% g: N2 @' k( K/ z5 e7 _2 x ئۇرۇقلاش ھەققىدە ( خانىم- قىزلار ئۈچۈن)
$ E9 w |& r8 a U- S+ O3 E
- V- Y3 T1 I$ k( g/ Z ئەرھۆز
, M8 M4 l0 ?- N2 l
; i. e; H9 l1 \ ئەگەر ئۇرۇقلىماقچى بولسىڭىز، ئادەتتە قانداق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىسىز؟
" r F8 Z. q; w5 {# u! K5 C0 `
4 d) P6 x% y( S) a6 O5 T' E! g
ھازىرغا قەدەر ئۆزەم سىناپ باققان ئۇسۇللارنى دەپ باقاي، ئەتىگەنلىك چاي ياكى كەچلىك تاماق يېمەسلىك،ئىككى - ئۈچ كۈن پەقەتلا ئالما يېيىش ياكى سۇلا ئىچىش، ئورۇقلاش چېيى ئىچىش، ئورۇقلاش دورىسى يېيىش،جۇڭيىچە يىڭنە سانجىش، ھورداققا چۈشۈش، روزا تۇتۇش ( نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا روزا تۇتقاندا، بىر تەرەپتىن ساۋاپ ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇقلايمەن دەپ ئويلايتىم. ئەمما ساپ بولمىغان بۇنداق نىيەتتىن قانچىلىك ساۋاپ چىقار. ھازىر بۇنداق قىلمايمەن).
7 m# N, E6 h2 n: I: |. X
' Q4 w' q* Z% e* y/ o# {, Y$ X0 I8 f ئىسىمگە كەلگىنى مۇشۇنچىلىك. بۇلارنى سىناپ ھەقىقەتەن ئۇرۇقلىغان، بەزىللىرىنىڭ ئۈنۈمى تىز، ھەپتىسىگە 2-3 كىلو ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ، كەمچىللىكى بۇنداق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى توختاتقان ھامان، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى بەك يۇقىرى، رولى ۋاقتىنچە، بەزى ئۇسۇللارنىڭ بەدەنگە بىۋاستە زىيىنى بار. بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىك. ئىسىمدە شۇنداق تۇرۇپتۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوقۇغان چاغلىرىمدا، بىر ياتاقدىشىم ئەتىگەنلىك چاي ئىچمىسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دېسە، ھېچ بىر ئىككىلەنمەي، بىر مەۋسۈم ئەتىگەنلىك چاي ئىچمەي، ئالغان "مۇكاپىتىم" ئۆت ياللۇغى بولغان. بەلكىم ئۇ چاغلاردا ئۇچۇر ئۇنچىلىك تەرەققىي قىلمىغان دېسەك، ئەمما ھازىرمۇ توغرا بولمىغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقان ھەمشىرىللىرىم ئاز ئەمەس. دەۋر تەرەققىي قىلىپ توردا ھەرقانداق لازىملىق ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ، يەنىلا كونىراپ قالغان، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق ئۇسۇللارنى باشقىلاردىنلا ئاڭلاپ قارغۇلارچە قوللانمايلى.
% M, K, J5 P P. U- Y5 J, U3 c
مەن ئۆزەمنىڭ ئورۇقلاشقا بولغان تەجىربىللىرىمنى ھەم كۆز قاراشتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى سۆزلەپ بېرەي، ئوقۇپ ئىبرەت بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
: {+ ]1 e0 }" ^0 i: ? باشلانغۇچ،تۇلۇقسىزدا ئوقۇغان ۋاقىتلاردا ئۇرۇقلاش توغۇرلۇق گەپمۇ بولمايتى، تۇلۇق ئوتتۇردا، ئاز- تولا دوسلىرىمنىڭ، ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ يىلدىن يىلغا سەمىرىپ قالدىڭغۇ دېيىشلىرىدىن، سېمىزلىكنىڭ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ساغلاملىق بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئانچە بىلمەيتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىمتاھان ئەڭ مۇھىم، تاماقنى ياخشى يېيىش كېرەك دېگەن سۆزىگە بەكلا ئامراق ئىدىم.نەتىجىدە تۇلۇق ئوتتۇردىكى ئاخىرقى قېتىملىق بەدەن تەكشۈرۈشتە 71 كىلوغا چىققان.
( E( P; X4 i. R: Y! v7 P7 d, u1 t
ئالىي مەكتەپكە چىقىپ مەكتەپ ڧورمىسىنى تاشلىغاندىن باشلاپ، گۈزەللىككە بولغان ئاڭ شەككىلىنىشكە باشلىدى. قانداق كىيىم كىيىش، گىرىم قىلىش، چاچ ياساش بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئۆگىنەتتۇق. ھازىر ئۆگىنەي دېسە ھەتتا كومپىيوتىرمۇ كەتمەيدۇ، تىلىڧون بىلەنلا ھەممە ئۇچۇرنى ئىزدىگىلى بولىدۇ. شۇ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشلەر ئەڭ ئاۋۋال بۇ سىمىز بەدىنىمگە رازى بولماسلىقتىن باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى سىناپ باقتىم. مېنىڭ پۈتۈن ھېسىيادىم تىز سۈرئەتتە ئۇرۇقلاش بولغاچقا، چېنىقىش بىلەن تىز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايتىم.
1 |( z" l, ?$ F3 A" v5 @
ئىشقىلىپ يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ھەرخىل قىيناشلار بىلەن ئاخىرى ئۆزەمنى 61 كىلوغا چۈشۈردۈم. نەچچە يىلدىن كىيىن توي رەسىمىگە چۈشۈش ھەم توي كۆينىكىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن جاننى تىكىپ 57 كىلوغا ئەكەلدىم. يەنە كىيىن ئېغىر ئاياق بولۇپ،بالا تۇغۇپ، بالا ئىمىتىپ، بالا تۇغۇلۇپ ئىككى يىلدىن كىيىنمۇ 68 كىلودىن چۈشمىدىم. بۇرۇنقى رەسىملىرىمنى كۆرگەندە ئۇرۇقلاش كاللامغا كېلىپ قالمىسا، كارىم يوقتى. بىر كۈنى 9 .قەۋەتكە ئامالسىز پىيادە چىققىنىمدا، ئۆزەمىنىڭ نەچچە قېتىم توختاپ، ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ نەپىسىم يېتىشمەي،بېشىم قېيىپ تەستە چىقىۋاتقان ھالىتىمنى كۆرۈپ،بەك قورقتىم، ياش تۇرۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالسا قانداق بولغىنى، دەل شۇ ۋاقتىدا قاتتىق ئۇرۇقلاش نىيىتىگە كەلدىم.
# m1 B7 Z2 X. w8 c. a( w ئەقىلنىڭ ئېشىشى، ياشنىڭ چوڭىيىشى،كىشىنى ساغلاملىققا تېخىمۇ ئىنتىلدۈرىدىكەن. كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ خېلى ئىزدىنىشىم بىلەن ساغلام ئۇرۇقلاشقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ بىلىملەرنى قۇبۇل قىلدىم. ھازىرقى ئېغىرلىقىم 60 كىلو ئەتراپىدا.
& x% m) |, {% ~! I2 F8 p
7 F- V. O; \2 v, ] تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئۇسۇلۇم:
" c, j0 e5 q9 M j) y
ساغلام ئۇرۇقلاش ئۈچۈن، توغرا ئۇسۇل ئەڭ مۇھىم،ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەت بىلەن ئۇرۇقلاش، يەنى، يۈگۈرۈش، يەر بېغىرلاش، يېرىم قورساق قاتلاش، ئۇسۇل ئويناش، تانا سەكرەش، ئىشقىلىپ مىدىراش. بۇ ئارقىلىق قايتا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ( نىسبەتەن شۇنداق، ئەگەر ئۇرۇقلاپ بولۇپ پەقەتلا مېدىرلىمىساق،يەنىلا سەمىرىيمىز).
3 U! D. U _6 B5 rئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ، نېمە ئۈچۈن ئۇرۇقلايسىز؟ مېنىڭ ئۇرۇقلاشتىكى مەقسىدىم، ساغلام تەنگە ئېرىشىش. قىزىمنى بېقىپ قاتارغا قۇشۇش، يولدۇشۇم بىلەن ئاخىرغىچە بىرگە مېڭىش، ئاتا- ئانامنىڭ باققان ئەجرىنى ئاز-تولا بولسىمۇ قايتۇرۇش، بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن ماڭا ساغلام تەن لازىم. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىگەمنىڭ ماڭا بەرگەن ئۆمرى تېخىمۇ لازىم.
8 k r) o/ W9 U n! p
مەقسەت ئېنىق بولغاندىن كىيىن، ئەمدى ئېغىرلىقىڭىزنى ئۆلچەپ بېقىڭ، ئېغىرلىقىڭىز نۇرمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كېتىپتىمۇ. توردا ھەرخىل ئۆلچەش ئۇسۇلى بار. ئۇلانمىنى ئەۋەتتىم، ھېسابلاپ بېقىڭ.(بۇنداق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ مۇتلەق توغرا بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا كۆڭلىڭىزدە بىر سان بولىدۇ)
http://baike.baidu.com/view/93890.htm& r" c: @* C& V! z
ئېغىرلىقىڭىزنى ئۆلچەپ بولغاندىن كىيىن، نۇرمال ئېغىرلىقتىن قانچىلىك ئاشقانلىقىڭىزغا قاراپ ئۇرۇقلاش پىلانىنى تۈزىسىڭىز بولىدۇ.
, @- O0 |/ U( f7 b
مەسىلەن مېنى مىسالغا ئالساق، 29 ياش 168 كېلىدىغان بوي ئېگىزلىكى بىلەن، نۇرمال ئېغىرلىق55 كىلو ئەتراپىدا دېسەكمۇ، ئەينى چاغدا مەن 68 كىلو. ھېسابلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئىرادىڭىز شۇنچىلىك چوڭ بولىدىكى، تاغۇ دەريالارمۇ سىزنىڭ ئۇرۇقلاش نىيىتىڭىزنى توسالمايدۇ ؛)
# d( R z# ]4 g% ?4 w ?! U
تۈزىگەن پىلانىڭىز چوقۇم ئەمەلىي تۇرمىشىڭىزغا ماس كەلسۇن. يەنە بىر مۇھىم توقتا، ئۇرۇقلاش سەۋر- تاقەت تەلەپ قىلىدۇ. بىر ھەپتە ياكى بىر ئايدىلا ئۇرۇقلايمەن دەپ خىيال سۈرمەڭ.
7 S5 ?3 c/ a) Z* R مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ساغلام ئۇرۇقلاش ئارقىلىق ساغلام تەنگە ئېرىشىش، ساغلام تەنگە داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن،دائىم چېنىقىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش. ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەتنىڭ ساغلام تېنىڭىز ئۈچۈن بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
8 s$ f& u4 g+ Q) m: Y: ?4 Z$ m بەلكىم ياش قىزلىرىمىز ئەينى چاغدىكى ماڭا ئوخشاش توي رەسىمى ئۈچۈن، توي كىيىمى ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇقلايدىغانلارمۇ باردۇ. بۇلارنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ چۈشىنىمەن. ئەمما ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىغا ئىنتايىن دېققەت قىلايلى. ياش ۋاقتىدا ئادەم بەك قاپ يۈرەك بولىدىكەن. ئەگەر ھازىر ماڭا ئۇرۇقلاش دورىسىنى ئىچكىن ئۈنۈمى ياخشى دېسىمۇ سىنىمايمەن. بىرىنجىدىن ئىككى يىلنىڭ ياقى يەكۈنلەپ چىققان ئۆزەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم بار، قاچان قانداق چېنىقىش دېگەندەك، ئىككىنجىدىن دورا يەنىلا دورا، خېمىيىلىك تەركىبى،ئەكىس بار، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
7 G! e" ]! N# D- O) e9 R. S
v4 g) H, W5 p- q تەجىربەمنى يەكۈنلىسەم:
+ Y# a& j; \+ v( t2 X6 j1. ئاۋۋال ئويلىشىدىغان مەسلە، سىزگە ئۇرۇقلاش زادى لازىممۇ. مەنچە ئۆز بەدىنىگە رازى بولماسلىق،بىر تەرەپتىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كاملىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. يېڭى ئالىي مەكتەپكە چىققاندا، سىمىزلىكتىن ئۆزەمگە ئىشەنچىم يوق دەپ ئويلىغان. ئۇچاغدا بەدەنگە زىيان يېتەمدۇ بۇنى قەتئىي ئويلاشمىغان،قانداق قىلسام تىز ئۇرۇقلاپ ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەمنى تاپىمەن دېگەنلا مەقسەت بار ئىدى. كىيىن ئۇرۇقلاپمۇ باقتىم، ئەمما ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەم بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ كېمىيىشى بىلەن ئېشىپ قالمىدى. شۇ ۋاقتىدا مەسلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشتە ئەمەس، بەلكى ئىچكى مەسلىدە ئىككەنلىكىنى ھېس قىلدىم. نۇرغۇن يىللار تىرىششىم ئارقىلىق مەنچە ھازىر بۇ مەسلىنى ھەل قىلدىم دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭغا ھەمشىرىلىرىمگە دەيدىغىنىم، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنى سىرتقى كۆرىنىشىڭىزدىنلا ئەمەس، ئىچكى دۇنيارىڭىزدىن ئىزلەڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز،ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچە مۇستەھكەم بولىدۇ، ھەرگىزمۇ سىرتقى كۆرىنىشىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر نۇرمال بەدەن ئېغىرلىقىدا بولسىڭىز، قەرەلىك ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن سۈپىتىڭىزنى ساقلاشنى ئاساس قىلىڭ. ساغلام تەن بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم.
% i3 a) E, P1 w3 K0 M
0 Y& m' l5 `0 C2 y* [- ^- h/ u
2. ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىغا كەلسەك، تىز ئۈنۈمنى قوغلاشماڭ. يەنىلا شۇ گەپ، ئۇرۇقلاشتىكى مەقسەت ساغلام بەدەن بولۇش ئۈچۈن. ئۇسۇل توغرا بولمىسا، ئۆزىمىزگە ئۆمۈر بويى كېسەل تېپىۋالىمىز. بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇللىرىمدىن،بىر ۋاق تاماقنى پۈتۈنلەي يېمەي ئۇرۇقلاشنى تولا قوللانغان، ئۈنۈمى تىز، ئەمما بىر مەزگىل توختاتقاندىن كىيىن، يەنىلا ئەسلى بەدەن ئېغىرلىقىغا كېلىپ قالاتتى. شۇنىڭغا ئاشقازىنىم ھازىرغىچە ياخشى ئەمەس، گەرچە بۇ ئۇسۇلنى قوللانمىغىلى5 يىل بولغان بولسىمۇ، تاماققا ئازراق دېققەت قىلمىساملا، ئاشقازىنىم ئاغرىشقا باشلايدۇ. 3 ۋاق تاماقنى چوقۇم يېيىش كېرەك. ئەمما كەچلىك تاماقىنىڭ نۇرمىسىنى ئازراق كونتىرول قىلسا بولىدۇ.
1 E6 J, W7 o" ]+ L# I
5 E" e V) @) ~& l, \9 r9 D( s
3. مېنىڭ قوللانغان ئۇسۇلۇم ئاساسلىقى چېنىقىش. بەلكىم ھەممىڭلارنىڭ بىرىنجى ئىنكاسى، ۋاقىت يوق، ۋاقىت بولسىمۇ، ئورۇن يوق،ئورۇن بولسىمۇ، چېنىقىش ئەسۋابى يوق دەيسىلەر. مەنچە ئۆيلا ئەڭ ئېسىل چېنىقىش ئورنى. ئالاھىدە پۇل خەجلەپ ئەسۋاپ ئېلىشنىڭمۇ ئورنى يوق. مېنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قوللانغان ئۇسۇلۇم،كەچلىك تاماقنى تويغىچە يېمەسلىك پىرىنسىپى بىلەن كۈندە 5مىنۇت ياكى ھەپتىدە 3 قېتىم 15مىنۇتتىن ئورنىدا تۇرۇپ يۈگرەش. ئەنسىرمەڭ ،پەستە ئولتۇرغان خوشنىڭىزغا دەخلى يەتمەيدۇ. ئۆيىڭىزدە گېلەم بولسا، گېلەمنىڭ ئۈستىدە يۈگرەڭ(ئاۋاز چىقمايدۇ)،بولمىسا ئاشخانىدا،بالكوندا يۈگۈرسىڭىز باشقىلارغا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇ رېتىمغا كۆنگەندىن كىيىن، ئاز-تولا ھەرىكەت قوشسىڭىز بولىدۇ. توردا نۇرغۇن ھەرىكەتلەر بار، ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىشىغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ھەرىكەتلىرىم تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا.
6 i; `5 ?, M% l/ R. B2 K: W+ [% F http://v.youku.com/v_show/id_XNzM4NzczODM2.html?from=s1.8-1-1.2
: X& C8 U5 L9 H) C5 R5 Ihttp://v.youku.com/v_show/id_XNjQ2NzAwNDUy.html
. `% S; }! V2 e4 n' x" i+ H5 v ئۆزەمگە قويىدىغان تەلىپىم، كۈندە پەقەت 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ھەرىكەت ئىشلەش. مەسىلەن، 2 مىنۇت ئورنىدا تۇرۇپ يۈگرەش، 1مىنۇت يېرىم قورساق قاتلاش، 3 مىنۇت سەكراش دېگەندەك. قانداق ئىشلەش ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكىدە. ئەڭ مۇھىمى بەدەننىڭ ئىلاستىكىلىقىنى،ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلاش. ئەلۋەتتە ھەرىكەت قىلىشتىن ئاۋۋال بەدەن قىزىقتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بەدەن قىرىقتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرىكەت كەتمەيدۇ، باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرغىچە تەنھەركەت مۇئەللىمىنىڭ ئۆگەتكەن ھەرىكەتلىرىلا كۇپايە.
. Q5 X1 o$ ]" g, C! b
7 K G" O+ R/ X
مەن 2 يىل سەرپ قېلىپ 68 دىن 60 قا چۈشتىم. بۇ يەردە ھەممىمىز چوقۇم ئۇرۇقلاش كېرەك دېگىنىم ئەمەس. ئەگەر نۇرمال بەدەن ئېغىرلىقىدا بولسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقىغا رازى بولسىڭىز، ئۇرۇقلاشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق. مېنىڭ دەيدىغىنىم، تەن ساقلىق زور بايلىق. ساغلام بەدىنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە كۈندە 5-10 مىنۇت ۋاقىت ئاجىرتىپ، سەكرەپ، يۈگرەپ، ھەرىكەت قىلايلى.
! }( j& q# q) c3 M4 V$ L1 c, R4 T
1 W5 n3 }" y! t% p6 `4 v7 f( m خۇلاسەم، ئۇرۇقلاش ساغلام بەدەن ئۈچۈن،تەننىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن توغرا ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى. ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، پەقەتلا ۋاقىت ھەم كۈچ سەرپ قىلىش.
8 H+ F8 H. {; g8 z8 B
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشBBC نىڭ " ئۇرۇقلاشتا بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ئىش" ڧىلىمى، ۋاقتىڭلار چىققاندا كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇرۇقلاشتىكى كۆز- قارشىڭلارغا تەسىرى بولۇپ قالا.
- k; v3 a( K% e3 F) m) ^http://v.youku.com/v_show/id_XNTYyODM5MjE2_rss.html
- L. R1 u4 V1 r$ w: t
; e; D: y6 c0 |. [) uئەگەر سىلەرنىڭمۇ توغرا ئۇرۇقلاش ھەققىدە ياخشى تەۋسىيەرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر، تەڭ كۆرۈپ، بىرگە ئۆگەنسەك بولىدۇ. رەھمەت!
9 v1 \1 W- i; ]6 D