مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2503|ئىنكاس: 34

مۇھەممەتجان راشىدىن: قەلەم تاشلاش خىيالىم يوق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102126
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بۇ يىل 21 – يانۋار چۈشتىن كېيىن بىر ئۆمۈر «شائىرلىق كوچىسىنىڭ ئاچچىق دەردلىرى» نى يەتكۈچە تارتقان، 75 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۆتىۋەر ئۇستاز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغىنىمىزدا، ئۇ مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا يۆلەپ قويۇلغان كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن.




قارىمامسىلەر ئۇكىلىرىم، ئادەم قېرىغاندا ھېلىدىن – ھېلىغا ساقسىز بولۇپ، دوختۇرخانىنى تولا يوقلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ قىشلىقىم تازا ياخشى ئەمەس، قىش كىردىمۇ بولدى، ئۇ يەر، بۇ يېرىمدىن چاتاق چىققىنى چىققان. تېخى بۇلتۇر 9 – ئايدىلا ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەنىدىم. ناھىيەلىك دوختۇرخانىنى يەنە بىر قېتىم يوقلاپ چىقتىم، دوختۇرخانىدىن چىققىنىمغا ئۈچ كۈن بولدى، دېدى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ.
ھايات كەچمىشلىرىڭىز توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسە دەپ بېرەمدىكىن دەپ كەلدۇق.
مەن بىر ئۆمۈر شېئىر بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم، مەندىن باشقا نەرسە ئەمەس شېئىر چىقىدۇ، سىلەر يازغۇدەك تۈزۈك بىر نەرسە چىقماي قالارمىكىن!
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا ئالدىغا ئازراق قىمدىنىپ ئولتۇرۇپ، ھايات كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى باشلىۋەتتى...
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانى:
مەن 1940 – يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسىدا تۇغۇلدۇم، 1958 – يىلى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن چېنىقىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 1959 – يىلى چاپچال ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش پونكىتىغا ئورۇنلاشتىم، كېيىنچە چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئىشلىدىم. 1965 – يىلى غۇلجا ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئونيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، 1989 – يىلىدىن 2003 – يىلى ئارامغا چىققانغا قەدەر كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم. مەن ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئېلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانى:
مېنىڭ «ئىلى دەرياسى» ناملىق تۇنجى شېئىرىم «ئىلى گېزىتى»نىڭ 1998 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2000 پارچىغا يېقىن شېئىرىي ئەسەر ۋە نۇرغۇن ھېكايە، ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە 500 پارچىغا يېقىن ناخشا تېكىستىنى «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق» دېگەن نامدا ئىككى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم. 300 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل ئېلان قىلدىم، «تېنىگەن كۆڭۈل» ناملىق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمىلەر توپلىمىدىن باشقا، خاس شېئىرلار توپلىمىم 20 پارچىغا يەتتى. بولۇپمۇ مېنىڭ «ۋاي ئېسىت، ئونبەش چۆجەم» ناملىق ساتىرالار توپلىمىم ساتىرا ئىجادىيىتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شان – شەرەپلىرى ھەققىدىكى بايانى:
مەن نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، «سەن مەندەك بولالامسەن»، «دوستلارغا» ناملىق تۆت پارچە شېئىرىم تۆت قېتىملىق «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1992 – يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىرنىڭ بىرى بولدۇم؛ 2001 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم؛ «ئانا يەر قەسىدىسى» ناملىق توپلىمىم 1999 – يىلى مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 2014 – يىلى 11 – ئايدا غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى.ئېھسان ياغچىلىقى ماڭا تون كىيگۈزدى. 1998 – يىلى ئىلىدا، 2003 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، نەتىجىلىرىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھازىرغىچە يۇقىرىقىدەك ئىزچىل نەتىجىلەر بىلەن كېلىۋاتىمەن، ھازىر كىشىلەر قەدىرلەپ يوقلاپ تۇرىدىغان، ياشلار زىيارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان، قەلەمنى ھېلىغىچە تاشلىمىغان بىر شائىر بولۇپ قالغاندەك قىلىمەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا خەلق شائىرى بولۇپ قالدىم، بۇ، ئالدى بىلەن شېئىرلىرىمنىڭ خەلق قەلبىگە ياققانلىقىدىن بولدى، دەپ ئويلايمەن.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تېمىسى ئاخىرى يەنە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمىزمۇ سەزمەي قاپتۇق.
مۇھەممەتجان ئاكا، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا دەخلى قىلىۋاتامدۇ – قانداق؟
-مەن ساقسىز دېگەننى باھانە قىلىپ قەلەمنى تاشلىغىنى بولامدۇ؟! مۇشۇ كۈنلەردە قەلىمىم قەغەز ئۈستىدە ئارغىماقتەك چاپىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىرمۇ شېئىر، غەزەل، ناخشا تېكىستى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن.
خەلقىمىز سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ تويمايدۇ، شېئىر تېكىستلىرىڭىزگە ئىشلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلاپ قانمايدۇ، قەلىمىڭىزدىن بەرىكەت ياغسۇن ئاكا!
--رەھمەت، يازىدىغان نەرسىلىرىم بەك كۆپ، ئۆمرۈم بولسا قەلەمنى تاشلاش خىيالىم يوق!( مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، خالىدە ئوبۇل، مۇساجان مۇھەممەت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnawul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 12:04 PM  


20150316094352195[1].jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103612
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىق تېلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31325
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4242 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 01:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆتىۋەر ئۇستازىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرىجەملىك، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپەقىيەتلەر يار بولسۇن!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31325
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4242 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 01:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆتىۋەر ئۇستازىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرىجەملىك، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپەقىيەتلەر يار بولسۇن!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

يىگانەم سىز~~~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65045
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3880
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 02:01:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆتىۋەر ئۇستازىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرىجەملىك، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپەقىيەتلەر يار بولسۇن!

يالغۇزۇم سىز دىسەم يالغۇز قويدىڭىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5301
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 02:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ شائىرنىڭ شىئېرلىرىنى ئاجايىپ ئاجايىپ ياقتۇرىمەن، قەلبىمدە ئۇنىڭ ئالدىغان ئۆتىدىغان شائىر يوق، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئاچچىق ھىسلارغا تولغان شىئېرلىرى نەخ يۈرەككە بارىدۇ.

شائىرغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114312
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2015-2-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 02:22:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك سۆيۈپ ئوقۇيمەن بۇ ئادەمنىڭ شېئىرلىرىنى  . شائىرىمىزنىڭ , تىنىنىڭ سالامەت , ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن , قەلىمىنڭ تېخىمۇ بەركەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 03:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەتجان  راشىدىن  غولجا دىيارىدىنغۇ  دەيمەن ھە ؟

ئۇستازىمىزغا  ئۇزۇن  ئۆمۈر  ۋە مۇۋاپىقىيەت  تىلەيمەن  ..

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2080
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 03:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېرلىرىنىڭ تىلى ئاممباپ، چۈشىنىشلىك،تۇرمۇش پۇرىغى كۈچلۈك بولغاچقا نۇرغۇن شېرلىرى خەلىق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى، مۇشۇنداق شائېرلىرىمىزنىڭ تىنى سالامەت، ئومرى ئۇزۇن بولغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 04:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
م.راشىدىن ئۇستازنىڭ نۇرغۇن شېئىر توپلاملىرى كىتاپخانىلاردا تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن بىرەر توپلام ئوقۇساق يۇقۇرقىدىنمۇ بەكرەك تونۇشقا ئېرىشىمىز تورداشلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش