مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 8

ئۇچتۇرپان جايتاغ نورۇزلىغى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 620
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 04:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپان جايتاغ نورۇزلىغى

خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)

جايتاغ-ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ شەرقي تەرىپىدىكى ئاچىتاغ يېزىسى جايتاغ كەنتىگە جايلاشقان، تاغنىڭ نامى.ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان خەلقىمىز ھەر يىلى نورۇزلۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈستىدىن ،تۈرلۈك تەنتەربىيە ،مەدەنىي-سەنئەت،كۆڭۈل ئېچىش  پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ،بۇ جاي  «جاي تاغ» نورۇزلىغى دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن.
رىۋايەتلەرگە     قارىغاندا ، ھىجىريىنىڭ 30-يىلى سۇلتان قۇرمىش مۇسلىمىن①،دېگەن كىشى ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن 30مىڭ ساھابى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇچ زىمىنىغا كەلگەن. شۇ چاغدىكى ئۇچ خانى زەبۇر ئاتەش پەرەس ②( بەزى رىۋايەتلەردە قەقەر جادى ③دەپمۇ ئاتىلىدۇ( بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان. مۇشۇ قېتىملىق جەڭدە  ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن 30مىڭ ساھابىلەرنىڭ سەركەردىسى –سۇلتان مۇراد بەلىخ ئاتا ④قاتارلىق 4كىشى جەڭدە شىھىت بولغان. شۇلارنىڭ جەسىدى  مۇشۇ تاغ باغرىغا دەپنە قىلىنغان ، بۇ قەبرىستانلىق شۇنىڭ بىلەن «ئالتۇنلۇرۇم » ھەم سۇلتان بەلىخ ئاتا مازىرى دەپمۇ ئاتالغان.
تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرى (مىلادى 1300-يىللار)دە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە  شىھىت بولغانلارنىڭ جەسىتىمۇ مۇشۇ-جايتاغ ئەتىراپىغا قۇيۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار.يەنە ئۇچ خەلقى ئارسىدا چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ جەسسىدى مۇشۇ جايتاغقا يەرگە قۇيۇلغان دەيدىغان رىۋايەتمۇ بار.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئۆتكەن ئەل سۈيەر باتۇر ئوغلانلارنىڭ جەسىتىمۇ  مۇشۇ جايغا  دەپىن قىلىنغان. 1755-يىلى بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجالار كۇچار ۋە ئاقسۇلاردىن ئىشلەمچى ئەكىلىپ ، جايتاغ ئۈستىگە كاتتا ساراي ،شەھەر قۇرۇپ خانلىق ئوردا قىلماقچى بۇلۇپ 3مىڭ مەدىكارچىنى ئىككى ئاي تاغ تۈپىسىنى تۈزلەش ئەمگىگىگە سالغان.
ئۇچ جايتاغ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ،دىنىي ئۆلىمالار جايتاغدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۇققەددەس جاينى  تېخىمۇ ئۇلۇغلاش ئۈچۈن،1956 -يىلى جاي تاغ ئۈستىگە بىر مەسچىت سېلىشنى ،تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشنى پىلانلىغان.⑤بىراق جاي تاغ ئۈستىگە ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتى قۇيۇلغان،ئۈستىگە گۈمبەز ياسالغان. قەبرىسى ھازىرمۇ بار(2010-يىلى ئەتراپىدا قەۋرە ئوغرىلىرى تەرىپىدىن بۇ گۈمبەز قەۋرىلەر ئاستى كولاپ بۇزۇلغان) ئەھەت قارى داموللا ھاجى ( جايتاغ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ،ئىسلام دىنى بىلىمى يۇقۇرى ،ئەرەپ پارىس،ئوردۇ تىللىرىغا ئۇستا ،بىلىملىك زات)نىڭ 1985-يلى بايان قىلپ بېرىشىچە :« خەلق رىۋايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن چىن تۈمۈر باتۇر نىڭ قەبرسىمۇمۇشۇ تاغ ئۈستىگە قۇيۇلغان   ئىكەن.
دىنىي  قائىدە بۇيىنچە مەسچىت قۇرۇلىدىغان  ئورۇندا  قەبرە ئورنى بولماسلىقى كېرەك بولغانلىقكى ئۈچۈن ،جاي تاغدىكى دىنىي مۆتىۋەرلەر بۇ ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتىنى يۆتكىمەكچى بۇلۇپ ،قەۋرىنى ئاچقان ،قەۋرە ئوقۇر شەكىلدە ياسالغان بۇلۇپ،ساندۇق ئىچىگە بىر جەسەت،جەسەت ئاستىغا بىردانە قىلىچ قۇيۇلغان، قىلىچنىڭ سېپى ئالتۇندىن ياسالغان پاقىراپ تۇرىدۇ، لېكىن, قىلىچنىڭ ئۇچى ۋە بىسى داتلاشقان، جەسەت بۇزۇلۇپ كەتمىگەن ،تىزىنىڭ ئۈگىلىرى تېخى ئايرىلمىغاچقا خۇددى پۇتىنى ئۇزۇن سۇزۇپ ياتقان ئادەمدەك كۈرۈنگەن، جەسەتنى ئاچقان دىنىي مۆتىۋەرلەر  بۇ جەسەتنىڭ ئۇلۇغ زاتلاردىن ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا شىھېت بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىنىي قائىدە بۇيىنچە ئاۋالقىدەك ئۆز جايىغا قۇيۇپ قويغان ھەمدە مەسچىتنى جاي تاغ يېنىغا (1956-يىلى) سېلىشنى قارار قىلىشقان.»
  1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجا  لارنىڭ  چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باستۇرۇپ ،ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىگە قارىتىپ 6يىل ئۆتكەندە ، ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ  تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا ۋاي دات دەپ تۇرغاندا ،«كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك ،چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى چىيەنلۇڭ خاننىڭ  ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭغا  بېيجىڭغا«جىگدە  كۆچىتى يوتكەش» يارلىقى ئەۋەرتكەن، ئىپارخانىڭ ⑦جىگدە تەلىۋى ، ئۇچتۇرپان دېققانلار قوزغۇلىڭىنىڭ ئوت پىلتىسغا ئايلانغان.  1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچ دېھقانلىرى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن  ⑧  . قوزغۇلااڭ  6 ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن  سىرىتتىن كېلىدىغان ياردەم بولمىغان ئەھۋالدا 1765-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۈستۈن ھەربى كۈچ ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇلغان. قىز -ئاياللارمۇ يەتتە-يەتتەدىن بىر گۇرۇپ بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ھەرقايسى جايلاردا جەڭگە قاتناشقان،ئاخىرىدا تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپ قۇربان بولغان. ئۇچ قوزغۇلىڭىنىڭ ئاساسلىق باشچىسى، رەھبىرى، مىللىي قەھرىمان ئەسمىتۇللا بەگ  قوزغۇلاڭ داۋامىدا مەرتلەرچە قۇربان بولغان. قاچقانلار قېچىپ ،ئۇرۇشتا ئۈلۇپ،ئېشىپ قالغانلاردىن 10مىڭ دىن ئارتۇق ئۇچ ئۇيغۇرلىرى  تۈركۈملەرگە بۈلۈپ ،مۇز داۋان يۇلى ئارقىلىق ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان . ئىلىىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
قوزغىلاڭ توغرىسىدا چەنلۇڭ خان:«ئەسلىدەئۇشتىكى  قوزغۇلاڭ يۈز بەرمەسلىككە تىگىىشلىك قۇزغۇلاڭ ئىدى،بىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرمىزنىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلىمى سەۋەبىدىن پارتىلغان»-دىگەن.بىراق قانداقلا بولمىسۇن قوزغۇلاڭنى باستۇرۇشنىڭ نەچچە رەت مەغلۇپ بۇلىشى،ۋاقىتنىڭ ئۇزراپ كىتىشى،تازا گۈللەنگەن چىڭ سۇلالىسىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
شۇڭا  ئۇچ  خەلقى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلەرنى،باتۇرلارنى  ئەسمىتۇللا بەگنى ، يەتتە قىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن  جايتاغنىڭ پاكارراق قىسمىغا (جەنۇپ تەرەپكە ) گۈمبەزلىك  خاتىرە ئۆي تىكلىگەن. جايتاغ(جايتاش) نىڭ غەرىپ ئۇچى تاغ ئۈستىگە يەتتە قىزنىڭ قەۋرىسىنى قاتۇرغان .جايتاغ مەنزىرىسى گۈزەل ،قەدىمقى مۇققەدەس جاي ھەمدە تارىختا  ئۆتكەن «ئۇلۇغلار» ھەم «خەلق قەھرىمانلىرى» نىڭ  جەسىتى قۇيۇلغان  جاي بولغاچقا ،خەلق ئۆز ئەجداتلىرىنى ياد ئېتىپ ،سېغىنىش ئىستىگى بىلەن  ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ تەبىئەت بايرىمى ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىدا  بۇ يەرگە توپلۇنۇپ ، جايتاغ باغرىنى چورىدەپ  داغدۇغۇلۇق جايتاغ نورۇزلىغى ئۆتكۈزۇپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي جايتاغ نورۇزلىقى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھەرتۈرلۈك  خەلق سەنئەتلىرى: مەشرەپ ،ئەل نەغمە ،قىزىقچىلىق ئۇيۇنلىرى ،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى: ئات بەيگىسى ،ئوغلاق تارتىش ، چەۋگەن توپ ، دارۋازلىق ،سىرىك ئۇيۇنى، چېلىشىش ،گۈلەڭگە ئۇچۇش، ئىشىت تالاشتۇرۇش،توخۇ سۇقۇشتۇرۇش، قوشقار سۇقۇشتۇرۇش، ۋالىبول ،ۋاسكىتبول،تىكتاك توپ،يۈگرىش قاتارلىق ئەل ئىچى سەنئەت پائالىيەتلەر ....ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن. ھەرقايسى جايلاردىن توپلانغان نەچچە مىڭلىغان چەۋەندازلار ،تۈرلۈك سەنئەت  ماھارىتى ئورۇندىغۇچىلار ،ئەل نەغمىچىلەر ،كارامەت كۆرسەتكۇچىلەر ،دارۋازلار ،مەددالار  ،سودىگەرلەر ، كۆرەرمەنلەر  بۇلۇپ تۈمەنمىڭلىغان خەلق قاتناشقان،توپلاشقان ،نەغمە ناۋا سادالىرى ياڭراپ تۇرغان ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر  چەكلىمىسىز –تۇسالغۇسىز شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدىغان ،بارلىق خەلق ئۆز شاتلىقىنى،ماھارىتىنى ئىپادىلەيدىغان،ئېچىۋېتىلگەن، ئەلنىڭ سەنئەت مەكتىۋى ،تەنتەربىيە مەكتىۋى ، شاتلىق سەيناسى جاي تاغ نورۇزلۇق پائالىيىتىدۇر. جايتاغ نورۇزلىغى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاچىتاغ يېزىسى جايتاغ كەنتىدە ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. مەدىنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىللىردە(1966-1976-يىللار) بۇنداق پائالىيەتلەر تاشلىپ قالغان،ئىسلاھات ئىچىۋىتىشنىڭنىڭ تۈرۈىتكىسىدە20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ كۈڭۈل بۈلۈپ تەشكىللىشى بىلەن، ناھىيە بۇيچە ئېلىپ بېرىلدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ كۈلىمى كېڭىيىپ ئاقسۇ،ئاۋات،كەلپىن ئۇنسۇ قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەردىنمۇ كوماندىلار ۋە تاماشىبىنلار تىجارەتچىلەر كىلىپ بۇ پائاليەتكە قاتناشقان،ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق بىر كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ داغ-دۇغىسىنى ئاخبارات ۋاستىللىرى كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇنۇشتۇرغان.مەخسۇس جايتاغ نۇرۇزلىغىنى ئۆتكۈزدىغان ئورۇن راسلاش ئۈچۈن، ناھىيە ۋە ئاچتاغ يېزىسى ھەر قايسى كەنتلەردىن يەر ئاجىرتىپ  بۇ يەرنى كەنتلەردىن كەنىتلەرگە سۈرۈپ بىرىش شەكلى ئارقىلىق جايتاغنىڭ شىمالىغا مەخسۇس كەڭرى مەيدان ھازىرلىغان ئومۇمى يەر كۆلىمى 170مۇ كىلدىغان بۇ ئورۇن 2.8 مىتىر ئىگەىزلىكتىكى سوقماتام بىلەن قورشالغان،شەرق  ۋە غەرپ تەرەپكە 5مېتىر كەڭلىكتە دەۋازا قۇيۇلغان. بىراق 2002-يىلى بۇيەر باغ-ئورمان بەرپا قىلغۇچىلارغا ھۆدىگە بىرىلىپ،جايتاغ نورۇزلىغى ئۆتكۈزدىغانغا جاي بولماسلىق ۋەزىيتى شەكىللەنگەن.شۇنداق قىلىپ،ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خەلقىمىز تەرپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ كىلىنگەن جايتاغ نورۇزلىغىدەك بۇنداق تەن-تەربىيە ۋە خەلق سەنئىتى  بىرلەشتۈرۈلگەن كاتتا پائالىيەت، ئورۇن بولماسلىق قوللاش بولماسلىق.... قاتارلىق سەۋەبىدىن توختاپ قالغان.
ئىزاھاتلار :
① سۇلتان قىرمىش ئاتا –ھازىرئۇنسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرغا تەۋە بۇلۇپ، 1944-يىلى  توشقان دەرياسىنىڭ  شىمالىدىكى جايلار ئۇچتۇرپاندىن ئونسۇ ناھىيەسىگە ئايرىپ بىرىلگەن،كىشىلەر بۇ جاينى ئۇلۇغلار ياتقان يەر دەپ ،بېرىپ دۇئا قىلىپ  يانىدۇ.
② زەمبۇر ئاتەش- رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ئاتەش دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇپ ،سەمەرقەنتتىن لەشكەر تارتىپ،ئۇچ زىمىنىغا كېلىپ   ئۇرۇش قىلغانلىقى  سۆزلىنىدۇ.
③ قەقەر جادى- ئۇچ پادىشاھى بۇلۇپ ،بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلىقى مەلۇم، ئۇچتۇرپاننىڭ غەربىي جەنۇبىىي تەرىپىگە جايلاشقان تاغنى كىشىلەر  قەقەر جادى تېغى دەپ ئاتايدۇ،ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ،تۈز سايلىق ،بۇ  تىلسىملىق شەھەر ھەققىدە  خەلىق ئىچىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر ساقلانماقتا.
④ سۇلتان  مۇرات بەلخ ئاتا-  ئافغانىستانلىق بۇلۇپ ،ئوسمان خەلىپىلىك تەرەپتارى.
  ⑤جاي تاغنىڭ توت ئەتراپى  تۈزلەڭ يەر،بۇلۇپ ھاۋا ئۇچۇق كۈنلەردە تۆت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىلەرنى (10-30كلومېتىر) ناھايىتى ئۇچۇق كۆرگىلى بۇلاتتى ،باشقا جايلاردىكى باسقۇن ،ئەپەت بەلگىلىرىدىن خەۋەر تاپقىلى ۋە خەۋەر تارقاتقىلى بۇلاتتى.يەنى ئۇچ تاغ،مۆلچەر تاغ،بەدەل تاغ ،جانباز ئاتا تاغلىرى، قەقەر جادى تاغلىرى ، تۈمۇر چوقا تاغلىرى ۋە بۇ تاغلار ئۈستىدىكى ھەرخىل ئىشلار ،ئۇرۇش ،باسقۇنلاردىن ئۇچۇر بېرىش (بەلگە بىرىش)ئۈچۈن يانغىن (كەچلىگى ئوت-يانغى)، تۈتەك(كۈندۈزى) لەرنى ئۇچۇق كۆرگىلى بۇلاتتى، بەلگە بەرگىلى بۇلاتتى. شۇنداقلا تۈزلەڭ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ تاغ  ئەتراپتىن قارىغاندا تۇلىمۇ گۈزەل،سىرلىق شەھەردەك   كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش تۇيغۇسى بىرەتتى.
⑥ئىپارخان  ئۇچلۇق ئېلى خۇجانىڭ قىزى بۇلۇپ ئۇ 1734-يىلى ئۇچتا تۇغۇلغان.  كېيىن  ئېلى خۇجا جوڭغارلار تەرىپىدىن  ئېلىغا ئاپىرىلىپ نازەربەنىت قىلىنغان. تەخمىنەن1750-يىلى ئاپپاق خۇجا نىڭ نەۋرىسى جاھان خۇجا (خان خۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بىلەن ئىپارخان تويلاشقان.   جاھان خۇجا ئەسلىدە  ئاپپاق خۇجا  نىڭ  ئوغلى ئەھمەت خۇجا نىڭ بالىسى بۇلۇپ،   ئەھمەت خۇجا    1700-يىلى قەشقەردە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا ،جوڭغارلار تەرىپىدىن ئىلىغا ئاپىرىنىپ نازەربەنت قىلىنغان.
  چوڭ –كىچىك خۇجالار –بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجا(خان خۇجا)لار  1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى جوڭغا ئامۇرسىنا توپىلاڭىنى باستۇرۇپ ، ئىلى رايۇنىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ،ئۇلار جوڭغارلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلغان، ئامما چىڭ-مانجۇ لارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىنى ئىگەللەش پىلانىغا تۇتۇلغان. بورھانىدىن خۇجا باشچىلىقىدىكى  كىشىلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر رايۇنىنى ئىگىلەشكە ماڭدۇرۇلغان. ئىنىسىنى جاھان خۇجا (خان خۇجا) ئىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ دېگەن نام بىلەن تورغاقلىققا تۇتۇپ قېلىنغان.  بورھانىدىن خۇجا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايۇنىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئىنىسى جاھان خۇجا  ئىلىدىن كۇچارغا قېچىپ كېلىپ ، ھەرقايسى جايلاردىن 100مىڭ لەشكەر توپلاپ  ،كۇچاردا «باتۇرخان دۆلىتى» نى قۇرۇپ ، ئۇچ جايتاغ ئۈستىگە ئوردا قەسىر سالماقچى بۇلۇپ تاغ ئۈستىنى تۈزلىگەن (ئۇچلۇق تارىخچى موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى: يازغان «شەجەرەئىل ئېرشات» ناملىق ئەسەرنىڭ قوليازمىسىغا قاراڭ ) . ئەمما تۆت يىلدىن كېيىن ناھايىتى كۆپ مانجۇ-چىڭ لەشكەرلىرى باستۇرۇپ كەلگەن ، ئۇلار كۇچا شەھرىدە ئېلىشىپ ،كۇچارنى تاشلاپ ،ئاقسۇغا كەلگەن، ئاقسۇ ھاكىمى خۇجا بەگ(بەزى تارىخى ماترىرياللاردا خۇجەس بەگ دەپ بۇزۇپ ئېلىنغان) ئۇلارنى يېڭىلىپ كەلدى دەپ ئويلاپ،تېز ئۆزگۈرۈپ ، شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋالغان. ئۇلار توشقان دەريا ۋادىسى ،ئۇچ ،قەشقەر ،يەكەنلەردە چىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئېلىشىپ ، ئافغانىستان دائىرىسىكى بەدەخشانغا بارغاندا ، 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بەدەخشان ئاقساقىلى سۇلتان شاھ تەرىپىن ھىلە قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ئىپارخان ئەسىر ئېلىنغان ، ئاقسۇلۇق سەئىد بەگ، ئابدۇۋاھاپبەگلەر خان ئالىلىرىغا بۇندىن ئارتۇق سوغات يوقتۇر دىيىشىكەن ، ئىپارخان 1760-يىلى بېيجىڭگە يالاپ ئاپىرىلغان. بۇ چاغدا ئىپارخان 26ياشلىق چوكان ئىدى. چىيەنلۇڭ ئىپارخاننى ئارقا ھويلىغا ئورۇنلاشتۇرغان، پادىشاھ چىيەنلۇڭ بارلىق ئاماللار بىلەن ئىپارخاننى كۆندۈرۈشكە تىرىشقان ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇمۇ كۈنۇپ قالىدۇ دەپ ،بېيجىڭدە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئۇيغۇر پوسۇنىدىكى باغچا ،قەسىر،ھويلا سالدۇرغان ،شىنجاڭدىن ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئاپارغان، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئېىتپ بېرىشكە بۇيرىغان ،  ئەمما  ۋاقىت ئۆتكەنسىرىسى ئىپارخان يۇرتى ئۇچتۇرپاننى سېغىنغان ، «ئۇ مېنىڭ يۇرتۇمدا تىنى تۈمۈردىن ،ياپرىقى كۈمۈشتىن ،مىۋىسى ئالتۇندىن بولغان دەرەخ بار ،شۇ دەرەخنى سېغىندىم ،يۇرت –خەلقىمنى سېغىندىم»  دېگەن .تەرجىمان ئارقىلىق بۇنى ئۇققان چىيەنلۇڭ خان بۇ خىل دەرەخ خان باغچىسىغا لايىقكەن دەپ قاراپ « ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭغا بېيجىڭغا جىگدە يوتكەپ ئاپىرىش » بۇيرىغىنى چىقارغان.
بۇنىڭ بىلەن «ئۇچتا جىگدە يېغىلىغى» كۆتۈرۈلگەن.  1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  قوزغۇلۇپ 6ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن  سىرىتتىن كېلىدىغان ياردەم بولمىغان ئەھۋالدا  1765-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. ئۇچ قوزغۇلىڭىنىڭ ئاساسلىق باشچىسى، رەھبىرى، مىللىي قەھرىمان ئەسمىتۇللا بەگ  قوزغۇلاڭ داۋامىدا مەرتلەرچە قۇربان بولغان. قىز -ئاياللارمۇ يەتتە-يەتتەدىن بىر گۇرۇپ بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ھەرقايسى جايلاردا جەڭگە قاتناشقان،ئاخىرىدا تەڭ كېلەلمەي ، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ قۇربان بولغان. قاچقانلار قېچىپ ،ئۇرۇشتا ئۈلۇپ،ئېشىپ قالغانلاردىن 10مىڭ دىن ئارتۇق ئۇچ ئۇيغۇرلىرى  تۈركۈملەرگە بۈلۈپ ،مۇز داۋان يۇلى ئارقىلىق ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان . ئىلىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
      بۇئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئۇققان ئىپارخان  قاتتىق ئازاپلىنىپ ،يىغلاپ ،1765-يىلى كۈز دە  ئېسىلىپ ئۈلىۋالغان. ئاكىسى تۇردى گۇڭنىڭ قەۋرىسى ھازىر ئۇچ ياكۆۋرۈك يېزا 4-كەنىت ،ئۇچ-ئاقسۇ چوڭ قاتناش يۇلىنىڭ ئىماملىرىمغا قاتنايدىغان يول ئېغىزى بۇيىدا بار بۇلۇپ،  كىشىلەر تەرىپىدىن تۇردى گۇڭ نىڭ قەۋرە گومبىزى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 04:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31326
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4242 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 07:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك خۇجىنىياز مۇئەللىم بۇ ماقالىڭىزدىن بىر تارىخىي ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم. ئىزىدىنىش روھىڭىزدىن چەكسىز سۆيۈندۈم، ئامان بولۇڭ.

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 09:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك خوجانىياز ئەپەندىم،بىزلەرنى ئۈچتۇرپان تارىخى بىلەن تۇنۇشتۇغىنىڭىزدىن ئنتايىن مەمنۇن بولدۇم،رەھمەت جاپا چىكىپسىز ،اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي.
مىنىڭچە ..‹ئۈچتۇرپان جاي تاغ›نىڭ مەنزىرە سۈرەتلىرىنى تىمىغا قۇشۇپ ئىبەرتكەن بولسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن.
كەچۈرۈڭ ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇممۇ؟

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42917
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسز باشقىلارنىڭ ئۇچتۇرپاننى تۇنۇشىغا يېڭى مەزمۇن قۇشۇلدى

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:56:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز...نۇرغۇن تارىخي ئۇچۇرلاردىن بەھرىلەندىم....ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر...قەلىمىڭىزگە بەرىكەت، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51336
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9928 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:35:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك خوجىنىياز مۇئەللىم،سىزنىڭ بۈگۈن يوللىغان تېمىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئەزىز تېنىڭىزنىڭ سالامەت،خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق،كۈنلىرىڭىزنىڭ شادىمانلىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.كورلىدىكى ئۇكىڭىز مارشال سىزنى ھەر ۋاقىت ئەسلەيمەن ھەم سىزدەك تارىخى بىلىمى مول ئۇستاز بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولسىمۇ،مۇنبەردىكى سىمارىڭىزنى كۆرگەنگە ئالەمچە سۆيۈندۈم.
ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ئاكا،ئۇلۇغ ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئۇچرىشىش نېسىپ بولار،ئاقسۇدىكى سىلەردەك ئەزىزلەرنى سېغىندىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 620
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 04:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئىنىم مارشال  سىز قاتارلىق دوسلۇرۇمنى   بەك سېغىندىم ؟ ......  يالغۇزلۇق ،سۈكۈت، سىزنىڭ  ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ بەك خۇش بولدۇم ،ئۇزاق بوپتۇ كۈرۈشمىگىلى، ئەمدى بولسىمۇ  سەل خاتىرجەم بولدۇم.  يازغانلىرىمدىن  دەۋىر كۆتەرگىدەكلىرىنى يوللاپ قويدۇم، دوسلارنىڭ ،يۇرتداشلارنىڭ كام قالغان يەرلىرى بولسا تۇلۇقلاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 04:59:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەھمەت  ئاكا  ..
خىلى  كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم  ....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99917
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-2 01:52:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزۈم ئۇچتۇرپانلىق تۇرۇپمۇ  بۇ ۋەقەلەرنى تۇلۇق بىلمەيدىكەنمەن. ئەگەر سىز ئىزدىنىپ بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنمىغان بولسىڭىز بۇ مەڭگۈ مەن ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈن بىر سىر بۇلۇپ قالار ئىكەن . ھارمىغايسىز مۇئەللىم.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش