شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىلدى
6- ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھەر دادامتۇيېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا قاسىم سىدىق ۋە بۇتەتقىقاتقا يېڭىدىن قاتناشقان ئابدۇقاھار ئابدۇللا شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق نۇقتىدىن ئىلمىي شەرھىيلىدى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىلىدىكى ھەرقايسى ئالىي، كەسپىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ، مۇشۇساھەگە قىزىقىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلات يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلىدى
.
قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگەبولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ 1978-يىلى «ئىمپولۇس يۇلتۇزلار» ناملىق كىتاب بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن باشلانغان. بۇ كىتاب ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى يەر شارى، ئاسمان جىسىملىرى ۋە كەڭ كائىناتتىكى سىرلىق ئاجابىيات قوينىغا سۆرەپ، بۇ ھەقتە تەپەككۇريۈرگۈزۈشكە ئۈندەيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ تەبىئەت دۇنياسى، ئاسمان جىسىملىرى،ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ھەققىدە توختاۋسىز ئىزدەندى. بۇ جەرياندا ئۇ تەدرىجى كىلاسسىك فىزىكىنىڭ بەزى قاراش ۋە نۇقتىئىينەزەرلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئەسلى بۇلاردىن گۇمانلىنىشقا بولمايتتى. چۈنكى نيۇتون، ئېينېشتېيىن قاتارلىق ئىلىم-پەن ساھەسىگەزور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملار بۇ قاراشلارنى دەلىللىگەن ۋە بېيىتقانىدى. بىراق ئىلىم-پەن ساھەسى ھامان ئەنئەنىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگەئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى تېخى بوۋاق ھالەتتە تۇراتتى. شۇڭا قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدەندى
.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى «بوشلۇق نەزەرىيەسى» نامىدا ئوتتۇرىغا قويدى. 1990-يىلى ئۇ غۇلجا ناھىيەلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدە تۇنجى قېتىم «بوشلۇق نەزەرىيەسى» ھەققىدە نەزەرىيەۋى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئالەم، ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا مۇشۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى نوپۇزلۇق قاراشلارغا «جەڭ» ئېلان قىلدى شۇ تەرىقىدە ئۇئۆزىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىرىنى تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدى. غۇلجا، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. گەرچە ھەر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭ غەيرىتىگە،جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلار چىقمىدى. چۈنكى بۇ ئالدىراپ باھا بەرگىلى بولىدىغان تېما ئەمەس ئىدى.كېيىنچە بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاسىم سىدىققا ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ تېخى ئادەتتىكى نەزەرىيە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى يەنىمۇئىچكىرىلەپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەجرىبەئۈسكۈنىلىرى كەمچىل، ئىقتىساد يار بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن ئاددى ۋە ئەنئەنىۋى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى دەل قاسىم سىدىقنىڭ 37 يىلدىن بۇيانقى شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنى دەلىللەيدىغان نەق مەيدان پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ ئاددىي تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم دەۋرىي بولىدۇ، كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋر قىلىدىغان ئالەمنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ؛ مۇتلەق تىنچ بولغان نيۇتونچە ماكان-يوقلۇق مەۋجۇد؛ ئوبيېكتىپ زامان ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس،ئالەمدىكى بارلىق ماسسا ئېنېرگىيە تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە؛ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرىي ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛ نيۇتوننىڭ تارتىش كۈچى ئىدىيەسى، ئېينېشتېيىننىڭ ماكان -زامان ئىدىيەسى چەكلىمىلىككە ئىگە، دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنى ئىلمىي شەرھىلەپ ئۆتتى ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلاتى پات ئارىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئالدىن ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمىتى ئىكەن. ئەگەر شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورمىسىنىڭ تەجرىبىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇ تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، نيۇتون مىخانىكىسى، ئېينېشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە كۇۋانت مىخانىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماكان، زامان، ئۈزۈلمىلىك، ئۈزلۈكسىزلىك قاتارلىقلارنى مەركەزقىلغان زىددىيەت ۋە تالاش -تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلىدىكەن ھەم ئىلىم-پەن ساھاسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك رول ئوينايدىكەن.
قاسىم سىدىق بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: <<شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىنى پەقەت مۇكەممەل ئۇقۇم ۋە ئىدىيەسىستېمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەزەرىيەنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى نۇرغۇن يادرولۇق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ دەلىللىشىنى قولغاكەلتۈرۈش بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. بۇ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئالاقىدار ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن››
نۇرمۇھەممەت ئەخمەت
(ئۆز موخبىرىمىز)
ماياتنىكتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تېئورېمىچە ئېغىش تەجىربىسىدىن دوكلات
ئابدۇقاھار ئابدۇللا
تەجىربە مەقسىدى:
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىزلىغىنى ئىسپاتلاش.
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنىڭ بايانى
ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىملار ئوقىدا ئايلىنىشتىن كېلىپ چىققان سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا تەرەپكە ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
تەجىرىبە ئەسۋاپلىرى
ئېلېكتىر ماتۇر:ئومۇمى ماسسىسى:0.608 كىلوگىرام،روتۇر ماسسىسى:0.228كىلوگىرام،ئايلىنىش تىزلىكى:40 قىتىم (سىكۇنت)
110 ۋولىتلۇق ئىلىكتىر مەنبەسى.
ماياتنىك يىپىى:ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مىتىر بولغان ئىلىكتىر سىمى.
تەجرىبە پىرىنسىپى
ماياتنىك تەۋرىنىش جەريانىدا ئېغىرلىق كۈچى ۋە ماياتنىك يىپنىڭ تارتىش كۈچى تەسىردە ۋېرتىكال تەكشىلىكتە تەۋرىنىش ياسايدۇ.بۇ جەرياندا كورىئولىس كۈچى قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ ۋېرتىكال تەكشىلىكتىن ئېغىشىدۇ.ماياتنىك شارچىسى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ تەۋرىتىلىگەن شارائىتتا بېرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئىففىكتىنىڭ تەسىردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بۇ تەجرىبىدە بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئىففىكتىنىڭ تەسىردىن ساقلىنىش مەخسىتىدە تاشقى قېپى ئايلانمايدىغان ئېلېكتىر ماتۇر ماياتنىك بىشى قىلىنىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلدى.
تەجرىبە باسقۇچى
ئېلېكتىر ماتۇر ئۈچ مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېىلېكتىر سىمغا ئۇلىنىپ تورۇسقا ئېسىلىدۇ ۋە 110 ۋولتلۇق تۇراقلىق توكقا ئۇلىنىدۇ.ئايرىم -ئايرىم ئايلاندۇرۇلمىغان، سائەت ئىستىرىلكىسىغا قارشى ئايلاندۇرۇلغان سائەت بويۇچە ئايلاندۇرۇلغان ئۈچ خىل ئىغىش سانلىق مەلۇماتلىرى خاتىرلىنىدۇ.ماتۇر سائەت ئىستىرىلكىسى بويۇچە ئايلاندۇرۇلغاندىكى ماياتنىك تىرايكتۇريىسى ئېغىشتىن خاتىرلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىدەك:
تەجرىبە نەتىجىسى ۋە خۇلاسىسى
تەجرىبە ۋە ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشلاردىن ئايان بولدىكى شەكىل نەزىريەسى 29- تېئورېمىسىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت.ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئوڭ قول قائىدىسى بويىچە بەلگىلىنىدۇ.يەنى جىسىم ياكى زەرىچىلەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىكى بۇلۇڭلۇق تېزلىك يۆنۈلىشى ئالقاندىن تېشىپ ئۆتكەن تۆت بارماقنىڭ يۆنىلىشى ئۇلارنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولسا،باشمالتاق كۆرسەتكەن يۆنىلىش ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى
بولىدۇ.
بۇ خىل ئېغىش كۈچىنىڭ چېتىلىش دائىرلىرى
1. ئالەملىك تارتىش كۈچى
بۇنداق ئېغىش كۈچى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەمىلى مىقدارلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
2. دې بېروگلى ماددى دولقۇن قىياسى
دې بېروگلى ئوتتۇرغا قويغان ماددى دولقۇن قىياسىدىكى دولقۇن ھەقىقى ماددى دولقۇن بولماي شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان 29-تېئورمىچە ئېغىش ۋەجىدىن كىلىپ چىققان زەررىچىنىڭ ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن.
3 .يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى
يورۇقلۇقنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسيىتىمۇ ماھىيەتتە ئايلىنىۋاتقان فۇتۇننىڭ 29-تېئورېمىچە ئېغىشتىن كىلىپ چىققان ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن.
مەنبە: "ئىلى كەچلىك گىزىتى" 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى سانى.