ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار ،خوش ۋاق بولغايسىلەر .
مەن يەنە تاتلىق قىلىقلىرىم بىلەن ئاچچىق ھىسلىرىمنى يۇغۇرۇپ ، كۆڭلۈمدىكى بايانلىرىمنى ساترىك شىئېرمۇ ياكى قوشاقمۇ ئۇقالمىدىم، ئىشقىلىپ ئەرىزناما قىلىپ يېزىپ كەلدىم . ژانىرنى سىلەرگە سۇئال قويۇپ ،مېنىڭ تەرىپىمنى ئالامدىكىن دەپ كەلدىمغۇ ؟ . بۇنداق ئەسەردە سۇئال قالدۇرۇشلار يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكاشنىڭ ئەسەرلىردە كۆپرەك ئۇچۇرسا كېرەك ، ئۆزەمچە دورۇغۇم كەلدى، قالدۇرغان سۇئالىمنى بىمەنە ياكى ئاددى كۆرمەي ، مەسخىرە كۈلكىللىرىڭلارنى پالتا پىچاق ئورنىدا ئاتماسلىقىڭلارنى سورايمەن .
ھە....،قېنى....،باما سىلەر....،خوش...،كېلىڭلار ....،باشلاپ كەتتىم.
مىسرانىمغا ئەرزىم بار
مىسرانىمغا يېڭى كەلدى ،
ئۆزى كىچىك بايقارا ،
بالىمىكىن دەپ قالماڭ ،
قىلغان ئىشىغا قارا ،
ھاي ھاي دوستلار ،ھاي دوستلار،
مىسرنىمغا ئەرزىم با ،
مېنى بىلگەچ يېڭى دەپ ،
قورساق كۆپكى دەردىم با ،
توغرا بولسا مېنىڭكى ،
قوللاپ قويۇڭ يانمۇيان ،
«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس»
ماڭا لازىم دوس ھامان ،
تىما يازسام تەستىق يوق ،
مېنى ئۆگەي بىلدىمۇ ؟
«بولاق»كۆترۇپ بارامدىم،
يانچۇق قۇرۇپ قالدىمۇ ؟
بولدى مانا گەپ تۈگدى ،
ئەمما يەنە يازاتتىم ،
ئەيپىڭىزنى ئاچقۇم يوق ،
باشقۇرغۇچى ئەپەندىم ،
قەلمىم ياخشى بەك چاققان ،
ھازىر جاۋاپ يازىمەن ،
ئىنكاس يازسام تەستىق يوق ،
بىر كۈن ساقلاپ ياتىمەن ،
قىزغىنلىققا سۇ سەپمەڭ ،
بايقى ئىلھام ھازىر يوق ،
بىكار يۇرۈپ ئىچى پۇشقان ،
سىزنى ساقلار ۋاقتىم يوق ،
ئۆزەم كىچىك بەك ئۇششۇق ،
شۇڭا ماڭا يول قويۇڭ ،
ئىنكاس يوللاپ تۇرىساممەن ،
ئىتتىك تەستتىق ۋاي ئۇرۇڭ ،
لازىم بولسا كېنىشكە ،
مەن كۆرسىتەي مىيىپلىق ،
ئىتىبار قىلىپ سىز ماڭا ،
بولۇڭ تىزرەك بەك سىلىق ،
دەپمۇ بولدۇم با گەپنى ،
ھەممىنى قىلىپ پاكىتلىق ،
يەنە نىمگە تۇرىسىز ؟
تىمام كۈتىدۇ تەستىق ،
ئوتتۇز ئوغۇل باش بولۇپ ،
توققۇز قىزمىز چاي قۇيۇپ ،
مەن غېرىپقا ئىگە بولۇپ ،
بۇ ئەرزىمنى سوراڭلار ؟
بايقارا
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايقارا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-14 12:59 PM