مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 5

توردىكى مۇھەببەت 《 12 》 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113903
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2015-2-3
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توردىكى مۇھەببەت

12

    بەلكىم شۇ كۈنى كەچتە چىقمىغان بولسام ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرىمىز ئۇنداق بولۇپ كەتمەس ئىدى دەپ ئويلايمەن . لىكىن بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ئىكەن  

شۇنداق قىلىپ ئۇ بىرنېمە كۈزۈمگە بىر مۇش ئۇرىۋالغانمۇ بولدى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئوت بولۇپ يېنىپ كەتتى چۈنكى مەن تا شۇ كۈنگە كەلگۈچە بىرەرسىدىن بۇنداق ھار كەلگۈدەك تاياق يەپ باقمىغان ئىدىم راس بىكادىن تاياق يىيىشنى كىم خالايدۇ دەيسىز شۇنچىلىك ھار كەلدى

ئاچچىقىمدا كىلىشتۈرۈپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە كۈچەپ بىرنى تەپتىم ئۇ بىرنېمە مەس بولغاچقىمىكىن ياكى مەن راس بەك كۈچەپ تىپىۋەتتىممۇ ئىشقىلىپ ئارقىسىغىلا دۈم چۈشتى

مەن ئۈزەمنى ئوڭشاپ ئەمدى ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ بولغۇچە بېشىمغا تاڭ قىلىپلا بىر قاتتىق نەرسە تەگدى مىنى ئۇرغىنى ئۇنىڭ ئاكىسى ئىدى مەن ئۇكىسىنى ئۇرسام ئاكىسى كەمىرىنى سۇغۇرۇپ بېشىمغا كەمەر بىلەن ئۇرۇپتۇ ھې ھې  توۋا . تۇيۇقسىز تەككەن بۇ زەربىدىن بېشىم قېيىپ كەتتى  ئاغرىق دەستىدىن تاس قالدىم ئورنۇمدىلا ئولتۇرۇپ قالغىلى  تۇغۇلۇپ ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق تاياق يەپ باقماپتىكەنمەن  شۇنچىلىك ھار كەلدى .

تۇرۇپلا كاللامدا ئىككى مەن پەيدا بولدى  بىرسى دەيتى ئۈزەڭنى تۇتىۋال ئۇلار سەندىن كۆپ ھەم سەندىن چوڭ بۇنداق قىلساڭ شۇ ھارام تاياق يەيسەن . يەنە بىرسى دەيتى  سەن دىگەن ئوغۇلبالا نېم قىلسەن شۇنچىلىك بىرنېملەردىن قورقۇپ  ئوغۇلبالا دىگەنگە ھامىنى بىر ئۆلۈم

بۇنداق بىرنېملەردىن قورقۇپ يۈرگۈچە ئۈلەپ كىتىىغان ئىش بولسىمۇ ئۇلاردىن يانما دەيتى

مەن شۇ خىياللارنى قىلىپ بولغۇچە ئۇ بىرنېمە يەنە كەمەرنى كۈتۈرۈپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى

ئۇ مىنى ئۇراي دەپ بولغۇچە چاققانلىق بىلەن قۇلدىكى كەمەرنى تۇتىۋالدىم  ئاندىن كۈچەپ بىر تارتىۋىدىم  ئۇنىڭ كەمىرى قۇلۇمغا چىقتى . ئۇ چاغدا ئۈزۈممۇ خېلى قىززىپ قالغان ئىدىم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارام تاياق بەك ئېغىر كەلدى  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن

        - ھېي سۇلامچى بىلىپ قوي سەندىن يانغان جاننىچۇ ئىتقا تاشلاپ بېرىمەن ئۇختۇڭما

ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ

  دەپلا ئۇنى سۈرۈپ چۈشتۈم بېشىغا بەدىنىگە ئىشقىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇپ ئۇنى بىردەمدىلا ئىت تالىۋەتكەندەك قىلىۋەتتىم ئاڭغىچە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىرسى ئالدىغا كەلدى

قارىماققا ئۇ ھاراق ئىچمىگەن بولۇپ خېلى ساقتەك تۇراتتى . ئۇ كىلىپلا قۇلۇمدىكى كەمەرگە ئېسىلدى مەنمۇ قۇيىۋەتمىدىم  لىكىن ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمىدى ئۇ بىر سىلكىپلا كەمەرنى قۇلۇمدىن ئېلىۋالدى . خىيالىمدا بۇ بىرنېمە چوقۇم مىنى ئۆلگۈدەك بىر ئۇرىدىغان بولدى دەپ ئويلۇدۇم  لىكىن شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ كۈزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرسام ئۇ كەمەرنى تاشلىۋەتتى . ئاندىن ماڭا بىر قارىۋىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ

       - خېلى ئوغۇلبالا داچىلىقىڭ باركەن ئۇكام  بىز سەندىن جىق تۇرساقمۇ يانمىدىڭ قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۈزەڭنى چۈشۈرمىدىڭ ساڭا قايىل بولدۇم  لىكىن بۇنچە كەچتە ئىككى قىزبالىنى سۆرەپ يۈرسەڭ بولمايدۇ ئەگەر ئۇنى راس ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىغىڭ كېرەكتى بۇنچە كەچتە سىرىتتا لاغايلاپ يۈرسەڭلا سەن ئۈزەڭ بىر دەپ باقە بۇ توغرىمۇ ؟

قارىماققا ئۇ ئۈزىنى خېلى تۇتىۋالغاندەك قىلاتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرى توغرا ئىدى  شۇنداق بولغاندىكىن مەنمۇ ئۇشۇق گەپ قىلالماي تۇردۇم . ئاڭغىچە ئۇ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى ئاندىن خۇددى مىنى راسلا تۇنىۋالغاندەك

         - سەن ئەجەپ تۇنۇش كۈرنىسەنغۇ  سەن  ..... نىڭ ئۇكىسى ئوخشىمامسەن ؟

      - ھەئە ئۇ مىنىڭ ئاكام

  ئاكام بۇرۇن جەميەتتە ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا تۇنۇش ئادەملىرى بەك كۆپ ئىدى بەلكىم ئۇ ئاكامنىڭ ئاغىنىسى بولسا كېرەك  ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ

        - مۇنداق دىگىن نېمدا ئوخشايدىكىن دەپتىمەن تېخى  ئاكاڭغا ئوخشاش چوڭ بوپسەن ئۇكام مەن ئاكاڭنى تۇنۇيمەن بوپتۇ مەنمۇ ئۇنداق نامەرتلەردىن ئەمەس  بىزدىن ئۆتكەن يەرلىرى بولسا سەن كۆڭلۈڭگە ئالما بىزمۇ سەندىن خاپا بولمايلى  قىز دوستۇڭنى ئېلىپ كەت ئۇكام دىدى

  ئاڭغىچە ھېلىقى كۈزەمگە بىر مۇش ئۇرغان بىرنېمە يەنە ئالدىمغا يۈگۈرگىلى قوپتى ئاڭغىچە ئۇنى بۇ ئاكاش تۇتىۋېلىپ ماڭا قاراپ

         - ئۇكام تىز كەتكىن بۇ ساراڭ بەك مەس بوپ قاپتۇ بىكار يەنە ئۇرۇشۇپ قالىسەن

مەن يەنە ئۇرۇشۇپ قالماي دەپ مابىتىمنىڭ قۇلىدىن يۈتىلەپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن كەتتىم ئۇلاردىن قورققۇنۇم ئەمەس  جىدەلنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كىتىشىنى خالىمىدىم  دىمىسىمۇ ئڭ ئاكاشنىڭ دىگىنى توغرا . بۇنچە كەچتە ئىككى قىزبالىنى سۆرەپ يۈرگەندىكىن ئۈزەمگە ھاق

