزى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئىچىگە بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسلەن: etrex نىڭ SUMMIT ۋە VISTA . بۇ ئۈسكىنلەر ئىككى قانال بىلەن ئۇنۋىرسال دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئۆلچەملىك .
  GPS قوبۇللىغۇچنى تۇنجى قېتىم ئاچقان چاغدا ياكى ئالدىنقى قېتىم ئاچقان ئارلىقى بىلەن 800 كېلومېتىر ئېشىپ كەتسە قوبۇللىغۇچنى يېڭىدىن تەڭشەيمىز.

  ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىغى
  بىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئورۇن بەلگىلەش ئىنىقلىغى SA ۋە AS نى كۆرسىتىدۇ.
  SA ۋە AS دېگەن نېمە؟ بۇنى باشتىش سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
  GPSنىڭ C/Aكودى ۋە P كودى دىن ئىبارەت ئىككى خىل سىگىنالى بولىدۇ .C/Aكودىنىڭ خاتالىق پەرقى 29.3m~2.93m بولدۇ. ئادەتتىكى قوبۇللىغۇچلار C/Aكودى ئارقىلىق ھېسابلايدۇ. ئامىركا 90 يىللاردا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئويلىشىپ SA سىگىنالىنى قوشتى. قوبۇللىغۇچنىڭ ئېنىقلىغى 100mدىن ئېشىپ كەتتى. 2000 يىلى 5 ئاينىڭ 2 كۈنى SA نى ئەمەلدىن قالدۇردى. بىز ئىشلىتىۋاتقان قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئېنىقلىغى 20m ئىچىدە.
P كودىنىڭ ئېنىقلىغى 2.93m~0.293 غىچە. C/Aكودىنىڭ 10دەن 1رىغا تەڭ. بىراق p كودىنى ئامىركا ئارمىيىسى ئىشلىتىدۇ. AS بولسا P نىڭ ئۇستىگە كاشىلا سىگىنالى ئورناتقان.
  قىسقىسى، ئامىركىمۇ ناھايتى ھارغانىدى. بىرپاتمان ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسنى كەشىپ قىلىپ، ئاخىرسىدا ئەرزىمىگۇدەك دەپ ھېس قىلىپ، پۇل تاپماقچى بولغان. خەلق ئىشلىرىغا سىگىنالنىڭ ئېنىقلىغى بەك يۇقرى بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. بىراق بەك تۆۋەن بولسا كۆپچىلىك تىللاۋاتقان. GPS سېستىمىسى ئامىركىنىڭ قولىدا بولغاچقا،گەرچە ھەقسىز دېگەن بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ.
  ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئامىركا شۇ رايوننىڭ GPS سىگىنالىغا ھىيلە ئىشلەتكەن، ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىغنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. شۇڭا ھەممىسى ئۆزىنىڭ GPSسېستمىسىنى كەشىپ قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئامىركىنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
  روسىيەنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستمىسى- يەرشارى سۈنئى ھەمرا يولباشلاش سىستېمىسى (GLObal NAvigation Satellite System) بار. ياۋرۇپانىڭ ئورۇن بەلگىلەش - NAVSAT. جوڭگونىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستمىسى بار. ئىسمى- چوڭ چۈمۈچ يۇلتۇزى (北斗). پەقەت ئۆز دۆلەت دائىرسى ۋە قوشنادۆلەتلىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىدۇ ۋە يەنە جوڭگو ئارمىيسى ئىشلىتىدۇ.
GPS ئىشلىتىش بىلىملىرى
GPSنى قولغا ئالغان ۋاقىتتا، ئەگەر يېڭى بولسا ئورۇن بەلگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىبىر تەڭشەكلىرى بار. ئادەتتە كوردىنات سېستمىسى خەرىتىنى توغۇرلاش، پايدىلىنىش يۈنۈلىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى، ئۇزۇنلۇق بىرلىكى.
كوردىنات سېستمىسى: LAN/TOP,UTM . lan/top ئىپادلىگىنى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك، UTM - ۋاقىت.
خەرىتىنى توغۇرلاش: ئادەتتە WGS84.
پايدىلىنىش يۈنۈلىشى: شۇ شىمالنى كۆرسىتىدۇ، شىمال قەيەردە؟ ئەمىلىيەتتە ئىككى شىمال بار. ماگىنىتلىق شىمال ۋە ھەقىقىي شىمال (CB ۋە ZBY) كومپاس كۆرسەتكەن بولسا ماگىنىتلىق شىمال. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرسەتكىنى بولسا ھەقىقىي شىمال. ئىككىسىنىڭ ئوخشىمىغان رايوندىكى بۇلۇڭ پەرقى ئوخشىمايدۇ. خەرىتىدىكى شىمال ھەقىقىي شىمال.
مېتىر سېستىمىسى ۋە ئىنگىلىز سېستىمسى : مەن مېتىر سېستىمىسنى تاللىدىم.
ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى : بۇيەرە تەپسىلىي سۆزلەي، GPS راس ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرىنى باشقا ئەسۋابلارغا چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە چېتىلىدۇ. بارلىق ئىشلىتىۋاتقان GPS قوبۇللىغۇچلانىڭ ھەممسى بىردەك ئامىركا دېڭىز ئوكيان ئېلىكتىرون بىىرلەشمىسى (National Marine Electronics Association) بېكىتكەن ئاساسىي ئۆلچەمنى بىرلىك قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم دېڭىز ئوكياندا ئىشلىتىدىغان ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ئۆزئارا ئۈچۇر ئالماشتۇرۇشتىكى ئۆلچىمى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتىريال يەتكۇزۇش شەكلى شۇنداقلا ماتىريال يەتكۇزۇشتىكى ئالاقە كېلىشىمى. NMEA كېلىشىمىنىڭ 0180،0182ۋە 0183 قاتارلىق 3 خىلى بار. 0183 بولسا ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئقىتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. 0183 نىڭ بىر نەچچە خىل نەشىرى بار، v1.5 ۋە v2.1 . شۇڭلاشقا، كۆپچىلىك خاتىرە كومپىيۇتىرغا GPS قوبۇللىغۇچ ئۇلىغان چاغدا ئورتاق ئىشلىتىدىغان GPS يولباشلاش سېستمىسنى ئىشلىتىش كېرەك، مەسلەن OZIEXPLORER ۋە GPSRECEIVER. شۇنداق بولغاچقا v2.0 NEMA دىن يۇقرى بولغان كېلىشمنى تاللىشىمىز كېرەك.
NEMA بەلگىلىگەن ئالاقە سۇرئىتى 4800b/s. ھازىرقى بەزى قوبۇللىغۇچلار بۇنىڭدىنمۇ تېز سۇرئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.بىراق بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. 4800بولسىلا كۇپايە.
  GARMIN نىڭ ئۆزىنىڭ بىر mapsource دېتالى بار. باشقا ماركىدىكى GPS لانىڭ بۇنى ئىشلىتىۋلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس GARMIN كېلىشىمى لايھىلىگەن. پەقەت GARMIN قوبۇللىغۇچلارلا بۇنداق ئۇچۇرنى چىقىرالايدۇ.
ھالبۇكى MAPSOURCE پەقەت GARMIN كېلىشمىنىلا قوبۇل قىلالايدۇ،بۇنداق بولغاندا MAPSOURCE نى GARMIN نىڭ ئەسۋاپلىرىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
  ئۈزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى
  بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىپادىلىنىشنى دەپ باقايلى. ئادەتتىكى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكنى ئىپادىلىشى نەچچە خىل بولىدۇ
1.) ddd.ddddd

2.) ddd.mm.mmm

3.) ddd.mm.ss (بۇنىڭدىكىd-گىرادۇس، m- مىنۇت، s- سىكۇنت)

  بارلىق GPS قوبۇللىغۇچلار بۇنداق ئەمەس. 1 گىرادۇس قانچىلىك يىراقلىق بولىدۇ؟ LAN/TOP كوردىنات سېستمىسىدا كەڭلىك گىرادۇسى ئوتتۇرچە بۆلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە 180 گىرادۇس، يەرشارىنىڭ دېئامىتىرى 12756 كېلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى *pi12765 بىر كەڭلىك گىرادۇسى 12756×PI /360 = 111.133 KM.
  ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئوخشىمايدۇ. پەقەت كەڭلىك گىرادۇسى 0 بولغاندا. دېمەكچى بولغىنىم ئېكۋاتورنىڭ ئۇستىدە- بىر ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئارسىدىكى ئارلىق 111.319KM. مېردىئان سىزىقى ئارىسىدىكى ئارلىق كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدۇ. جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇپقا بارغاندا ئارلىق 0 بولىدۇ. مېردىئان 1گىرادۇس ئۇزۇنلۇق=111.413cosφ (ئىپادىمۇ ئانچە توغرا ئەمەس ، ئادەم ئالداشقا بولىدۇ).
مىسال ئىشلەش : بېيجىڭنىڭ مېردىئان گىرادۇسى 119گىرادۇس، كەڭلىك گىرادۇسى 40گىرادۇس. ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى ۋە ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى قانچە؟
جاۋاب: ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى 111.133KM، ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى 111.413×COS 40 = 85.347KM
  بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسەت مېردىئان گىرادۇسى ۋە كەڭلىك گىرادۇسىنى ئوڭاي چۇشىنىش ئۈچۈن.
1) ddd.ddddd ،بېيجىڭدا،بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز ؟
  تەخمىننەن m 1.1 مېردىئان سانىغا 1نى قوشسىڭىز ؟ يەنە ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 0.85m

2) ddd.mm.mmm، بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟
تەخمىنەن 1.85m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ 1.42m

3)ddd.mm.ss بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 30.9m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن

  بارلىق GPS قوبۇللىغۇچلار بۇنداق ئەمەس. 1 گىرادۇس قانچىلىك يىراقلىق بولىدۇ؟ LAN/TOP كوردىنات سېستمىسىدا كەڭلىك گىرادۇسى ئوتتۇرچە بۆلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە 180 گىرادۇس، يەرشارىنىڭ دېئامىتىرى 12756 كېلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى *pi12765 بىر كەڭلىك گىرادۇسى 12756×PI /360 = 111.133 KM.
  ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئوخشىمايدۇ. پەقەت كەڭلىك گىرادۇسى 0 بولغاندا. دېمەكچى بولغىنىم ئېكۋاتورنىڭ ئۇستىدە- بىر ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئارسىدىكى ئارلىق 111.319KM. مېردىئان سىزىقى ئارىسىدىكى ئارلىق كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدۇ. جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇپقا بارغاندا ئارلىق 0 بولىدۇ. مېردىئان 1گىرادۇس ئۇزۇنلۇق=111.413cosφ (ئىپادىمۇ ئانچە توغرا ئەمەس ، ئادەم ئالداشقا بولىدۇ).
مىسال ئىشلەش : بېيجىڭنىڭ مېردىئان گىرادۇسى 119گىرادۇس، كەڭلىك گىرادۇسى 40گىرادۇس. ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى ۋە ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى قانچە؟
جاۋاب: ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى 111.133KM، ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى 111.413×COS 40 = 85.347KM
  بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسەت مېردىئان گىرادۇسى ۋە كەڭلىك گىرادۇسىنى ئوڭاي چۇشىنىش ئۈچۈن.
1) ddd.ddddd ،بېيجىڭدا،بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز ؟
  تەخمىننەن m 1.1 مېردىئان سانىغا 1نى قوشسىڭىز ؟ يەنە ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 0.85m

2) ddd.mm.mmm، بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟
تەخمىنەن 1.85m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ 1.42m

3)ddd.mm.ss بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 30.9m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 30.9m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 23.7m

____________________________________________________
خاتىمە.:
يانفون ئورۇن بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يونفوننىڭ ئىچىدە  ئورۇن بەلگىلەش ئۆزىكى بولىشى كىرەك. بۇنى قانداق بىلىمىز دىگەندە يانفوندا يانفون بىلەن تەمىنلەنگەن خەرىتە بولسۇن، گوگلېنىڭ خەرىتىسى بولسۇن ۋە باشقا خەرىتە بولسۇن، شۇ خەرىتىگە كىرگەندىن كىريىن سىز ھېچقانداق ئورۇن ئىسمىنى كىرگۈزمەي، مىنىڭ ئورنۇمنى بەلگىلەش دىگەن تىزىملىكنى چەكسىڭىز خەرىتىدىن سىزنىڭ ئورنىڭىز تېپىلسا (خاتالىق پەرقى 200مىتىردىن ئاشمايدۇ، دىمەك كوچا مەھەللدىن باشلاپ ئىنىق كۆرۈتىدۇ) بۇ يانفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئۆزىكى بار ئىكەن دەپ خاتىرجەم سېتىۋالىسىڭىز بولىدۇ. شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كىرەككى. بەز يانتېلفونلار جېي پى ئەس ئېقىم مىقتار ھىسابلايدۇ. بەزى يانتېلفونلار ئۆزىدىكى خەرىتە بىلەن چىقىدۇ ئېقىم مىقتارى ھېسابلىمايدۇ. ھەتتا سۆزلىشىش كارتىسىنى چىقىرۋالغان تەقدىردىمۇ سۈنئى ھەمراغا ئۇلىنىپ يول باشلاۋىرىدۇ. ئېقىم مىقتارى ھېسابلىغان ئەھۋالدا سىز يۈرۈش ئېىقىم مىقتارى تۈرىنى تالللىسىنىڭز مەسىلەن: ئايدا 5يۈەنلىك ئېقىم مىقتارى كەسپىنى ئاچسىڭىز 30مېگا بايتېس ئېقىم مىقتارى سوۋغا قىلىدۇ.. بۇنچىلىك ئېقىم مىقتارى يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى مەيلى ئېقىم مىقتارى ھېسابلىسۇن مەيلى ھېسانلىمىسۇن پەقەت سىزنىڭ ئورنىڭىزنىڭ خەرىتىدىن كوچا مەھەللىگىچە ئىنىقلىقتا كۆرسىتىپ بىرەلىسە ئۆزىدە ئورۇن بەلگىلەش ئۆزىكى بار دىگەن گەپ.
______________________________________
تورداشلارنىڭ قۇرۇق ئىنكاسلارنى ئاز يېزىپ ئۆزىگە كىرەكلىك مەزمۇن بولسا پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مۇشۇنچىلىك مەزمۇننى يېزىپ بولماق ئاسان ئەمەسكەن، بەزىسىنى تەرجىمە قىلدىم. بەزىسىنى ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىگە ئاساسەن يازدىم.

[align=justify]____________________________________________

[align=justify]مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە ۋە ئۆزەمنىڭ بىلىمى،
http://baike.baidu.com/view/628443.htm?fr=ala0_1_1

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
korkam + 50 پايدىلىق بىلىم.
تەكلىماكان + 698 نادىر تىما
kokyal + 99 بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 847   باھا خاتىرىسى

مەن ياشاش ئۈچۈن يەپ ئىچىمەن~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9935
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6300
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 07:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمامنىڭ ھەجمى سەل كۆپ بولۇپ قالدىمۇ نىمە؟ بىرەر تالمۇ ئىنكاس يوققۇ؟ يا ئاز يازاي دەپ ئاز يازغىلى بولمىسا بۇنى. ھېلىمۇ خېلى قىسقارتقان بولمىسا~!

مەن ياشاش ئۈچۈن يەپ ئىچىمەن~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4638
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28237
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 3118 سائەت
تىزىم: 2010-7-24
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sony Erisccon w760  ماۋۇ تىلفۇنغا ماس كىلدىغان ئۇيۇن ۋە gps سىستىمىسى بولسا ماڭا يوللاپ بەرسەڭلەر بۇلامدۇ؟

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 1734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2919
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:20:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىن مۇشۇ سىستىمىنى چۈشۈرگىلى بولامدۇ ؟

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

بەختىم سەن ئالتۇ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4783
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 3782 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:22:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت............
بولسا مۇشۇ gps قوللايدىغان Nokia تىلىفۇنلارنىڭ ئىسمىنى بىر ئاتىۋەتكەن بولسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولاتتىم. [s:47]

ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەۋاتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دائىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9935
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6300
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت JOKER كە 2010-09-14 08:18 PMئەۋەتىلدى :
sony Erisccon w760  ماۋۇ تىلفۇنغا ماس كىلدىغان ئۇيۇن ۋە gps سىستىمىسى بولسا ماڭا يوللاپ بەرسەڭلەر بۇلامدۇ؟

سىز تېڭشۇن تورىغا چىقىپ تېلفونىڭىزغا ماس كىلىدىغان گوگلې خەرىتىسىدىن چۈشۈرۈڭ. ئاندىن، تىزىملىكتىن  ئۆز ئورنۇمنى بەلگىلەش دىگەن تىزىملىكنى بېسىڭ. ئورنىڭىزنى مۇۋەپىقىيەتلىك تېپىپ چىقسا، باشقا ياخشىراق(جوڭگو ئۈچۈن ئىشلەنگەن) خەرىتىلەرنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مەن ياشاش ئۈچۈن يەپ ئىچىمەن~!

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55608
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 2459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195823
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن   بۇ مەسىلىلەردىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، مۇكاپاتلاشتىن باشقىنى قىلالمىدىم ، ياخشى يېزىپسىز دىگەندەك قۇرۇق ئىنكاسلارنى يېزىشقا بولسا كۆڭلۈم كۆتەرمىدى.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8367
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9618
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 926 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت............ ]kSGR  
بولسا مۇشۇ gps قوللايدىغان Nokia تىلىفۇنلارنىڭ ئىسمىنى بىر ئاتىۋەتكەن بولسىڭىز

ئاللاھ ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6621
تۆھپە نۇمۇرى: 285
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 08:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت Janpolat كە 2010-09-14 08:25 PMئەۋەتىلدى :
مەزمۇننى قايتا يوللىۋېتىپسىز تۈزتۋېتىڭ.
چاپلىن توردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ،لېكىن ھەقلىق ئىشلىتىسەن.كىنولاردا كۆرگەندەك ماشىنا،ۋە ئادەمنىڭ نەدە تۇرغانلىقىنى،قەيەرگە ماڭغىننى بىلەلەيسەن.ئامىرىكىنىڭ بۇ يىل ئەڭ يېڭى بازارغا سالغىننى ئىشلەتسەك ئادەمنى
بىنانىڭ ئۈستىدىن كۆرەندەك كۆرۈپ تۇرىسەن.بڭر ئايلىقى 650دوللار.ئېنىقلىقى
5مېتىر.جۇڭگونىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 100مېتىر دائىرە ئىچىدە.

مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ تېخى، مەن زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمەن جۇما، ھېچنەرسىدىن بىخەۋەرلا.
ئاللا ئاللا ئۇيقۇمدىن ئويغىناي جۇما ئاستا!!~!~!~!

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش