كاككۇك قونغان تال
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس،
سۆيگەن چىرايلىق.
ئاھ چۇغلۇق ، ئاھ قىزىل لالە ! ...
بىلەمسەن ، لالە ، مەن ساڭا كۆيگەنىدىم . ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ، سەن ماڭا بىپەرۋا قارايسەن . شۇڭا مەن «لالە مېنى ياقتۇرمىسا كېرەك» دەپ چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم . مانا شۇنداق كۈنلەردە دوستۇم ياسىن ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى .
مەن گۆدەك چاغلىرىمىدا تولىمۇ شوخ ئىدىم .
كىچىكىمدىن باشلاپ دىلبەر بىلەن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغانمەن . دىلبەر بىلەن يېشىل چىمەنلىك ئۆستەڭ بويلىرىدا ، ئويناق تاغ سۈيى ئويناپ ئۆتىدىغان دەريا بويلىرىدا ، ياپيېشىل توقايلاردا ، كاككۇكلار تىنماي سايراپ تۇرىدىغان بۈككىدە قاراڭغۇ بوستانلاردا ، قاپاق سايىلىرىدە بىللە ئوينىغانمەن . تاغلارغا چىققاندا ، دىلبەر ئۈچۈن تاغ گۈللىرىدىن گۈلدەستە ياساپ بېرەتتىم . دىلبەرنى يۈدۈپ دەريالاردىن يالىڭاياغ كېچىپ ئۆتەتتىم . يۇلغۇنلار چىرايلىق گۈللىگەن توقايلاردا دىلبەرنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرمىسۇن دەپ ، چاپىنىمنى سېلىپ ياتقۇزۇپ قوياتتىم . ياز ئاخشاملىرى پاكار-پاكار يېزا تاملىرىنى ، باغلارنى ، مەسچىتلەرنى ، جىگدىلىكلەرنى ئايلىنىپ دىلبەر بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئوينايتتىم .
مەن ئۇ چاغدا دىلبەرنى بالىلىق پاك ۋە سەبىي يۈرىكىمدىن تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم . «ئاق تېرەك ...» ئوينىغان چاغلاردا ھەر دائىم دىلبەرنى قارشى تەرەپتىن ئېلىپ قاچاتتىم . دىلبەر تولىمۇ شوخ ئىدى . كىچىككىنە چىمەندوپپىسى ، ئۇششاق ، تال – تال قىلىپ ئۆرۈلگەن چاچلىرى ، كېيىكنىڭ كۆزىدەك ئويناق كۆزلىرى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق ئىدى . ئالمىدەك مەڭزى ، كۈلگەندە ھاسىل بولىدىغان مېغىزدەك چىرايلىق زىنىخلىرى ، دەل لېۋىنىڭ تېگىدىكى قارا خالى ئۆزىگە شۇنچە ياراشقان بولۇپ ، ئۈنچىدەك چىشلىرى ، تال – تال كىرپىكلىرى قوشۇلۇپ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى .
باھار كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلدى . مەن ئون بىر ياشقا كىرىپ قالدىم . ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە دىلبەر بىلەن بىللە مەكتەپكە باراتتىم ، ئاخشىمى بىللە قايتاتتىم . بىز غورىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى يىغىۋېلىپ «چېكەتمەك» ئوينايتتۇق . دەريا بويىدا سۇ چېچىپ «مارجانمۇ ، ئۈنچىمۇ ؟» دېيىشىپ ئوينايتتۇق ، قۇم لايدىن چىم –چىم ئېتەتتۇق ، سۇغا چۆمۈلەتتۇق ...
كۈنلەر ئۆتكەنىسېرى مەن دىلبەرنى قانداقتۇر بىر خىل ئۆزۈم بىلىپ بولمايدىغان ھېسىسيات بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالدىم . يۈرىكىمنى قانداقتۇر بىر نەرسە چاققاندەك ، كاۋاپ يالقۇن ئوتتا كۆيگەندەك تۇيۇلاتتى ، دىلبەرنى كۆرمىسەم چىدىيالمايتتىم . بۇ نېمە ؟ قانداق قىلىش كېرەك ؟ ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېزىمىزدىكى يىگىتلەرنىڭ مەشىرىپىگە قاتنىشىپ قالدىم . مەن بىر بۇلۇڭغا كىرىپ ئۇلارنىڭ تاماشاسىغا ، گەپ – سۆزلىرىگە قۇلاق سالدىم . ئۇلار چاقچاقلىشاتتى، ئاشنا – يارلىرى ،قىزلار توغرىسىدا پاراڭ قىلىشاتتى . شۇ مەيداندا مەن «كاككۇك قونغان تال بىلەن قىزلارنى ئۇرىسا ئۆزىگە رام قىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزنى ئاڭلىۋالدىم . سەبىيلىكىمدىن بولسا كېرەك ، بۇ گەپ بىلەن تەڭ كاككۇك قەيەردە سايرىسا شۇ يەرگە باراتتىم .
ئاخىر كاككۇك قونغان تالنى تاپتىم . بۇ تال سۆگەتنىڭ ياكى تېرەكنىڭ ئەمەس بەلكى ئېگىز ئۆسكەن ئازغاننىڭ تېلى ئىدى . ئۇنىڭىدا ئۇششاق تىكەنلەر خۇددى نەشتەردەك .تىك – تىك تۇراتتى .
مەن ئۇ چاغدا تولىمۇ نادان ئىكەنمەن . ئەتىسى سەھەردە مەكتەپكە كېتىۋېتىپ ، قولۇمدىكى كاككۇك قونغان تال بىلەن دىلبەرنىڭ پاچىقىغا بىرنى سالدىم . دىلبەر «ۋايجان» دەپ قالدى. ئۇنىڭ پاچاقلىرى قىزىرىپ ، بىر نەچچە يەردىن قىپقىزىل قان ئۆرلەپ چىقتى . دىلبەر ماڭا غەزەپ بىلەن بىر قارىدى – دە ، ئارقىسىغا قايتىپ كەتتى . مەن خۇددى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتىم ...
بىر قانچە ۋاقىت ئۆتتى . ئاتىسىنىڭ خىزمىتى يۆتكەلگىنى ئۈچۈن دىلبەرلەر كۆچۈپ كەتتى . مەن يول بويىدا كۆزۈم ياشقا تولغان ھالدا قاراپ قالدىم . ئىككىمىز گەپ – سۆز قىلىشمىدۇق . شۇنىڭىدىن باشلاپ مەن خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان كىشىدەك ، چوڭقۇر ھەسرەتكە چۆكۈپ خىيالچان بولۇپ قالدىم . مەن بەلكىم دىلبەرنى ئىككىنچى رەت كۆرەلمەسمەن ... ئاھ ... دىلبەر !
﹡ ﹡
ئالتە يىلدىن كېيىن مەن دىلبەرنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدىم . بۇ مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى . مەكتەپنىڭ ۋالىبۇل كوماندىسى بىلەن «ق» مېدىتسىنا تېخنىكۇمىغا مۇسابىقىگە چىقتىم . مەن شۇ چاغدا دىلبەرنى ئۇچراتتىم . ئۇ ماڭا قارىدى ، مەنمۇ قارىدىم ... بىز گەپ قىلىشالماي مەلۇم ۋاقىت قارىشىپ قالدۇق ...
دىلبەر مېنىڭ كۆزۈمگە گويا قىپقىزىل چوغ بولۇپ كۆرۈندى . دىلبەرنىڭ كۆزلىرى ئويچان ئىدى . ئۇ ھۆسنىگە تولۇپ رەسىدە بولغان ، بۇرۇنقى كىچىك يۈزى ئەمدى چوڭ يۇمىلاق قىزىل ئانارغا ئوخشايتتى . قارا خالى ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقانىدى . ئەمدى ئۇنىڭ بېشىدا ، بۇرۇنقى كىچىك چىمەندوپپىنىڭ ئورنىدا ھال رەڭ ھىلھىلە ياغلىق ، ئۇششاق چاچلىرى ئەمدى خۇددى بىلەكتەك چوڭ قىلىپ ئىككى تال ئۆرۈلگەن ، بىرى كەينىدە ، بىرى ئالدىدا – كۆكسى نېپىز ئانار گۈللۈك كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى . دىلبەر مېنىڭ كۆزۈمگە تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كۆرۈندى . ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرى ماڭا تولىمۇ سىرلىق بىلىندى ، مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە يالقۇندەك ، قىزىل چۇغلۇقتەك كۆرۈندى ...
مەن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم – دە ، گەپ باشلىدىم .
-ياخشىمۇسىز ، دىلبەر ؟
-ۋاھ ... سىز ياسىنمۇ ؟ ياخشىمۇسىز ؟
-قەدىر ئەھۋال ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
-ئوقۇپ يۈرۈپتىمىز ، سىز ئاجايىپ ئۆزگىرىپسىز .
-سىزچۇ ؟ مېنىڭ تاشقى دۇنيايىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ يۈرىكىم ئۆزگەرمىدى .
- ... ...
دىلبەر قىزىرىپ كەتتى . ئارىمىزدا باشقىچە گەپلەر بولمىدى . دىلبەرنىڭ ياتىقىدا مېھمان بولۇپ قايتىپ كەتتىم .
﹡ ﹡
يازلىق تەتىل ئىدى .
كۆزۈمگە يىڭناسقۇ چىقىپ قېلىپ تېڭىۋالغانىدىم . قالتىس زېرىكىپ مەدەنىيەت يۇرتىغا بارماقچى بولدۇم – دە ، ۋېلىسىپىتكە مىنىپ كوچىغا چىقىتىم . مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئالدىغا بارسام ، ساۋاقدىشىم ھەجەر بىلەن دىلبەر تۇرۇپتۇ .
-كۆزۈڭ نېمە بولدى ؟ - سورىدى ھەجەر .
-كۆزى ياماننىڭ كۆزى كور بولغان ئوخشايدۇ ، - دېدى دىلبەر ۋە مەن جاۋاب بەرگۈچە كۆزۈمگە تىكىلدى .
-كۆزۈم يامان ئەمەس ئىدىغۇ ، دىلبەر ، - دېدىم مەن ، - ھېچ كىشىگە يامانلىقمۇ قىلمىغانىدىم .
-ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز ، ئەمما مەن ئۇنتۇمىدىم ، - دېدى دىلبەر ۋە كۈلۈپ كەتتى . ھەجەرمۇ كۈلدى . شۇ چاغدا مەن بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇنقى «كاككۇك قونغان تال» ۋەقەسىنى ئەسلەپ قىزىرىپ كەتتىم .
﹡ ﹡
بۇ چاغلاردا ئاپام شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ، ئاتام شەھەرگە يېقىن دادۈيدە دادۈيجاڭ بولۇپ ئىشلەيتتى . بىر سىڭلىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى .
مەدەنىيەت يۇرتىدىن قايتىپ ئاتامنىڭ يېنىغا چىقماقچى بولۇپ ، چوڭ كۆۋرۈك يېنىغا چىققىنىمدا يەنە دىلبەرگە ئۇچرىشىپ قالدىم .
-قەيەرگە ، دىلبەر ؟
-ھەدەمنىڭ ئۆيىگە .
-ھەدىڭىزنىڭ ئۆيى قەيەردە ؟
-ئاتىڭىز دۈيجاڭ بولغان دادۈيدە .
-راستمۇ ؟
-يالغىنى يوق . ئاتام – ئاپام ئالەمدىن ئۆتۈپ ھەدەم شۇ يەرگە كۆچۈپ چىققان .
«ۋاھ ... ، -دەپ ئويلىدىم مەن ، - ئەجەبا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمە ئۈچۈن ئۇچراشمىدۇق ؟! ...»
-كۈن ئىسسىق ، ۋېلىسىپىتكە ئولتۇرۇۋېلىڭ ، دېدىم مەن . دىلبەر قارشىلىق قىلمىدى ، ۋېلىسپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇردى . ئۇنىڭ دولىسىغا مېنىڭ كۆكرىكىم ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . دىلبەرنىڭ شامالدا يەلپۈنگەن چاچلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى .
-ئايىمنىسا بىلەن تويىڭىز قاچان بولىدۇ ؟ - دىلبەرنىڭ بۇ تۇيۇقسىز سوئالى مېنى ھودۇقتۇرۇپ قويدى .
-سىز قەيەردىن بىلىسىز ؟
-دوستلاردىن ئاڭلىدىم .
مەن ئەمدى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلىپ ۋەقەنى سۆزلىدىم :
-بىلەمسەن ، دىلبەر ، مەن سېنى ياخشى كۆرەتتىم . ئەمما بىز «كاككۇك قونغان تال» ۋەقەسى بىلەن تەڭ ئايرىلدۇق . سەن كېتىپ مەن كۆپ ئازابلاندىم . كۆڭلۈم پۈتۈنلەي سەن بىلەن كەتكەنىكەن . سەن بىلەن يەنە بىر رەت كۆرۈشۈشنى زادىلا چاغلىيالمىدىم . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئايىمنىسانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ساڭا كۆپ ئوخشىشاتتى . مەن ئۇنى سېنى ياخشى كۆرگەن كۆڭلۈم بىلەن ، ساڭا بەك ئوخشاشقانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆردۈم . بىراق يەنىلا سېنى دائىم ئەسلىدىم ، ئويلىدىم ، سېنى زادىلا تاپالمىدىم . ئاخىر ئايىمنىساغا مۇنداق بىر پارچە خەت يازدىم :
«قەدىرلىك ئايىمنىسا !
مەن سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى خالايمەن . بۇلبۇل گۈلگە ئامراق ، لېكىن يەنە ئىختىيار گۈلنىڭ ئۆزىدە ،
سىزنى قەدىرلەپ ياسىن .»
ئۇزاق ۋاقىتتىن – بىر يىلدىن كېيىنرەك ئايىمنىسادىن مۇنداق بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدىم :
«قەدىرلىك ياسىن !
سىزنىڭ خېتىڭىزگە بىر يىلدىن ئاشتى . مەن بىللە يۈرگەن ، قەدىرلىگەن كىشى ئاتا – ئانا ئارزۇسى بىلەن باشقا قىزغا ئۆيلەندى . مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىم يوق . سىز سۆيۈشكە لايىق يىگىت ئىدىڭىز ، شۇ چاغلاردىمۇ سىزگە زوقلىناتتىم . ئەمما يېنىمدا بىرى بولغاچقا ، سىز بىلەن بىللە بولۇشقا ئامال يوق ئىدى . چۈنكى ئۇ چاغ مەن بىر خىل تەنتەك ھەۋەس بىلەن ئالدانغانىكەنمەن . ئۇنىڭدا ھەم ئەيىب يوق ، سىزدە ھەم . ھازىر گۈلىڭىز بولمىسا ، گۈل بۇلبۇلغا ئامراق ، بۇلبۇلغا مەڭگۈ تالىق .
سىزنى قەدىرلەپ ئايىمنىسا»
لېكىن بۇ چاغ ، دىلبەر ، سېنى ئۇچراتقان چاغلىرىم ئىدى .
ئەلۋەتتە ساڭا كۆيگەن قەلبىمنى ئۇنىڭغا بېرەلمەيتتىم ، سېنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلىيالمايتتىم ... ۋەقە شۇنداق . مېنىڭ ئايىمنىسا بىلەن توي قىلىش نىيىتىم يوق . يەككە – يېگانىمەن .
-قانداق قىلماقچىسىز ؟ - سورىدى دىلبەر .
-خۇدايىم بېرەر ...
-راسىت ، پېشانىڭىز كەڭ ، تەلىيىڭىز چوڭ ، سىزگە دائىم خۇدا تەييار قىلىپ بېرىدۇ ...
- ... ...
بىز ئۆيگە كېلىپ قالغانىدۇق . بىز شوخلىلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ چوڭ باغقا يېقىنلاشقاندا دىلبەر ۋېلىسپىتتىن چۈشتى . مەن باغقا كىرىپ كەتتىم .
باغ كەڭ بولۇپ ، ھەممە نەرسە تېپىلاتتى . باغنىڭ شەرق تەرىپى قوغۇنلۇق ، قالغان جايلىرى مېۋىلىك ئىدى . مەن شاپتۇل يەپ ئولتۇراتتىم ، ئاتام بىلەن دىلبەر كىرىپ كەلدى .
-ۋاھ ، دىلبەر ، بايا ۋېلىسپىتكە خۇددى قىزىلگۈلدەك يارىشىپسىز ، - دېدى ئاتام چاقچاق بىلەن .
-نەدىكىنى ... ، -دېدى دىلبەر ۋە قىزىرىپ كەتتى .
ئاتام چىقىپ كەتتى . مەن راسا تولۇپ پىشقان ناشېكەردىن بىرنى ئۈزۈپ كەلدىم . قوغۇن ئاجايىپ تاتلىق ئىدى . ئىككىمىز راسا مەززە قىلىپ يەپ ئاخىرى بىر تىلىم قالدى .
-ئېلىڭ ، دىلبەر .
-سىز يەڭ ، ياسىن .
ئىككىمىز خېلى تۈزۈت قىلىشقاندىن كېيىن :
-كېلىڭ ، تەڭ يەيلى ، - دېدى دىلبەر . بۇ ئاخىرقى يېرىم تىلىم قوغۇن ماڭا بەكمۇ تاتلىق تۇيۇلدى .
-ئەجەپ تاتلىقكىنا ، - دېدىم مەن .
-تاتلىقلىقىنى بىلمەيتتىڭىزمۇ ؟
-بىلەتتىم ، بىراق ھازىر بەكمۇ تاتلىق بولۇپ كېتىپتۇ ...
كەچ كىرگەندە مەن قايتماقچى بولدۇم . كاۋا چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان كىچىككىنە ئېرىق بويىدا دىلبەر مېنى ئۇزىتىپ قويدى .
﹡ ﹡
مېنىڭ دىلبەرگە بولغان مۇھەببىتىم يەنىمۇ يالقۇنجاپ كەتتى . مۇنۇ بىر كۈن مېنىڭ قەلبىمدىن زادى چىقمايدۇ :
كەچقۇرۇن پەيتى بولۇپ ، مەن شەھەردە دىلبەر بىلەن ئۇچراشقاندا :
-ياسىن ، «قىرىقكۆل» گە چىقايلى ، بەك گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ ، - دېدى ئۇ .
«قىرىقكۆل» شەھەرنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ ، ئەتراپى بۈككىدە باراقسان ، سۈيى سۈزۈك ئىدى، ئىچىدە بېلىقلار ھەريان ئۈزۈپ ئوينىشاتتى .
ئىككىمىز بىر تۈپ مەجنۇنتالنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردۇق . ئاچىققان تاۋۇزنى پىچىپ يېيىشتۇق . جىمجىتلىق ، ئۇششاق تاشلارنى كۆلگە ئېتىپ ئولتۇرىمەن . دىلبەر قولىدا ئىككى دانە چىرايلىق يەلپۈگۈچنى ئويناپ ئولتۇراتتى .
-يەلپۈگۈچنىڭ بىرى ماڭا نېسىپ بولارمۇ ؟ - دېدىم مەن سىناش نەزەرىم بىلەن قاراپ .
-خالىساڭ ، ساڭا مەڭگۈ تالىق .
-ۋاھ ، نېمىدېگەن چىرايلىق يەلپۈگۈچ ، نېمىدېگەن چىرايلىق سۆز ،ئەگەر ماڭا نېسىپ بولسا ، مەڭگۈ بەختىيار بولاتتىم .
-بەخىت ھەر قاچان سېنىڭ ئۆز قولۇڭدا .
ئوتلۇق كۆزلەر ئۇچراشتى . ياشلىق مۇھەببتىنىڭ تەڭ كېلىپ بولماس كۈچى ئوتلۇق لەۋلەردىن چاقماقتەك ئوت ياندۇردى ...
﹡ ﹡
مېنىڭ ئوقۇشۇم پۈتۈپ ، ئۇنىۋېرسىتېتقا مېڭىشىم كېرەك ئىدى . سېنتەبىر كۈنلىرى كېلىپ دىلبەرنىڭ ئوقۇشى باشلاندى . دىلبەر بىلەن ئۇچراشقان چېغىمدا :
-ئوقۇمايمەن ، - دېدى ئۇ .
-نېمە ئۈچۈن ؟
-بىلىسەنغۇ ، سۆزلەپ بەرگىنىمدەك ، بىر ئوقۇتقۇچى ماڭا تەكلىپ قويقان ، مەن رەت قىلغان . بىزنىڭ بىللە يۈرگەنلىكىمىز تۈپەيلى ھەر خىل گەپلەر چىقىپتۇ ، خىجىل بولدۇم ، ئوقۇمىسام بولغۇدەك .
-قارا ، دىلبەر ، ئوقۇش تاماملىشىڭغا بىر يىل قالدى.ئوقۇپ قال ، مېنىڭ ئۈمىدىمنى يەردە قويماسسەن ، - دېدىم مەن ، - ئادەم ھاياتتا بۇنىڭدىنمۇ زور توسقۇن ، ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ . ئادەمدە جاسارەت بولۇشى كېرەك . مەنمۇ سېنىڭ مۈشكۈلۈڭنى بىلىمەن ، بۇنى يېڭىش لازىم .
دىلبەر مېنىڭ سۆزۈمگە ئىپادە بىلدۈرمىدى . مەن سەپەرگە چىقىدىغان كۈننىڭ ھارپا ئاخشىمى يەنە دىلبەر بىلەن ئۇچراشقاندا :
-ئوقۇيدىغان بولدۇڭمۇ ؟ - دەپ سورىدىم مەن .
-ياق .
-زادى ئوقۇمامسەن ؟
-تىل – ھاقارەتنى كۆتۈرەلمەيدىكەنمەن .
-ئۇنداقتا ، -دېدىم مەن ئاچچىقىمغا پايلىماي ، - باشقا ئالدىراش ئىشىڭىز بارمۇ ؟
دىلبەر سۆزۈمنىڭ تەكتىگە يەتتى بولغاي ، يىغلاپ تاشلىدى – دە ، ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا يادىكار قىلماقچى بولغان خاتىرىنىمۇ بېرەلمەي قالدىم ، ئۇنىڭدا قالغان ، يېزىلىپ پۈتمىگەن «ۋىجدان كومېدىيىسى» ناملىق رومانىمنىمۇ ئالالماي قالدىم . ئەتىسى مەن مېڭىپ كەتتىم . سىڭلىمغا دىلبەرگە يادىكار قىلىپ قالدۇرغان خاتىرىنى بېرىپ قويۇشنى تاپىلىدىم.
﹡ ﹡
ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ دىلبەرگە بەش پارچە خەت يازدىم ، ئۇنىڭدىن زادىلا جاۋاب كەلمىدى ، مەن شۇنچە ئازابلاندىم . ئۆزۈمنىڭ دىلبەرگە بولغان مۇھەببەتلىك ئاچچىقىمغا تەسەللى بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلاندىم . دىلبەرنى سېغىندىم ، بىراق ئامال يوق . ئاخىر سىڭلىمغا خەت يېزىپ ھېلىقى «ۋىجدان كومېدىيىسى» رومانىمنىڭ ئاخىرىنى يازماقچى ئىكەنلىكىمنى ، دىلبەرگە ئېيتىپ ئەۋەتىپ بېرشنى ئۆتۈندۈم .سىڭلىم گەپنى چاتاق ئۇقتۇرغانمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ ، دىلبەر ماڭا مەن يادىكار قىلغان خاتىرىنى ئەۋەتىپتۇ ۋە خاتىرىگە :
«قاراڭ ، ياسىن !
مەن سىزنى تولىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ،كەچۈرۈم سورايمەن . بىراق چۈشىنىڭكى ، دۇنيادا گۈلسىز ياپراقمۇ بولىدۇ ، ياپراقسىز گۈلمۇ بولىدۇ . گۈلىسىز ياپراق خۇش پۇراق چاچمايدۇ ، ياپراقسىز گۈل گۈزەل بولمايدۇ» دەپ يېزىپتۇ .
مەن بۇ سۆزىنىڭ مەنسىنى چۈشەنمىدىم ۋە ھازىرغىچە چۈشىنەلمەيمەن . بۇنىڭدىن نېمە مەنە چىقىدۇ ؟ دىلبەرنىڭ كۆڭلى زادى قانداق ؟ ئاخىر دىلبەرگە خەت يازدىم :
«سۆيۈملۈك دىلبەر !
مەن سەندىن خاتىرىنى ئەمەس ، بەلكى ھېلىقى ، 〈ۋىجدان كومېدىيىسى〉نى تەلەپ قىلغانىدىم ، بىلىسەنغۇ ، ئۇ تېخى يېزىلىپ بولمىغان ، مەن ئۇنىڭ ئاخىرىنى يازماقچىدىم .
دىلبەر ، سەن مېنى نېمىدەپ چۈشىنىسەن ؟ بىر چاغلاردا سېنى سۆيگەن ۋە مەڭگۈ سۆيۈشنى خالايدىغان ، سەن ئۆزۈڭمۇ بۇرۇن ياخشى كۆردىغان (ھازىر قانداق ، ماڭا نامەلۇم) يىگىتنى نېمىدەپ ئويلايسەن ؟ مەن پاك قەلبىمنى – ئېسىل گۆھەرنى بىر ئاددىي خاتىرە ئۈچۈن خاراب قىلىمەنمۇ ؟ ! ! !
مەيلى سەن كۈت ، مەيلى سۆي ، مەيلى كۈتىمە ، سۆيىمە ، مەن بەرىبىر سېنى قەلبىمدە سۆيۈپ قالىمەن . ساڭا بولغان مۇھەببىتىم قەلبىمدە ئەبەدىلئەبەد ئۆچمەيدۇ .
سېنى سۆيۈپ : ياسىن ! »
﹡ ﹡
ئىككى يىل ئۆتكەندە مەن دىلبەردىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدىم .
« قەدىرلىكىم ياسىن !
خېتىڭنى ئوقۇدۇم ۋە ئەھۋالىڭنى دوستۇڭ ئەزىزدىن ئۇقتۇم . مەنمۇ سېنى قەلبىمدە سۆيىمەن ، ساڭا چىن ئىشىنىمەن . سېنىڭ يازغان خەتلىرىڭ كېلىپتۇ ،ماڭا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆرۈشكە نېسىپ بولدى . بىراق ، خەتلىرىڭ ماڭا خۇشاللىق ئەمەس ،بەلكى ئازاپ – ئوقۇبەت ۋە تىل – ھاقارەت ئەكەلدى . بۇنى مەن ئۆز ۋاقتىدا سەزمىگەنىكەنمەن . سېنىڭ خەتلىرىڭنى ھېلىقى 〈مېنى سۆيگەن〉نەپرەتلىك ئوقۇتقۇچى ئېلىۋالغانىكەن . مېنى ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدا تىللاپ رەسۋا قىلدى . ھەتتا بۇ مەسىلە مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە سۆرىلىپ باردى .
مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلى بىر يىل بولدى . سېنى خاپا قىلىشنى خالىمايمەن . شۇڭا گەپنى تامام قىلاي ، دېمەك قەدىرلىكىم ياسىن ، ئەمدى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ...
سېنى قەلبىمدە سۆيۈپ : دىلبەر ! »
﹡ ﹡
ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنىدى . ھاياتنىڭ ئاجايىپ تاسادىپلىرى بىزنى ئايرىپ تاشلىغانىدى ، ئەمما قەلبىمىز مەڭگۈ بىر ئىدى . مەن ھەر نۆۋەت دىلبەرنى ئەسلىسەم كۆز ئالدىمدا ئىككى گۈل پەيدا بولىدۇ .
بىرى ، ئاق لالە گۈل !
ئاشۇ ئاۋغۇسىت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دىلبەر ئىككىمىز دەريا بويىغا سەيلىگە چىققانىدۇق .يېشىل چىمەنلەر ئۈستىدە ئويناشقانىدۇق . شۇ چاغدا دىلبەر سۈپسۈزۈك ئاپئاق بىر لالە گۈلنى ماڭا بەردى ۋە :
-مەڭگۈ ساقلا ! – دېدى .
بىرى ، قىزىل چۇغلۇق !
شۇ ئاۋغۇستتا تاغقا سەيلىگە چىققانىدۇق . شۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇلۇپ قاتتىق يامغۇر ياغدى . بىز ئۆيگە قايتالمىدۇق – دە ، تاغ ئۆڭكۈرىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۇق . ئەتىسى سەھەردە ياپراقلىرىدا يامغۇر تامچىسى بار بىر تال چۇغلۇقنى دىلبەر ماڭا سۇندى ۋە :
-ياسىن ، بۇنى مەڭگۈ ساقلىغىن ! – دېدى .
مەن بۇ ئىككى گۈلنى « ھارپا » دېگەن كىتابنىڭ ئارىسغا سېلىپ قويدۇم . مانا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى ، مەن شۇ كىتابنى ئاچسام ئۇ گۈللەر ئالدىمدا پەيدا :
لەيلىگۈل – يەنىلا سۈزۈك ، ئاق .
چۇغلۇق – يەنىلا سۈزۈك ، پاك ، چوغدەك قىزىل .
مېنىڭ دىلبەرگە بولغان مۇھەببىتىم مانا مۇشۇ گۈللەردەك مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ، دىلىمدا مەڭگۈ يالقۇنجاپ تۇرىدۇ ...
﹡ ﹡
دوستۇم ياسىن ھېكايىسنى تۈگىتىپ :
-دوستۇم ، دەسلەپكى مۇھەببەت مانا شۇنداق لەززەتلىك ، ئازابلىق ، ھەم ئاچچىق ،ھەم شېرىن بولىدۇ . يالقۇنلۇق ۋە بەك تارتىنچاق بولىدۇ . لېكىن بۇ چوڭ لەززەت ، - دېدى .
ئېيتقىنا لالە ! ئەمدى مەن قانداق قىلاي ياكى مەنمۇ كاككۇك قونغان تال بىلەن سېنى ئۇرايمۇ ؟ ئوقۇتۇپ رام قىلدۇرايمۇ ؟ خەت يازايمۇ ؟ ياكى يالغۇز يەردە قۇلىقىڭغا ئاستالا : « لالە ، مەن سېنى سۆيىمەن ، سەنچۇ ؟ » دەيمۇ ؟ ...
1965-يىل ئىيۇن ، ئۈرۈمچى
مەنبە؛
http://qolpanlar.com/ADB/Hp/