ئۇلارنىڭ يېنىدىن خېلى يىراققا كەتكەندىن كىين بىر جايغا بېرىپ ئولتۇردۇم قارىسام مابىتىم ماڭا قاراپ يىغلامسىراپ تۇراتتى .( ئۇنى مابىتىم دەپ ئاتاۋېرىشنى توغرا تاپتىم چۈنكى شۇ كۈندىن باشلاپ ئارلاشقان ئىدۇق )   

    ئۇنىڭغا قاراپ ئەمدى نېمىش قىلىمىز تورخانىغا كىتەمدۇق دىسەم ئۇ

          - بولدى بارمايلى مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ چىملىتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى بولدى دىدى

  شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ مەكتىپىنىڭ ئىچىگە كىردۇق  مەكتەپنىڭ پۇتبۇل مەيدانىغا چىقتۇق ئاينىڭ يۇرۇقى شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ ئىككىمىز مەيدانغا بېرىپ ئولتۇردۇق ئۇنىڭ دوستى مەن بىر ئادىشىمنىڭ ئۈيىگە كىرىپ كىتەي سىلەرگە دەخلى قىلماي دەپ دوستىنىڭ ئۈيىگە كىرىپ كەتتى . مەيداننىڭ ئولتۇرىغا بېرىپ ئولتۇردۇق  تۇيۇقسىز بېشىم شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ كەتتى نېم بولغاندۇ دەپ بېشىمنى تۇتسام بېشىمدىن قان ئاققىلى تۇرۇپتۇ

  بايا ئۇرۇش بىلەن بوپ كىتىپ ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن ئادەم قىززىپ قالغاندا بۇنداق زەخمىنىڭ ئاغرىقى بىلنەشمەيدىكەن . ئەمدى بولغاندا بېشىمنىڭ ئاغرىقى بىلنىشىپ كەتتى

  ئۇ بېشىمدىن چىققان قاننى كۈرۈپ قورقۇپ كەتتىمۇ ماڭا قاراپ

          - ھەي بېشىڭدىن قان چىقىپتۇ ئەمەسمۇ ئەمدى قاندا قىلىمىز ؟

دىگىلى تۇردى  قارىماققا ئۇ ھەقىقەتەن قورققان ئىدى

             - ئەنسىرمە  ئانچە چوڭ ئىش يوق بىردەم تۇرۇپ قانمۇ توختاپ قالىدۇ

ئۇ يانجۇقىدىن قەغەز ئېلىپ بېشىمغا تۇتتى ئاندىن

              - بىردەم يېتىۋالە ئاندىن ياخشى بوپ قالىسەن قالغىنىنى تاڭ ئاتقاندا دوختۇرخانىغا بارامىز دىدى

  ئۇنىڭ يۇتىسىغا بېشىمنى قۇيۇپ ياتتىم  ئۈزۈمنى شۇنچىلىك خۇشال ھىس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم ئۇ بولسا بېشىمنى سىلىغىنىچە قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ مىنى كۈلدۈرەتتى .


بۇ دۇنيادا كىم كىمنى چۈشەنگەن . كىم كىمنىڭ قەدرىگە يەتكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىليراق مەلۇماتقا ئىرىشسەم بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئۇزۇن گەپكەن بۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109024
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 277
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-8-8
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور ئەپەندى تىمىڭىزنىڭ 3—4— بۈلەكلىرىنى تاپالمايۋاتىمەن يوللىمىغانمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113903
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2015-2-3
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aLMaS31 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 02:38 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 J% A' s, s. e/ b# X! ^  Kئاپتور ئەپەندى تىمىڭىزنىڭ 3—4— بۈلەكلىرىنى تاپالمايۋا ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, [( n9 b8 U* l6 D/ G' y
يوللىغان

بۇ دۇنيادا كىم كىمنى چۈشەنگەن . كىم كىمنىڭ قەدرىگە يەتكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24460
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6128
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇشۇنداق پاراڭ قىپ بەسىمۇ زىرىكمەيدىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش